ھاياتلىق ئىزدەش
(ھېكايە)
ئابدۇسالام مۇھەممەد بەگزات
ئاپتور ئىلاۋەسى: 2005 - يىلى شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە رەسەتخانىسىدىكى بىر تەتقىقات گورۇپپىسى ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىغا ئوخشايدىغان بىر پىلانتنى بايقاپ بۇ پىلانتقا «دەرىجىدىن تاشقىرى يەرشارى» دەپ نام قويغان. مەزكۇر پىلانت يەر شارىدىن 50 يورۇقلۇق يىلى يېراقلىقتىكى بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىش دەۋرى 9.5 كۈن ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە بۇ پىلانت ئېھتىمال تاغ جىنىسلىرىدىن تەركىب تاپقان، شۇنداقلا بۇ پىلانتتا شالاڭ ھاۋا قاتلىمىنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. لېكىن بۇ پىلانتنىڭ كۈندۈزدىكى تىمپېراتورىسى 600 گرادۇسقا يېتىدىكەن؛ دەل شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكىدىكى ئۈچ ئالەم تەتقىقات گورۇپپىسى بىرلىكتە يەرشارىدىن 500 يورۇقلۇق يېلى يېراقلىقتىكى لىرا يۇلتۇزلار تۈركۈمى جايلاشقان ئورۇندىن يېڭى بىر پىلانتنى بايقىغان، لېكىن بۇ پىلانت گازدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يەر يۈزى قىسمىنىڭ تىمپېراتۇورىسى 815 گرادۇسقا يېتىدىكەن. يەنە شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئامېرىكىدىكى ئىككى تەتقىقات گورۇپپىسى يېڭىدىن ئىككى پىلانتنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن ئوخشاشلا بۇ پىلانتلاردىمۇ جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇمكىن بولىدىغان شارائىت يوق ئېكەن.
يەر شارى ئۆز ئوقىدا ئايلانغاندا ئىچكى مەركىزىدىكى سۇيۇقلۇق مىقدارى ئۆز ئارا ئارلىشىپ ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدۇ. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىدىن كېلىپ چىققان مەركەزدىكى ھەرىكەت يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى يەرشارى ماگنىت مەيدانىنىڭ ئىككى قۇتۇپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر يەرشارى ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشى باشلانسىلا يەر شارىدا 7000 يىل ئىچىدە جەنۇب - شىمال ئالمىشىشتەك چوڭ ئۆزگىرىش تاماملىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال بىر مىليۇن يىلدا ئىككى - ئۈچ قېتىم يۈز بېرىدۇ، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقىنىنى بىلمەيدۇ.
2008 - يىلى يەر شارى ئېكۋاتورنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر قېسىم رايۇنلار ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى ۋە ئېنفرا قىزىل نۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئالەم تەتقىقات ئالىملىرى جەنۇبىي قۇتۇپ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئوزۇن قاتلىمىنىڭ تېشىلگەن ئورنىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلش ۋە يەرشارى كېلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتى ياساش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر ھېكايە مانا مۇشۇ تەسەۋۋۇرنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلدى.
خەلقئارا ئالەم تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە جايلاشقان كۆزىتىش بۆلۈمىدە نۇر سۈزگۈچ تېلېسكوپ بىلەن ئالەم بوشلۇقىنى كۈزىتىۋاتقان دوكتۇر ئارسلان كۆرۈش مەركىزىدە پەيدا بولغان رەڭلىك يورۇق سىزىقچىنىڭ يەرشارىغا شىددەت بىلەن يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىشىش سىستېمىسىغا بىۋاستە ئۇلانغان كومپيۇتېر ئېكرانىدىمۇ نورمالسىزلىق كۆرۈلمەكتە ئىدى. پۈتۈن زېھنى بىلەن كومپيۇتېر ئىكرانىغا تىكىلىپ ئولتۇرغان تەتقىقاتچىلار ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇرغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىرەر رادىئاتسىيلىك ھادىسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى پەرەز قىلىشتى.
-نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرى يەرشارىنىڭ ئېكۋاتور رايونىغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ،-دېدى ئارسلان تېلېسكوپتىن كۆزىنى ئالماي تۇرۇپ،-يەنە قىرىق سېكۇنتتىن كېيىن يەرشارىغا يېتىپ كېلىدۇ، ئېھتىمال بۇ ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى ياكى ئېنفرا قىزىل نۇرىغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خىل رادىئاتسىيلىك نۇر بولۇشى مۇمكىن.
-تېز، ھەرقايسى بۆلۈملەرگە سىگنال بېرىڭلار،-دېدى كۆزىتىش بۆلىمىنىڭ باشلىقى توماس دوكتور.
- نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ تەسىر دائىرسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ،-دېدى ئارسلان تېلېسكوپنىڭ كۆرۈش دائىرسىنى ئەڭ چوڭ ھالەتكە كەلتۈرۈپ،-نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىگە پاراللېل ھالدا يەنە بىر نەچچە خىل رەڭدىكى نۇر زەررىچىلىرى پەيدا بولدى. قارىغاندا يۇقىرى رادىئاتسىيە تىپىدىكى غەيرى نۇر زەررىچىلىرى بىرلا ۋاقىتتا يەرشارىغا تەسىر قىلغاندەك تۇرىدۇ.
-بۇنداق بولغاندا جانلىقلارنىڭ ھاياتىغا زور دەرىجىدە خەۋپ يېتىدۇ،-دېدى توماس دوكتور تېلېسكوپنىڭ كۆرسىتىش دائىرسى كۆرۈنۈپ تۇرغان چوڭ ئىكرانغا قاراپ،-ئېھتىمال، بۇ نۇر زەررىچىلىرىنىڭ رادىئاتسىيلىك تەسىرى يەرشارىنىڭ ماگنىت مەيدانىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن...
-ئۇ چاغدا يەرشارىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى پۈتۈنلەي پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ،-دېدى ياشتا چوڭراق كەلگەن دوكتور پاۋلۇۋىچ تىتىرەڭگۈ ئاۋازدا،-ھەتتا يەرشارى ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشى يەر شارىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىكى ماگما ھەرىكىتىنى تېزلىتىۋەتسە يەر پوستىنى قاپلاپ تۇرغان گىرانت تاش قەۋىتى يېرىلىپ كېتىدۇ...
دوكتۇر پاۋلۇۋىچنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بىر يېنىپ، بىر ئۆچۈپ تۇرغان كومپيۇتېرلارنىڭ ئىكرانلىرى بىراقلا ئۆچۈپ ئىكران يۈزى قېنىق كۆك رەڭلىك ھالەتتە قېتىپ قالدى.
-سۈنئىي ھەمراھ بىلەن بولغان ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى...
-ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزى بىلەن بولغان ئالاقىمىزمۇ ئۈزۈلدى...
-يەرشارى ئۇچۇر مەركىزى بىلەن ئەمدى سىمسىز ئالاقە قىلغىلى بولمايدۇ...
-....
