باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1196 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بارلىق ماختاش ئۇلۇغلاش ئاللاھقا خاستۇر
ئادەمنىڭ تۇغلىشى مۆجىزە ، ياشىشى ھىكمەت ،ئۈلىمى& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9200
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-08
ئاخىرقى: 2011-10-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-11 05:29

بارلىق ماختاش ئۇلۇغلاش ئاللاھقا خاستۇر


قولۇمدىن كەلمىدى گۇناھسىز ياشاش،
ئاجىزلىق تەبىئىتىم كەلگەندە غالىب.
ھەر سۇنغان ئىرادەم-غورۇرلىرىمنى
تۈزلىدى ئىلاھىم غەيرەتلەر بىرىپ.



ۋاقىتنىڭ سىزىقى ئۇزارغانسىرى،
زەي ئۆتتى توسمىلار قاتقاتلىرىغا،
ئىمانىم ئىسلامدىن خۇرۇچلار توپلاپ،
ئىشلىدىم باش ئەگمەي داۋانلىرىغا.

چارچىدىم ھاياتنىڭ سىناقلىرىدا،
تاپانلار تېشىلدى يانتاقلىرىدا.
ئۆمۈلەپ يۈرەرمەن يەككە-يىگانە
كۆرەشنىڭ توپلۇمسىز سەرسانلىقىدا.

ئىرادەم، ئىمانىم قالدى بوھراندا،
ئىسلامنىڭ ھامىيسىز دەۋرانلىرىدا،
ئايلاندىم ئاخىرى خورلۇق قىسمەتنىڭ
دەھشەتلىك ئاۋارە-ۋەيرانلىرىغا.

سەجدىدىن كۆزۈم ياش، مىھرىبان اللا
تاپقاندا، تېلىدىم سىنىڭدىن ئەجەل.
ۋەلىكىن ئەزرائىل كەلمىدى يەنە
مەن بولدۇم يېڭى بىر گۇناھقا بەدەل.

ھەمىشە ئازاپنىڭ دەشتىدە ئىڭراپ.
تۆۋبىكار بولماققا تېرىشتىم تالاي.
ئىلاھىم كۈچ قۇۋەت بەرگەيسەن ماڭا
 ئىمانىم ،دىنىمدامۇستەھكەم تۇراي.

بىلدۈردۈڭ دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى،
كىملىكىم، كىملىكىڭ مەقسەتلىرىڭنى.
ۋەلىكىن بەندىلىك سالاھىيىتىم
غەنىمەت بىلمىدىم نىئمەتلىرىڭنى.

ئىنسانىي ئاجىزلىق شىكايىتىمدۇر.
يىگانە ئاللاھىم ماڭا مەدەت بەر.
ئىرادەم-ئىمانىم ئىسلامدىن ئۆزگە
ھېچ سايە تاپمىسۇن، سەن بىر سەۋەپ بەر.

كۆرپىلەر ئۈستىدە ئېغىناپ يېتىپ،
سەن بىلەن ئۇچراشماق ئەمەس ئستىگىم.
گۇناھكار جىسمىمنى كۇكۇم-تالقان قىپ،
شەھىدلىك يولىدا ئۆلمەك تىلىگىم.

دۇنيانىڭ خارلىقى، مەھشەر زارلىقى
شەرمىسار ئەپتىمنى كۆرسەتمە ماڭا.
ئىقرارمەن گۇناھىم-قىلمىشلىرىمغا                       
تىلەيمەن-مەغفىرەت بەرگەيسەن ماڭا.

دىلىمنى پاكلىغىن قاساۋىتىمدىن. 
رەھمەتكە ئالغىنسەن ئاداۋىتىڭدىن.
مەن ئاجىز بەندىمەن، سەن مىنىڭ رەببىم
ئەي رەببىم ئاتا قىل، جەننەتلىرىڭدىن.

نىئمىتىڭ بەكمۇ كۆپ، شۈكرى ئاللاھىم.
قەلبىمگە تەۋرەنمەس ئىماننى بەرگىن.
سەن مىنى ياراتتىڭ مىننەت قىلمىدىڭ ،
ئې..رەببىم سەبرىنى ھەسسىلەپ بەرگىن.

مۇشرىكلار ئالدىدا خار قىلماق ئۈچۈن .
شەيتانلار شەررىگە چۈشۈرمە قايتا.
كەتكەنگە ئامال يوق، كەلگۈسىمىزنى
رەھمەتلەر ئەيلىگىن بەندەڭگە اللا
سەن مىنىڭ ئىلاھىم ،پەرۋەردىگارىم.
تەۋرەنمەس ئىماننى تىلەيمەن سەندىن.
ئاجىزلىق بىزلەردىن ساڭا شىكايەت،
تەۋبەمنى  قوبۇل قىل مىھرىبان.. تەڭرىم .

ھەقىقەت



[ بۇ يازمىنىسۈبىھى 2011-10-11 06:22قايتا تەھرىرلىدى ]
رەببىم اللا ، دىنىم ئىسلام ، قانۇنۇم قۇرئان. يول باشچىم مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم....
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2354
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2354دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29026 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-11 09:49

بەلەن شېئركەن
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