جىمجىتلا بىر سۈيۈپ كەتكەنتىڭ چۈشتەك، جىمجىتلا لەيلىگەن ئىدى قوللۇرۇڭ. ياپراقلار ئۈنىگەچۆكتى خۇرسىنىش، يول ئەمەس،باغرىمدا قالدى ئىزلىرىڭ... ,
يۇلتۇزلار كۈكىدىن ئايرىلمىغاندەك، . ئايرىلىپ باقمىغان ئىدىم سىنىڭدىن. سېغىنغان چېغىمدا تۇردۇم دىرەكلەپ، _ سەن قەدەر سوزۇلغان چىغىر يۇلۇمدىن .
جىمجىتلا بىر سۈيۈپ كەتكەنتىڭ چۈشتەك، سىرلىق بىر قۇتۇپقا ئايلاندىڭ ئەمدى. قەلبىمدە زەررىلەر تۈگۈنى ئۈزۈڭ . يۇلتۇزغا تولدۇرغان كىچىللىرىمنى!
يىغلاپمۇ باقمىغان ئىدىم پەقەتلا ، , نەقەدەر رومانتىك ھىجران يىغىسى. كاچكوللار كۈزىدەك تىترەك خۇرسىنىش - بوپقالدى مەن ئۈچۈن بىلسەڭ ھەممىسى.
تامچىدىم قەترە بوپ جىمجىت تۈنلەرگە ، بۇغۇلدۇم ئارمانلار باغرىدا مىسكىن. پخسىدى چۈشلۈرۈم كۆرەلمەي سىنى، ھىدىمنى ئەۋەتكەن باردىمۇ غەمكىن. ئېپ كەتكەن ئىكەنسەن مىنىمۇ بىللە ،
قالدۇرۇپ مۇڭلارغا پاتقان ناخشىنى بارخانلار قوينىدا يۈرۈرمەن ئىزدەپ، ياللىدە بىر چاقناپ ئۆچكەن شولىنى ....
يۈرىكىم يېرىلغان چېغىدا چاڭقاپ ، سەن كەزگەن باغلاردا سۆيدىم گۈلۈڭنى. غازاڭ بوپ تۈكۈلگەن گۈللەر تۈۋىگە، بىر شەكىل ياساپ يار.سىنىڭ ئىسمىڭنى . .
ھىلالسىز كۈلبەمدە سەن شۇنچە يەكتا، نەقەدەر رومانتىك ھىجران يىغىسى. قارايغان قاشلارغا چاقنايدۇ كۆزۈڭ ، سەن دەريا ....سەن قۇياش،ھەتتا ھەممىسى
سۈبىھى؛ 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى
|