تەتقىقاتچىلار تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەن بۇ ھادىسىدىن جىددىيلىشىپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قىلىشتى. چۈنكى يۇقىرى چاستوتىدىكى رادىئاتسىيلىك نۇر زەررىچىلىرىنىڭ يەرشارىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى باشقىلارغا قارىغاندا مۇشۇ تەتقىقاتچىلارغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. شۇ تاپتا ھەممەيلەن بىر خىل جىددىيلىك ئارلىشىپ كەتكەن ئەندىشە ئىچىدە گاڭگىراپلا قالغان؛ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاسترنومىيە تەتقىقات بۆلۈمى، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمى، خەۋەرلىشىش بۆلۈمى، نەزەرىيە تەتقىقات بۆلۈمى ۋە باشقا بۆلۈملىرىدىكى تەتقىقاتچى خادىملارمۇ يەرشارىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز خەتەرلىك ئاقىۋەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەستايىدىل ھېس قىلماقتا ئىدى. مانا، يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان پارنىك ئېففىكتىنىڭ تەسىرىدە يەرشارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بارغانسېرى ئۆرلەپ جەنۇبىي قۇتۇپتىكى مۇز تاغلار ئېرىپ تنچ ئوكيان ھەم ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمى دېڭىز ئاستىدا قالغان. كۈندىن - كۈنگە ئۆرلەۋاتقان سۇ يۈزى ئەمدى قۇرۇقلۇقتىكى پەس جايلارنى چۆكتۈرۈپ جانلىقلار ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ كەلتۈرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېنىرگىيە مەنبەلىرى ئازلاپ كەتكەچكە خەلقئارا ئالەم تەتقىقات مەركىزى جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تاشقى ئالەمدىن جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە ماس كەلگۈدەك پىلانت ئىزدەشكە كىرىشكەن. خەلقئارا ئالەم قاتناش مەركىزىمۇ يەرشارىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىلىرىغا ئىنسانلار ھەم باشقا جانلىقلارنى تېپىلغان باشقا پىلانتقا كۆچۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ئالەم كېمىلىرى ھەم ئوزۇق - تۈلۈكلەرنى تەييارلاۋاتاتتى. بۇ قېتىمقى يۇقىرى رادىئاتسىيلىك نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ يەرشارىغا تۇيۇقسىزلا تەسىر قىلىشى تەتقىقاتچىلارنى خۇددى ھازىرلا يەرشارى گۇمران بولىدىغاندەك بىرخىل قورقۇنچلۇق تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى. ھەممەيلەن ئەمدى ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ھالاك بولۇش خەۋپىنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن كۈتۈۋىلىشقا تەييارلىنىپ، ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئۇھ تارتىپ تۇرۇشقاندا ئارسلان دوكتۇرنىڭ ھاياجانلىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
-خەتەرلىك ئەھۋال ئۆتۈپ كەتتى،-دېدى ئارسلان تېلېسكوپتىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ،-پەرىزىمچە نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ رادىئاتسىيلىك تەسىرى يەرشارى ئېكۋاتورىنىڭ جەنۇبىي قىسىمدىكى ئىسسىق بەلۋاغ رايۇنلىرىغىلا تەسىر قىلغاندەك تۇرىدۇ، بۇ نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ رادئاتسىيلىك تەسىرى بىر مىنۇت يىگىرمە يەتتە سېكۇنت داۋاملاشتى...
-كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىمۇ ئەسلىگە كەلدى،-دېدى ئارقىدىنلا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل خادىم جاڭ خەيفىڭ دوكتۇر.
-ياخشى، بەك ياخشى بولدى،-دېدى توماس دوكتۇر يېنىك تىن ئېلىپ،-تېزدىن خەلقئارا ئۇچۇر مەركىزى بىلەن ئالاقە باغلاڭلار! ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقى كۆزىتىش مەركەزلىرى يوللىغان ئۇچۇرلارنى كېچىكتۈرمەستىن ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمىگە يوللاپ بېرىڭلار! نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ رادىئاتسىيلىك تەسىرىنىڭ يەرشارىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن تېز مۇددەتتە خەۋەردار بولۇشىمىز كېرەك؛ دوكتۇر ئېدىۋارت، ھازىرلا ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىگە ئۇچۇر يوللاپ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنى نورماللاشتۇرۇڭ! سارا دوكتۇر، سۈنئىي ھەمراھقا سىگنال يوللاپ قوبۇل قىلىنغان ئۇچۇرلارنى دەرھال باش ئاپپاراتقا يوللاپ بېرىڭ...
بۆلۈمدىكىلەر تېزلىكتە ئۆز ئىشلىرىغا كىرىشپ تۇرۇشىغا ئېلېكترونلۇق چاقىرىش ئاپراتىدىن توماس دوكتورنى تەتقىقات بۆلۈمىگە چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
توماس دوكتور تەتقىقات بۆلۈمىگە كەلگەندە خەلقئارا ئالەم تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى روبېرت دوكتور ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى.
-يەرشارى بىر ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ قالدى،-دېدى روبېرت دوكتور،-لېكىن قۇياش رادىئاتسىيسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشى بۇ خىل خەتەرنى يەنە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
-بۇ يەرشارىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوخشاش بولمىغان كۆپ خىل رەڭدىكى رادىئاتسىيلىك نۇرلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى،-دېدى توماس دوكتور،-ئوزۇن قاتلىمىنىڭ تېشىلگەن ئورنى كونترول قىلغۇسىز دەرىجىدە كېڭىيىۋاتىدۇ. يەنە نەچچە يىلغا قالماي يەرشارى ئاتموسفېراسىنى ئوراپ تۇرغان ئوزۇن قاتلىمى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا يەرشارىنىڭ تېمپىراتۇرسى زور دەرىجىدە ئۆرلەيدۇ-دە، يەرشارى پۈتۈنلەي سۇ ئاستىدا قالىدۇ. يۇقىرى رادىئاتسىيدىكى نۇر زەررىچىلىرىمۇ توسالغۇسىز ھالدا يەرشارىغا ئۈزلۈكسىز تەسىر قىلىپ جانلىقلارنىڭ رادىئاتسىيلىك نۇر تەسىرىدىن ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
-بىزنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تەتقىقات مەركىزىمىزدە تېخىچە ئىلگىرلەش يوق،-دېدى روبېرت دوكتور مەيۈسلەنگەن ھالدا،-ھازىرغىچە قوياش سىستىمېسىنىڭ سىرتىدىن تېپىلغان پلانىتلار بىر يۈز يىگىرمىدىن ئاشتى. كۆپىنچىسى غايەت زور گاز ھالەتتىكى پلانىتلار، ئاز بىر قىسىملىرى تاش قاتما ھالەتتىكى پلانت بولسىمۇ، لېكىن ھېچقايسىسىدا جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك مۇھىت يوق. شۇنداقتىمۇ بىز داۋاملىق جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان پلانت ئىزدىشىمىز كېرەك. ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىگە يەنە بىر نەچچە تەتقىقاتچى كېرەك بولىۋاتىدۇ، بىز تەتقىق قىلىپ ياسىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەر ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن كېيىن ئالەم بوشلۇقىدىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ۋېرتىكال تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە كونتروللىقىنى يوقىتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ، توغرا بولغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمىدۇق. بۈگۈنكى رادىئاتسىيلىك نۇر زەررىچىلىرىنىڭ يەرشارىغا تەسىر قىلىشى بىزگە بېرىلگەن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بولدى. سىز تولىمۇ ئۈمىدۋار ئادەم، مەن سىزنى ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئورنىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلالايدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. شۇڭا سىزنى ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالسۇنمىكىن دەپ ئويلىغان، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز.
