باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1155 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھىجران تەزكىرىسى
ئادەمنىڭ تۇغلىشى مۆجىزە ، ياشىشى ھىكمەت ،ئۈلىمى& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9200
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-08
ئاخىرقى: 2011-10-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 16:39

ھىجران تەزكىرىسى




جىمجىتلا بىر سۈيۈپ كەتكەنتىڭ چۈشتەك،
جىمجىتلا لەيلىگەن ئىدى قوللۇرۇڭ.
ياپراقلار ئۈنىگەچۆكتى خۇرسىنىش،
يول ئەمەس،باغرىمدا قالدى ئىزلىرىڭ... ,  



 
يۇلتۇزلار كۈكىدىن ئايرىلمىغاندەك، .
ئايرىلىپ باقمىغان ئىدىم سىنىڭدىن.   
سېغىنغان چېغىمدا تۇردۇم دىرەكلەپ، _ 
سەن قەدەر سوزۇلغان چىغىر يۇلۇمدىن .    



جىمجىتلا بىر سۈيۈپ كەتكەنتىڭ چۈشتەك،  
سىرلىق بىر قۇتۇپقا ئايلاندىڭ ئەمدى.
قەلبىمدە زەررىلەر تۈگۈنى ئۈزۈڭ .
يۇلتۇزغا تولدۇرغان كىچىللىرىمنى!
 



  
يىغلاپمۇ باقمىغان ئىدىم پەقەتلا ، ,  
نەقەدەر رومانتىك ھىجران يىغىسى.  
كاچكوللار كۈزىدەك تىترەك خۇرسىنىش -  
بوپقالدى مەن ئۈچۈن بىلسەڭ ھەممىسى.     
 




تامچىدىم قەترە بوپ جىمجىت تۈنلەرگە ،  
بۇغۇلدۇم ئارمانلار باغرىدا مىسكىن.  
پخسىدى چۈشلۈرۈم كۆرەلمەي سىنى، 
ھىدىمنى ئەۋەتكەن باردىمۇ غەمكىن.
ئېپ كەتكەن ئىكەنسەن مىنىمۇ بىللە ،



  
قالدۇرۇپ مۇڭلارغا پاتقان ناخشىنى
بارخانلار قوينىدا يۈرۈرمەن ئىزدەپ،  
ياللىدە بىر چاقناپ ئۆچكەن شولىنى ....





يۈرىكىم يېرىلغان چېغىدا چاڭقاپ ،  
سەن كەزگەن باغلاردا سۆيدىم گۈلۈڭنى.
غازاڭ بوپ تۈكۈلگەن گۈللەر تۈۋىگە،   
بىر شەكىل ياساپ يار.سىنىڭ ئىسمىڭنى . . 
 






ھىلالسىز كۈلبەمدە سەن شۇنچە يەكتا،
نەقەدەر رومانتىك ھىجران يىغىسى. 
قارايغان قاشلارغا چاقنايدۇ كۆزۈڭ ،  
سەن دەريا ....سەن قۇياش،ھەتتا ھەممىسى


سۈبىھى؛ 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى


رەببىم اللا ، دىنىم ئىسلام ، قانۇنۇم قۇرئان. يول باشچىم مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم....
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9014
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 135
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە135دانە
ئۆسۈش: 290 %
مۇنبەر پۇلى: 1557 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-23
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-11 00:14

بۇ يەردىمۇ بىرسى تۇردغۇ بۇنمۇ دۇكاندىكى قىز يازغانما!!!   
دۇنيادىكى ئەڭ باغرى يۇمشاق مىللەت ۋە مۇھەببەت نەپرتى ئېنق بولمغان مىللەت؟