<<كۆيۈكتاغ ئەدەبىيات مۇنبىرى>>دىن ئانا يۇرتۇمنىڭ نامىدا يېزىلغان بۇ شېئىرنى كۆرۈپ ، مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
كاتتايلاق
قەيسەر تۇرسۇن
شۇنداق كۆپ گۈزەللەر ئۆتكەن جايمۇ بۇ؟
مىڭ تالاي ناخشىغا بەرگەن دەرد - پىغان.
تۈگىمەس مۇڭ ئاقار تار، كاتاڭ يولدا،
ھەسرەتكە بەخشەندە بولغاندەك جاھان.
دەردىنى ئانارنىڭ ئىچىگە تىزىپ،
ئەۋەتىپ بېرەمدۇ سۆيگۈ دەپ ئۇلار.
چىقماڭلار ئاھ ئەمدى ئالماساتقىلى،
قىپقىزىل ئالمىغا يوقتۇر خېرىدار.
باققاللىق قىلغان مەن ئون بەش يىل بۇرۇن،
ساتقىنىم بىر ھارۋا تۈگىمەس بېسىم.
بىر باققال قىزچاققا ئايلانغان ئىدى،
كاتتايلاق دېگەن بۇ بىر پارچە رەسىم.
كالىنى ھارۋىغا قېتىپ مۇھەببەت
ماڭاتتى شۇ رەسىم ئىچىگە قاراپ.
ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كېلەتتى تۈندە،
شور بىلەن يۇغۇرۇپ قويۇلغان ئازاب.
مەن ئاڭا ھېكايەئېيتىپ بەرمىسەم،
چوقچىيىپ تۇراتتى يولدا ناخشىلار.
شۇ باققال قىزنىلا سۆيدۈرۈش ئۈچۈن،
جېنىمنى توختىماي قازماقتا باھار.
ئون بەش يىل قازغانغا تۈگىمەيدۇ جان،
ناخشىدا ئاققانغان تۈگىمەيدۇ قان.
كاتتايلاق پىچىرلاپ ئېيتقاندا ناخشا،
لەرزىگە كېلىدۇ پۈتكۈل يەر - جاھان.
سۇۋىغان تاشلارنى سىلايدۇ تارىم،
شور باسقان يوللاردا ياڭرىسا قوشاق.
كاتتايلاق مىسلىسىز ئۇزۇن بىر شېئىر،
مەن بېرىپ باقمىغان ئۇ يەرگە بىراق.