-سىز ئىشەنگەن ئىكەنسىز مەن چوقۇم ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويمايمەن،-دېدى توماس دوكتور رازىلىق بىلدۈرۈپ.
-ياخشى مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم،-دېدى روبېرت دوكتۇر،- ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرى كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىدا بار. ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇ يەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن بىرەر قۇر خەۋەردار بولمىسىڭىز بولمايدۇ. تەتقىقات مەركىزى يېڭىدىن ياساپ چىققان ئۇچۇر يوللاش سىستېمىسىنى بىرگە ئېلىپ چىقىسىز، بۇ سىستېما بەش يۈز مىليون يورۇقلۇق يىلى يىراقلىققىچە بولغان ئارلىققا ئۇچۇر يوللاش بىلەن بىرگە يەنە شۇ ئارلىقتىكى ھەرقانداق ئۇچۇرنى بىمالال قوبۇل قىلالايدۇ. سىزگە يەنە ئىككىيلەن ھەمراھ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرسى ئالەم قاتنىشى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتور، يەنە بىرسى سىزنىڭ ياراملىق شاگىرتىڭىز ئارسلان دوكتۇر.
-بولىدۇ، سىزنى ھەرگىز ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمەن،-دېدى توماس دوكتۇر روبېرت دوكتورنىڭ قولىنى سىقىپ،-مەن ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلاي، خەير.
روبېرت دوكتورمۇ توماس دوكتورنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى:
-سىزگە ئامەت تىلەيمەن، خەير.
ئارسلان ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىگە چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ۋاقىت قىس بولغاچقا ئۆيگە بېرىشقا ئۈلگۈرەلمەي تېلېفۇن قىلىپ خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلىدىغان ئايالى تۇمارس ھەم ئۇماق ئوغلى بابۇر بىلەن خوشلاشتى. تېلېفۇن ئىكرانىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئايالىنىڭ ئىللىق چىھرىگە، ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن ئوغلىنىڭ ئانىسىغىلا ئوخشىغان چىرايلىق يۈزىگە تويماي قارىدى.
-دادا، ئانام سىزنى ئاسمانغا چىقىدۇ دەيدۇ، ئاسماندىن ماڭا نېمە ئېلىپ كېلىسىز؟-دېدى بابۇر چۈچۈك تىلى بىلەن.
-ساڭا نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلارنى ئېلىپ كېلىمەن،-دېدى ئارسلان ئوغلىدىن سۆيۈنۈپ.
-يۇلتۇز بەك كىچىك دادا، ماڭا ئاينى ئالغاچ كېلىڭ.
-بولىدۇ ئوغلۇم، ئاناڭنى خاپا قىلما، مەن ساڭا چوقۇم ئاينى ئالغاچ كېلىمەن.
-ئەمسە يولىڭىزغا قارايمەن، دادا.
-بولىدۇ ئوغلۇم، ئەمدى تېلېفۇننى ئاناڭغا بەرگىن.
ئارسلان ئايالى بىلەن قىسقىلا پاراڭلاشتى.
-ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ،-دېدى ئايالى خوشلىشىدىغان چاغدا ئارسلانغا تەلمۈرۈپ تۇرۇپ،-سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىزغا ئامەت تىلەيمەن.
-سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، ئوغلىمىزنى مەن ئۈچۈن سۆيۈپ قويۇڭ...
-بولىدۇ، ئامان بولۇڭ...
ئارسلان تېلېفۇننى قويۇۋاتقۇچە ئىكراندىن ئايالىنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرىدە لىغىرلاپ تۇرغان ياشنى كۆرۈپ قالدى.
ئارسلان ئوتتۇز بەش ياشلار چامىسىدىكى ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ كەلگەن، قويۇق كىرپىكلىرى ئاستىدىكى قوي كۆزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدىغان كىلىشكەن يىگىت ئىدى. ئۆزى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى قەشقەرنىڭ ئەڭ چەت بىر يىزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، كىچىكىدىن تارتىپ ئاسترنومىيەلىك ھادىسىلەر ھەم سىرلىق تاشقى ئالەمگە قىزىققاچقا، چوڭ بولغاندا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ تاشقى ئالەمنىڭ قانداق سىرى بارلىقىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. شۇ ئارزۇسى بويىچە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ دەسلەپتە ئالەم بوشلۇقى بايلىقىنى ئېچىش كەسپىدە ئوقىدى، كېيىن ئاسترنومىيە كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقىدى. مۇشۇ جەرياندا نەزەرىيە فىزىكىسى كەسىپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان تۇمارس ئىسىملىك تولىمۇ چىرايلىق قىز بىلەن تونۇشۇپ دوستلۇق ئورناتتى. ئىككى ياشنىڭ ئىلىم - پەن ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى يەرشارىنىڭ تەقدىرى توغرىسدىكى كۆز قاراشلىرىدىكى ئوخشاشلىق بۇلارنىڭ ئارىسىنى بارا - بارا يېقىنلاشتۇرۇپ بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداشلاردىن قىلىپ قويدى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە يەرشارىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرىۋاتقانلىقىدىن پۈتكۈل دۇنيا ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، يەرشارىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىشى تەشەببۇس قىلىنىۋاتاتتى. گەرچە ئارسلان بىلەن تۇمارىسنىڭ قەلبىدە يالقۇنلاپ تۇرغان ئاجايىپ نازۇك ھېسلار ھەر ئىككىيلەننى مۇھەببەت جامىدىن ۋىسال شارابى ئىچىشكە ئۈندەپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يەرشارى دۇچ كەلگەن خەۋپ ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇشقا ۋىجدانى چىدىمىدى. ئارسلاننىڭ ئاسترنومىيەلىك كۆزىتىش ۋە ئۇچۇر ھىسابلاش جەھەتتىكى ئالاھىدە ئىقتىدارى بىلەن تۇمارسنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ھەم كۋانېت مېخانىكىسىغا بولغان ئورۇنلۇق گۇمانلىرى دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئاسترنومىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىكى ئالىم - مۇتەخەسىسلەرنى قىزىقتۇردى. ئۇلار ئاخىرى خەلقئارا ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە دوكتۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى ھەم ھەر ئىككىيلەن ئۆز كەسىپلىرى بويىچە دوكتۇرلۇقنى غەلبىلىك تاماملاپ خەلقئارا ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە خىزمەتكە ئېلىپ قېلىندى؛ ئارسلان: «قۇياش نۇرى مارىسنىڭ ئوربىتىسىدا سۇنىدۇ، شۇڭا نىيۇتون ھەرىكەت قانۇنلىرى بىلەن مارىسنىڭ ئوربىتىسىنى توغرا ھېسابلاپ چىققىلى بولمايدۇ، دېمەك قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق سەييارىلەرنىڭ ئوربىتىسىدا رۇشەن قېيىش