باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1156 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھىجران تەزكىرىسى
ئادەمنىڭ تۇغلىشى مۆجىزە ، ياشىشى ھىكمەت ،ئۈلىمى& ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9200
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-08
ئاخىرقى: 2011-10-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 16:39

ھىجران تەزكىرىسى




جىمجىتلا بىر سۈيۈپ كەتكەنتىڭ چۈشتەك،
جىمجىتلا لەيلىگەن ئىدى قوللۇرۇڭ.
ياپراقلار ئۈنىگەچۆكتى خۇرسىنىش،
يول ئەمەس،باغرىمدا قالدى ئىزلىرىڭ... ,  



 
يۇلتۇزلار كۈكىدىن ئايرىلمىغاندەك، .
ئايرىلىپ باقمىغان ئىدىم سىنىڭدىن.   
سېغىنغان چېغىمدا تۇردۇم دىرەكلەپ، _ 
سەن قەدەر سوزۇلغان چىغىر يۇلۇمدىن .    



جىمجىتلا بىر سۈيۈپ كەتكەنتىڭ چۈشتەك،  
سىرلىق بىر قۇتۇپقا ئايلاندىڭ ئەمدى.
قەلبىمدە زەررىلەر تۈگۈنى ئۈزۈڭ .
يۇلتۇزغا تولدۇرغان كىچىللىرىمنى!
 



  
يىغلاپمۇ باقمىغان ئىدىم پەقەتلا ، ,  
نەقەدەر رومانتىك ھىجران يىغىسى.  
كاچكوللار كۈزىدەك تىترەك خۇرسىنىش -  
بوپقالدى مەن ئۈچۈن بىلسەڭ ھەممىسى.     
 




تامچىدىم قەترە بوپ جىمجىت تۈنلەرگە ،  
بۇغۇلدۇم ئارمانلار باغرىدا مىسكىن.  
پخسىدى چۈشلۈرۈم كۆرەلمەي سىنى، 
ھىدىمنى ئەۋەتكەن باردىمۇ غەمكىن.
ئېپ كەتكەن ئىكەنسەن مىنىمۇ بىللە ،



  
قالدۇرۇپ مۇڭلارغا پاتقان ناخشىنى
بارخانلار قوينىدا يۈرۈرمەن ئىزدەپ،  
ياللىدە بىر چاقناپ ئۆچكەن شولىنى ....





يۈرىكىم يېرىلغان چېغىدا چاڭقاپ ،  
سەن كەزگەن باغلاردا سۆيدىم گۈلۈڭنى.
غازاڭ بوپ تۈكۈلگەن گۈللەر تۈۋىگە،   
بىر شەكىل ياساپ يار.سىنىڭ ئىسمىڭنى . . 
 






ھىلالسىز كۈلبەمدە سەن شۇنچە يەكتا،
نەقەدەر رومانتىك ھىجران يىغىسى. 
قارايغان قاشلارغا چاقنايدۇ كۆزۈڭ ،  
سەن دەريا ....سەن قۇياش،ھەتتا ھەممىسى


سۈبىھى؛ 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى


رەببىم اللا ، دىنىم ئىسلام ، قانۇنۇم قۇرئان. يول باشچىم مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم....
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 324
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە324دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 4779 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-29
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 22:10

<< شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆز ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ ئۇلار قىلمىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق، دەپ سۆزلەيدۇ. پەقەت ئېمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، اللەنى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا؛ زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ!>> ( سۈرە شۇئەرا 224-ئايەتتىن 227-ئايەتكىچە ).
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!