بولىۋاتىدۇ. چۈنكى قۇياش سىتېمىسى تاشقى ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى ۋە ئۆز ئارا تەسىرلىشى نەتىجىسىدە ئوربىتا ئۆزگىرىش ھالىتىگە كىرگەن، دەپ قاراشقا بولىدۇ بىز قۇياش رادىئاتسىيسىنىڭ يەرشارىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن چوقۇم تىز پۇرسەتتە قۇياش رادىئاتسىيسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان سۈنئىي ئاتمۇسفىرا قەۋىتى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك » دېگەن يېڭىچە كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇمارىسمۇ: «ئالەم بوشلۇقىدا قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىشى سەييارىلەر ئارا بوشلۇقنىڭ زور دەرىجىدە تارىيشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ياكى كۋانىت مېخانىكىسى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئالەم توختاۋسىز كېڭىيىۋاتىدۇ ۋە شۇ سەۋەبتىن يېڭىدىن يۇلتۇز سىستېمىلىرى شەكىللىنىپ ھەر قايسى سىسىتېمىلار ئارىسىدىكى تارتىش كۈچلىرى تەسىرلىشىش نەتىجىسىدە نىسبەتەن كىچىك بولغان سەييارىلەر رادىئۇسىنىڭ كىچىكلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ» دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملارنى يېڭىچە بىر تەتقىقات يۆنىلىشىگە باشلاپ كىردى. نەتىجىدە مۇشۇ ئىككى خىل نەزەرىيە ئارقىلىق ئالىملار: «قۇياش نۇرىنىڭ بىر قىسىم سەييارىلەردە سۇنۇش ھاسىل قىلىشى ھەم يەرشارىغا يېقىن بولغان بەزى سەييارىلەرنىڭ ئوربىتا رادىئۇسىنىڭ تارىيىشى بىلەن قۇياش نۇرىنىڭ يەرشارىغا يېتىپ كېلىدىغان نۇر چاستۇتىسى چوڭىيىپ كەتكەنلىكتىن يەرشارى ئاتموسفېراسىنى ئوراپ تۇرغان ئوزۇن قاتلىمىنىڭ تېشىلىشى كېڭىيىپ كەتكەن» دېگەن كۆز قاراشتا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئالىملار بۇنىڭغا ئامال قىلالماي قارسىغىلا ئالەم بوشلۇقىدىن يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان پلانت ئىزدەشتەك نەتىجىسىگە ئىشەنچ قىلىپ بولالمايدىغان يولنى تاللىۋىلىشقان؛ ئارسلان ئالەم بوشلۇقىدىن جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان پلانىتنىڭ تېپىلىشىغا تولۇق ئىشەنچ قىلالمىسىمۇ جانلىقلارنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغانغا بۇنىڭدىن ياخشىراق چارە تېپىلمىغاچقا تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرگە بۇ خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەن ئىدى.
ئارسلان تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭلا ئالەم قاتنىشى مەركىزىنىڭ ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىش بازىسىغا بېرىپ، توماس دوكتۇر ھەم مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇر بىلەن كۆرۈشتى. بازىدىكى مەسئۇل خادىملار ئۇلار ئۇچىدىغان ئالەم كېمىسىنى ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغان ئىدى. ئۇلار نۇر تېزلىكى بىلەن ئون تۆت سائەت يەتتە مىنۇت ئوتتۇز بىر سېكۇنت ئۇچۇپ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىگە چىقتى.
ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزى ئالەم كېمىلىرىنى بىر - بىرىگە چېتىپ ياسالغان بولۇپ ئىچىدە نەپەسلىنىشكە يېتەرلىك ئوكسىگىن، يىمەك - ئىچمەك، كىچىك تىپتىكى ئالەم ئايروپىلانلىرى ھەم تەتقىقاتقا كېرەكلىك بارلىق ئەسۋابلار بار ئىدى. توماس دوكتۇر ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى سائىتو دوكتور تونۇشتۇرغان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ كۆڭلىدە مەلۇم پىلان تۇرغۇزۇۋالغاندىن كېيىن ئىش باشلاشقا كىرىشتى.
-يەرشارىنىڭ جەنۇبىي ئېكۋاتور رايونى نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ رادىئاتسىيلىك تەسىرىگە ئۇچرىدى،-دېدى توماس دوكتور يەرشارىنىڭ ئېلىكترونلۇق خەرىتىسى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىكرانغا قاراپ،-ئەمدى بىز ئوزۇن قاتلىمىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنى توسۇيالمايمىز، ھازىر بىزنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدىمىز قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىن جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە ماس كېلىدىغان پلانت تېپىشتىلا قالدى.
-قۇياش سىستېمىسى سېكۇنتىغا ئون توققۇز كىلومېتىر تېزلىك بىلەن سامان يولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى ۋېگا يۇلتۇزىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ،-دېدى ئاسترونومىيە تەتقىقاتى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل شۇغۇللانغان سائىتو دوكتور،-ۋېگا يۇلتۇزى قۇياشتىن يىگىرمە بەش مىليون ھەسسە چوڭ بولغان بىر تۇرغۇن يۇلتۇز. ئەگەر قۇياش سېستىمىسى مۇشۇ خىل تېزلىك بىلەن ۋېگا يۇلتۇزىغا يېقىنلىشىۋىرىدىغان بولسا، قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يادرو توپلىنىش رىئاكسىيسى تېزلىشىپ كېتىپ، نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ يەرشارىغا بولغان رادىئاتسىيلىك تەسىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن.
-قۇياش سېستىمىسىنىڭ ۋېگا يۇلتۇزىغا قاراپ ئىلگىرىلىشى بىر ئۆتكۈنچى ھادىسە،-دېدى توماس دوكتور،-قۇياش سىستېمىسى سامان يولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ، چۈنكى چوڭ ئېيىق يۇلتۇزلار تۈركۈمى بىلەن ئۇچارقۇش يۇلتۇزلار تۈركۈمى ئۆزىنىڭ غايەت زور تارتىش كۈچى بىلەن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ۋېگا يۇلتۇزىغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدۇ.
توماس دوكتور بىلەن سائىتو دوكتۇر پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئۇچۇر يوللاش بۆلۈمىدىكىلەر توماس دوكتۇر ئېلىپ چىققان يېڭى تىپتىكى ئۇچۇر يوللاش سىستېمىسىدىن دەسلەپكى قەدەمدە سىناق تەرىقىسىدە قۇياش سىستېمىسى سىرتىغا ئۇچۇر يوللاۋاتاتتى. لېكىن يوللانغان ئۇچۇر يۇقىرى چاستوتىلىق باشقا ئۇچۇرلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى
-توماس دوكتور، يوللىغان ئۇچۇرىمىز كاشىلىغا يولۇقتى،-دېدى ئۇچۇر يوللاشنى سىناق قىلىۋاتقان ئارسلان،- يوللىغان ئۇچۇرىمىزنىڭ چاستوتىسى قىيىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن قارىغاندا قۇياش رادىئاتسىيسىدە داۋاملىق ئېغىش بولىۋاتقان ئوخشايدۇ.
- بۇ نوقۇل قۇياش رادىئاتسىيسىنىڭ ئېغىشى بىلەنلا يۈز بېرىدىغان ئەھۋال ئەمەس،-دېدى سائىتو دوكتور ئارسلاننىڭ گېپىنى بۆلۈپ،- قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى باشقا پلانىتلاردىن يوللانغان ئۇچۇرلارمۇ بىزنىڭ يەرشارىدىن ئالەم بوشلۇقىغا يوللىغان ئۇچۇرىمىزغا توسقۇنلۇق قىلغان ئەھۋالمۇ يۈزبەرگەن.
-سىز ھازىرمۇ قۇياش سېستىمىسى ئىچىدىكى باشقا پلانىتلاردا ھاياتلىق مەۋجۇت، دەپ قارامسىز؟-دەپ سورىدى ئارسلان سائىتو دوكتوردىن.
-بۇنداق ئېھتىماللىقنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى بىز يەرشارىدىن يوللىغان ئۇچۇرلارنىڭ بىرقىسمىنى قوياش سىستېمىسى ئىچىدىكى باشقا پلانىتنىڭ نامەلۇم جانلىقلىرى قوبۇل قىلالىغان.
-سائىتو دوكتور، سىزمۇ بىلىسىز،-دېدى ئارسلان قۇياش سىستېمىسىدىكى پلانت ھەم يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسى چۈشۈرۈلگەن چوڭ ئېكراننى ئېچىپ،-مانا قاراڭ، قۇياش نۇرى بەزى پلانىتلاردا ئېغىش ھاسىل قىلىدۇ. بۇخىل ئېغىش پلانىتلار ئارا تارتىش كۈچى بىلەن ئۆز - ئارا تەسىرلىشىپ، يەرشارىدىن يوللانغان ئۇچۇرلارنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن. بۇ ئەھۋال بىزنى باشقا پلانىتلاردا ھاياتلىق مەۋجۇت، ئۇلار بىزنىڭ ئۇچۇرىمىزنى قوبۇل قىلالىدى، دېگەن خاتا چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ قويغان. گەرچە قۇياش سىستېمىسىدىكى بەزى پلانىتلاردا ھاياتلىقنىڭ ئىزنالىرى بايقالغان بولسىمۇ بەزىلىرى ناھايىتى ئىسسىق، بەزىلىرى بەكلا سوغۇق، جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدۇ.
-ھەممىدىن بەك ئادەمنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى ئالەم بوشلۇقىدا غەيرى ئۇچار جىسىملارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى،-دېدى سائىتو دوكتور تەن بەرگۈسى كەلمەي،-ئۇ ئۇچار جىسىملارنىڭ لايىھەلىنىش شەكلىدىن قارىغاندا تېخنىكىدا بىزدىنمۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى جانلىقلارنىڭ ياسىغانلىقى ئېنىق.
-بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېزىتقۇ بولسا كېرەك،-دېدى ئارسلان ،-يەرشارىدىكى قۇملۇق ھەم چۆل - جەزىرىلەردە سۇلۇق كۆللەر، دەريالار، ساھىبجامال ئاياللار ھەم ئاجايىپ - غارايىپ نەرسىلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى كۆرۈنۈپ قالىدۇ. مەسىلەن، سىز مەن ئۆسۈپ چوڭ بولغان، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتىلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىغا بارسىڭىز بۇ خىلدىكى ئېزىتقۇلارغا كۆپ ئۇچرايسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ چەكسىز ئالەم بوشلۇقىدا بىزگە نېمىلەر كۆرۈنمەيدۇ دەيسىز!؟ يەنە كېلىپ ئۇ ئۇچار جىسىملارنى سىز بىلەن بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمىدۇق. كۆردۈم دەپ دەۋا قىلغانلار تېخىچە بىزنى نەزەرىيىۋى ئاساس ياكى تەجرىبە ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىگىنى يوققۇ.
-بولدى تالاشماڭلار،-دېدى توماس دوكتۇر قولىنى كۆتۈرۈپ،-يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭ ھاياتى ھازىر بىزگىلا باغلىق؛ ئارسلان دوكتۇر، سىز يەنە بىر قېتىم ئۇچۇر يوللاش سىستېمىسىنىڭ چاستوتىسىنى يۇقۇرىلىتىپ ئۇچۇر يوللاشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ، سىستېما قوبۇل قىلغان ئۇچۇرغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ! سائىتو دوكتور، سىز كۆزىتىش بۆلۈمىدىكىلەر بىلەن سامان يولى يۇلتۇزلار سىستېمىسى ھەم ئەسەد يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئارىسىدىكى ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بولۇڭ! مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتور، ئۇچۇش بۆلۈمىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىڭ، ئالەم ئايروپىلانىنى ئۇچۇشقا تەييار قىلسۇن! ئۇچۇر يوللاش، كۆزىتىش ھەم بىۋاستە تەكشۈرۈشنى تەڭلا ئېلىپ بارساق بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
خادىملار بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلىرى بويىچە ئىشقا كىرىشىپ كەتتى...
مانا، يەرشارى ۋاقىت ھېسابى بويىچە يەتمىش بەش كۈنلۈك تەكشۈرۈشتىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. ئارسلان تېلېسكوپ بىلەن قاپقاراڭغۇ ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىۋاتاتتى. تېلېسكوپنىڭ كۆرۈش دائىرسىدە خېلىلا يورۇق نۇر چىقىرىۋاتقان بىر يۇلتۇز كۆرۈندى؛ بۇ «ماجىلۇن» دېيىلىدىغان يۇلتۇز بولۇپ، يەرشارىدىن بىر يۈز ئون مىڭ يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى ئۆزىدىن نۇر چىقىرىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز ئىدى. «ماجېلۇن» نىڭ ئوڭ تەرىپىدە «خېلئوكىس» دېيلىدىغان، ئۆزىدىن نۇر چىقىرىدىغان يەنە بىر تۇرغۇن يۇلتۇز تۇرۇپتۇ؛ بۇ يۇلتۇز يەرشارىدىن بىر مىليون تۆت يۈز سەكسەن بەش مىڭ يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا. لېكىن ئۇلارنى ئايلىنىدىغان نەچچە مىڭلىغان پلانىتلارنىڭ بىرىسىدىمۇ جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك مۇھىت تېپىلمىدى. توماس دوكتور پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۇچۇر يوللاش سىستېمىسىنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ئىكرانىغا قادىلىپ ئولتۇرىدۇ، تېخىچە بىرەر ئىنكاس يوق. سائىتو دوكتورمۇ ياردەمچىلىرى بىلەن تېلېسكوپ ئارقىلىق يۇقىرى قاتلام ئالەم بوشلۇقىدىكى بارلىق يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى كۆزىتىپ چىقتى، بۇنىڭمۇ نەتىجىسى چىقمىدى. مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتور يىراق مۇساپىلىق ئالەم ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، ئومۇمىي يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى قايتا - قايتا ئايلانغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قايتىپ كەلدى. ئۇ پەقەت ئالەم كېمىسىنىڭ شىفىر قوبۇللاش سىستېمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ھىسابلاش ئارقىلىق يەرشارىدىن قويۇپ بېرىلگەن سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئوربىتىسىدا ئازراق قېيىش بولىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئىدى.
-سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئوربىتىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش ئېھتىمال يېقىن ئالەم بوشلۇقىدىكى بىز بايقىيالمىغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن،-دېدى مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتور توماس دوكتورغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ،-بىز ھازىرغىچە ئاساسلىق قىلىپ يىراق ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈردۇق، لېكىن يېقن ئالەم بوشلۇقىنى يۈزەكى كۆزىتىپلا بولدى قىلدۇق. ئەمدى يىراق ئالەم بوشلۇقىدىن بىز كۈتكەن نەتىجە چىقماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا توماس دوكتور، يېقىن ئالەم بوشلۇقىدىكى سەييارىلەر ئۈستىدە قايتا بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارساقمىكىن دەيمەن.
ئەزەلدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان توماس دوكتور باشتىن ئاخىر يىراق ئالەم بوشلۇقىدىن ھاياتلىق ئىزدەش پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، يېقىن ئالەم بوشلۇقىدا قۇياشقا ئوخشاش ئۆزىدىن نۇر چىقىرىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز يوق ئەھۋالدا جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە ماس كېلىدىغان سەييارىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. توماس دوكتۇر ئويلىنىپ قالدى؛ بۇنىڭدىن بۇرۇن سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىسىنىڭ قېيىش ھادىسسى يۈز بەرمىگەن. دېمەك سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئوربىتىسى قايغان ئىكەن، شۇ يۆنىلىشتە قۇياش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك تارتىش كۈچىگە ئىگە بولغان بىرەر تۇرغۇن يۇلتۇز بولىشى مۇمكىن....
-مەيلى،-دېدى توماس دوكتۇر بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن،-يېقىن ئالەم بوشلۇقىنى قايتا تەكشۈرسەك تەكشۈرەيلى. مەن يەرشارى تەتقىقات مەركىزىگە ئىلتىماس قىلاي، يەنە بىر گورۇپپا ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتچىلىرىنى ئەۋەتسۇن، يەنە بىر قېتىم چوڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارايلى. مەن شۇنچە كەڭ ئالەمدە يەرشارىدىن باشقا جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان پىلانتنىڭ تېپىلماسلىقىغا ئىشەنمەيمەن.
شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇر ياردەمچىلىرى بىلەن يېقىن ئالەم بوشلۇقىنى قايتا تەكشۈرۈشكە ئاتلاندى. توماس دوكتۇرنىڭ ئىلتىماسى بىلەن يەرشارىدىن ياردەمگە كەلگەن ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتچىلىرىمۇ توماس دوكتۇرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئۇچۇر بارالايدىغانلىقى دائىرسىدىكى ئاسمان جىسىملىرىنى يەنە بىر قېتىم سىسىتېمىلىق تەكشۈرۈشكە كىرشتى. لېكىن ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەرقايسى يۆنىلىشلەر بويىچە بىۋاستە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالەم ئايرۇپىلانلىرىدىكى خادىملار يوللىغان ئۇچۇر مەزمۇنىدىن قارىغاندا ئۇلارتەكشۈرگەن ئاسمان جىسىملىرىدا جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك شارائىتتىن ئېغىز ئېچىش مومكىن ئەمەس ئىدى. ئارىدىن يەرشارى ھىسابى بويىچە يىگىرمە كۈن ئۆتكەندە مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇر يوللىغان ئۇچۇر كومپيۇتېر ئىكرانىدا كۆرۈندى.
-تەكشۈرۈشتە ئىلگىرلەش بولدى،-دىدى ئارسلان دوكتۇر كومپيۇتېردىكى ئۇچۇرنى چوڭ ئىكرانغا چىقىرىپ،-توماس دوكتۇر، قاراڭ، يېڭىدىن بىر ئاسمان جىسىمى بايقىلىپتۇ.
تېلېسكوپقا تولا قاراۋىرىپ كۆزلىرى تىلىپ كەتكەن سائىتو دوكتۇر دەرھال تېلېسكوپنىڭ كۆرسىتىش چاستوتىسىنى مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇرنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشكە توغۇرلىدى.
-تېلېسكوپتا نامەلۇم ئاسمان جىسىمىنىڭ سايىسى كۆرۈندى،-دېدى سائىتو دوكتۇر،-قارىغاندا تۇرغۇن يۇلتۇزدەك قىلىدۇ.
توماس دوكتۇر ۋە باشقا تەتقىقاتچىلار تلېسكوپنىڭ كۆرۈش دائىرسى چىقىپ تۇرغان ئىكراندا غۇۋا نۇرچىقىرىپ تۇرغۇن ئاسمان جىسىمىنى ئېنىق كۆردى.
-مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇرغا ئۇچۇر يوللاڭ،-دىدى توماس دوكتۇر ئارسلانغا،-بۇ يۇلتۇزنىڭ ئوربىتىسىنى بويلاپ ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن. بىز يەنە يىراق مۇساپىلىك ئالەم كېمىسىدىن بىرنى ياردەمگە ئەۋەتىمىز.
ئۇزۇن ئۆتمەي كومپيۇتېر ئېكرانىدا مۇھەممەد ھەنەفىي دوكتۇر يوللىغان يىڭى ئۇچۇرلار پەيدا بولدى. ئۇچۇردا دېيىلىشىچە يېڭىدىن بايقالغان بۇ تۇرغۇن يۇلتۇز يەرشارىدىن ئەللىك يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا ئىدى. ئىككىنچى تۈركۈمدە ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىگە ياردەمگە كەلگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋىجىكرەك كەلگەن، ئوتتۇرا بوي، كۆز ئەينەك تاقىۋالغان چيەن گۇاڭمىڭ دوكتۇر ئارسلان دوكتۇر بىلەن ئۇچۇر مەركىزىدە ئالەم ئايروپىلانىدىن يوللانغان ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىۋېتىپ ئالەم ئايرۇپىلاندىن يوللانغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىلگىرىكىدىن يەتتە سېكۇنت كېچىككەنلىكىنى بايقاپ قالدى.
-ئالەم ئايروپىلاندىن يوللانغان ئۇچۇر يېڭىدىن بايقالغان تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئوربىتا دائىرسىدە توسالغۇغا ئۇچراپ يەنە ئەسلىگە كەلدى،-دېدى چيەن گۇاڭمىڭ دوكتۇر،-توسالغۇغا ئۇچرىغان ئۇچۇرنىڭ ئەسلىگە كەلگىنىدىن قارىغاندا يىڭىدىن بايقالغان تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان سەييارىلەر بولۇشى مومكىن.
بۇ يېڭى بايقاش ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدىكىلەردە ئۈمىد تۇغدۇردى.توماس دوكتۇر چيەن گۇاڭمىڭ دوكتورغا دەرھال ئالەم ئايرۇپىلانىدىن يوللانغان ئۇچۇرنىڭ توسالغۇغا ئۇچۇراش يۆنىلىشى ھەم چاستوتىسىنى ھىسابلاپ ئالەم ئايرۇپىلانىدىكىلەرگە شۇ يۆنىلىش بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق ئۇچۇر يوللاشنى بۇيرىدى.
-يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىدىن ئۇچۇر كەلدى،-دېدى ئارسلان دوكتۇر،-يەرشارىنىڭ تىچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان تۇتاشقان دېڭىز رايونى يەنە بىر قېتىم نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ رادىئاتسىيلىك تەسىرىگە ئۇچراپتۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە يەرشارىنىڭ ماگىنت مەيدانىدىمۇ روشەن ئۆزگىرىش بوپتۇ.
-يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە يېقىن ئالەم بوشلۇقىدا جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان پىلانتنىڭ تېپىلىشىدا ئۈمىد بارلىقىنى خەۋەر قىلىڭ،-دېدى توماس دوكتور سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن. ئارسلان دوكتور ئىككىلىنىپ قالدى:
-لېكىن.. توماس دوكتور، ئىشەنچلىك نەتىجە چىقمىغان ئەھۋالدا بۇنداق خەۋەر يوللىساق بولماسمىكىن.
-يەرشارىدىكى ئىنسانلار بىر ئاز بولسىمۇ ئۈمىدلەنسۇن، مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلىڭ.
ئارسلان توماس دوكتورنىڭ دېگىنى بويىچە يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە ئۇچۇر يوللىدى.
ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدىكى ھەر بىر تەتقىقاتچى پۈتۈن زېھنى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭ داۋاملىق ياشاش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولۇش ئۈمىدىنى ئۆزلىرىگە باغلىغانلىقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھېس قىلماقتا ئىدى. لېكىن تەكشۈرۈشتە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزى ئەگەر يەرشارى ھىسابى بويىچە يەنە ئۈچ ئاي ئىچىدە يېڭى پىلانت بايقالمىسا يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ ئۇچۇر يوللىغان ئىدى. توماس دوكتۇر ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدىكى سۈنئىي مۇھىتتا ئۇزاق تۇرغانلىق سەۋەبىدىن بېشى قېيىپ بىئارام بولۇپ تۇرغاندا ئارسلان ئالەم ئايروپىلانىدىن ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
-يېڭىدىن بايقالغان تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئوربىتا دائىرسى ئىچىدە يەرشارىغا ئوخشايدىغان بىر پىلانت بايقىلىپتۇ،-دىدى ئارسلان،-بۇ پىلانتنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئايلىنىش دەۋرى يەرشارى ھېسابىدا توققۇز يىرىم كۈن ئىكەن. ئۇ پىلانت پۈتۈنلەي تاغ جىنىسلىرىدىن تەركىب تاپقان، شۇنداقلا شالاڭ ھاۋا قاتلىمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
-ئەگەر مۇشۇ پىلانىتتا ئۈمىد بولمىسا بىز بارلىق تەتقىقاتىمىزنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولىمىز،-دېدى توماس دوكتور.
ھەممەيلەن ئالەم ئايروپىلانىدىن كېلىدىغان ئۇچۇرنىڭ داۋامىنى كۈتۈپ ئۇچۇر ئېكرانىغا جىمجىت قاراپ تۇرىشاتتى. ئاخىرى ئۇچۇرمۇ كەلدى، خۇشاللىقتىن ۋارقىراشقا تەييار تۇرغان تەتقىقاتچىلار ئېكراندىكى ئۇچۇر مەزمۇنىنى كۆرۈپ چىرايلىرى ئۆڭۈپ كەتتى. ئېكراندا «تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ پىلانتنىڭ كۈندۈزدىكى تىمپېراتورسى ئالتە يۈز گىرادۇسقا يېتىدىكەن...بىزنىڭ يېقۇلغىمىز تۈگەپ قالغاچقا قايتىشقا مەجبۇر بولىۋاتىمىز...»دىگەن خەتلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تاپتا ھەممەيلەن تولىمۇ مۇرەككەپ ئىچكى ھېسىياتنىڭ تەسىرىدە تىلى گەپكە كەلمەي ھاڭۋېقىپ قېلىشقان ئىدى. يەرشارىدىكى جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى ئەمدى ساقلاپ قېلىشتىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن. يەرشارىنىڭ ھالاك بولۇش تەقدىرى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارسىدىلا قالغان ئىدى.
-ئەپەندىلەر، بىز بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا راستىنلا جۈرئەت قىلالمايمىز،-دېدى توماس دوكتۇر مۇسىبەتلىك ھېسىيات بىلەن،- بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئاتمىش بەش مىليۇن يىللار ئىلگىرى كەسلەنچۈك تىپىدىكى ئۆمۈلىگۈچى ھايۋان دىنوزاۋور توساتتىنلا يەرشارىدىن غايىب بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەرشارىدىكى يەتمىش پىرسەنت جانلىقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. گەرچە ئىنسانلار ئىپتىدائى ھالەتتە تۇرۇپ شۇ چاغدىكى ھالاكەتلىك تەقدىردىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يۈكسەك دەرىجىدىكى تېخنىكىلىرىمىز بىلەن يەرشارىنى ھالاك بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدۇق...ئەپەندىلەر، مەن ھازىر بىزنىڭ تاشقى ئالەمدىن ھاياتلىق ئىزدەش تەتقىقاتىمىزنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى تولىمۇ ئىچىنىش ئىچىدە جاكارلايمەن...
توماس دوكتۇر چۇڭقۇر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
-ئارسلان دوكتۇر، يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە بىزنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىمىزنى خەۋەرقىلىڭ. بىز مەغلۇب بولدۇق.بىز قوبۇل قىلالمايدىغان بۇ رىئاللىق ئالدىدا يەرشارىنىڭ ئەمدى ھالاك بولىدىغانلىقىنى تەن ئېلىشىمىز كىرەك.
ئارسلان ئۈن - تىنسىز ھالدا ئۇچۇر يوللاش ئاپپاراتىنىڭ ئالدىغا كەلدى - يۇ، بىر نەچچە دەقىقە ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن ئارقىسىغا ئۆرۈلدى.
-بىز يەرشارىنىڭ ھالاك بولۇش تەقدىرىنى مەلۇم مۇددەت ئارقىغا سۈرەلىشىمىز مۇمكىن،-دېدى ئارسلان تەمكىنلىك بىلەن،-نامەلۇم نۇر زەررىچىلىرىنىڭ يەرشارىغا كۆرسىتىدىغان رادىئاتسىيلىك تەسىرىنى توسۇش ھەم يەرشارىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن يەرشارى ئالەم قاتناش مەركىزى ئىنسانلار ھەم باشقا جانلىقلارنى تېپىلغان باشقا پلانىتقا كۆچۈرۈش ئۈچۈن ياسىغان ئالەم كېمىلىرىدىن تۈزۈلگەن بىر سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتى ياساش تامامەن مۇمكىن. بىز بۇ سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتىنى يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئوزۇن قاتلىمى تېشىلگەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقارساق يەرشارىنىڭ تېمپېراتۇرسىنى تۆۋەنلىتەلەيمىز ھەم رادىئاتسىيلىك نۇرلارنىڭ يەرشارىغا قايتا تەسىر قىلىشىنى توسۇيالايمىز.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن بىر ئاز ئۈمىدلەنگەندەك بولدى.
- توغرا، توغرا ئېيتتىڭىز-دېدى توماس دوكتور روھلىنىپ،-لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن بىز يەرشارىنىڭ قۇياشتىن قانچىلىك نۇرنى سۈمۈرەلەيدىغانلىقىنى ھەم قانچىلىك قۇياش نۇرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشىمىز كېرەك، سىز قىسقا مۇدەت ئىچىدە بۇنى ھېسابلاپ چىقالامسىز؟
-ھىسابلاپ چىقالايمەن،-دېدى ئارسلان ئىشەنچ بىلەن.
توماس دوكتور يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزى بىلەن ئالاقىلشىپ ئالەم كېمىلىرىدىن تۈزۈلگەن سۈنئىي ئالەم بوشلۇقى ھالقىسى ياساش پىلانىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن باشقا ئامال بولمىغاچقا يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىدىكىلەر دەرھال بۇ پىلانغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
راست دېگەندەك ئالەم كېمىلىرىدىن ياسالغان سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتى قۇياش نۇرىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرلۇق رادىئاتسىيسىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، جەنۇبى قۇتۇپتىكى مۇز تاغلارنىڭ ئېرىشى توختىغان ئىدى.
-ئەپەندىلەر، يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزى يەرشارىدىكى بارلىق جانلىقلارغا ۋاكالىتەن بىزگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىپ ئۇچۇر يوللىدى،-دېدى توماس دوكتور ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدىكى بارلىق تەتقىقاتچىلارغا ئاچقان يېغىندا،-بىزنىڭ تاشقى ئالەمدىن ھاياتلىق ئىزدەش تەتقىقاتىمىز مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بىز يەنىلا يەرشارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى ھالاك بولۇش گىردابىدىن ساقلاپ قالدۇق. لېكىن ئالەم كېمىلىرىدىن ياسالغان سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتى قۇياشتىن كېلىدىغان ئادەتتىكى نۇر زەررىچىلىرىنىمۇ توسۇپ قالغاچقا يەرشارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، جەنۇبىي قۇتۇپتا سوغۇق بەلباغ ئىقلىمى شەكىللىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئەگەر بۇخىل ئەھۋالنى تىزلىكتە ئۆزگەرتمىسەك يەرشارى ئېكۋاتورىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار يېڭى بىر قېتىملىق مۇز دەۋرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
-مېنىڭچە بۇخىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ،-دېدى چيەن گۇاڭمىڭ دوكتور كۆز ئەينىكىنى يۇقىرىراق كۆتۈرۈپ قويۇپ،-يەرشارىنى ئوراپ تۇرغان مىكرۇ دانچىلارغا ئوخشاش قىلىپ سۈنئىي ئۇسۇلدا مىكرۇ دانچىلارنى ياساپ، ئالەم كېمىسىدىن ياسالغان سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرساق يەرشارى تېمپېراتۇرسىنىڭ نورماللىقىنى ساقلاپ قالالايمىز.
-توغرا،-دىېدى ئارسلان دوكتورمۇ ھاياجانلىق تەلەپپۇزدا،-مىكرۇ دانچىلاردىن تۈزۈلگەن سۈنئىي ئاتموسفىرا قەۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ بىر سۈنئىي ئالەم بوشلۇقى ھالقىسىنى شەكىللەندۈرسەك يەرشارىنىڭ تېمپېراتۇرسى تەڭپۇڭ ھالەتكە كېلىشى ئېنىق.
-بىز بەزى ئىشلارنى بەكلا مۇرەككەپ ئويلىۋاپتۇق،-دىدى توماس دوكتور خۇشال بولغان ھالدا،-مىكرۇ دانچىلاردىن سۈنئىي ئالەم بوشلۇقى ھالقىسى ياساش تاشقى ئالەمدىن ھاياتلىق ئىزدىگەنگە قارىغاندا كۆپ ئاسان. چيەن گۇاڭمىڭ دوكتور بىلەن ئارسلان دوكتور، سىلەر ئىككىڭلار مىكرۇ دانچىلاردىن سۈنئىي ئالەم بوشلۇقى ھالقىسى ياساشنىڭ كونكىرت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىڭلار. بىز بۇ پىلاننى يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىگە دەرھال يوللىشىمىز كېرەك.
يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزى ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزى يوللىغان مىكرۇ دانچىلاردىن سۈنئىي ئالەم بوشلۇقى ھالقىسى ياساش پىلانىنى كۆرۈپ دەرھال شۇ بويىچە مىكرۇ دانچىلارنى توپلاپ سۈنئىي ئالەم بوشلۇقى ھالقىسى ياساشنى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالەم كېمىسىدىن ياسالغان سۈنئىي ئاتموسفېرا قەۋىتىنىڭ ئورنىغا مىكرۇ دانچىلاردىن ياسالغان سۈنئىي ئالەم بوشلۇقى ھالقىسى ئالماشتۇرۇلۇپ، يەرشارىنىڭ تېمپېراتۇرسى ئىلگىرىكىدەك نورمال ھالەتكە كەلگەچكە يەرشارى ئالەم تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى روبېرت دوكتور ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدىكىلەرنىڭ ئەمدى يەرشارىغا قايتىپ كەلسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇچۇر يوللىدى.
-گەرچە يەرشارى قۇرۇقلۇقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى سۇ بېسىپ كەتكەن بولسىمۇ جانلىقلارنىڭ ھاياتى ھالاك بولۇش خەۋپىدىن ساقلاپ قېلىندى،-دېدى توماس دوكتور ھاياجانلانغا ھالدا،-لېكىن بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئەھۋال. يەرشارى تېخى پۈتۈنلەي بىخەتەر ھالەتكە قايتقىنى يوق. يەرشارىدىكى ئېنىرگىيە مەنبەلىرى يەنە نەچچە ئون يىل ئىشلىتىشكە ئاران يىتىدۇ. شۇڭا بىز يەرشارىغا قايتىپ بىر مەزگىل دەم ئالغاندىن كېيىن ئالەم بوشلۇقىغا قايتا كېلىپ تاشقى ئالەمدىن ھاياتلىق ئىزدەش تەتقىقاتتى داۋاملاشتۇرىمىز. ئەپەندىلەر، ئەمسە قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىڭلا. يەنە ئون ئالتە سائەتتىن كېيىن يەرشارىغا قەدىمىمىز تېگىدۇ...
شۇ تاپتا ھەممەيلەننىڭ ۋۇجۇدىغا بىر خىل ئىللىق سېزىم يامرىماقتا ئىدى...
مەنبە شىنىجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىردىن
يۇللۇغۇچى مەتۇرسۇن ئېلى
مەزكۇر ئەسەر ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق يۇلىغا مۇنا سىۋەتلىك بۇلغان يېڭىچە دۇنيا ھەقىدە ئىزدىنش يۇلى كۆرسىتىلگەن مۇنبەرداشلارنڭىڭ ئۇقۇپ ئۇيلىنىپ بېقىشى ئۇچۇن يۇلىدىم