查看完整版本: [-- كاتتايلاق(شېئىر) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> كاتتايلاق(شېئىر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاش 2011-10-09 15:01

<<كۆيۈكتاغ ئەدەبىيات مۇنبىرى>>دىن ئانا يۇرتۇمنىڭ نامىدا يېزىلغان بۇ شېئىرنى كۆرۈپ ، مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.

كاتتايلاق

قەيسەر تۇرسۇن

   
    شۇنداق كۆپ گۈزەللەر ئۆتكەن جايمۇ بۇ؟
    مىڭ تالاي ناخشىغا بەرگەن دەرد - پىغان.
    تۈگىمەس مۇڭ ئاقار تار، كاتاڭ يولدا،
    ھەسرەتكە بەخشەندە بولغاندەك جاھان.

   
    دەردىنى ئانارنىڭ ئىچىگە تىزىپ،
    ئەۋەتىپ بېرەمدۇ سۆيگۈ دەپ ئۇلار.
    چىقماڭلار ئاھ ئەمدى ئالماساتقىلى،
    قىپقىزىل ئالمىغا يوقتۇر خېرىدار.
   

    باققاللىق قىلغان مەن ئون بەش يىل بۇرۇن،
    ساتقىنىم بىر ھارۋا تۈگىمەس بېسىم.
    بىر باققال قىزچاققا ئايلانغان ئىدى،
    كاتتايلاق دېگەن بۇ بىر پارچە رەسىم.
   

    كالىنى ھارۋىغا قېتىپ مۇھەببەت
    ماڭاتتى شۇ رەسىم ئىچىگە قاراپ.
    ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كېلەتتى تۈندە،
    شور بىلەن يۇغۇرۇپ قويۇلغان ئازاب.
   

    مەن ئاڭا ھېكايەئېيتىپ بەرمىسەم،
    چوقچىيىپ تۇراتتى يولدا ناخشىلار.
    شۇ باققال قىزنىلا سۆيدۈرۈش ئۈچۈن،
    جېنىمنى توختىماي قازماقتا باھار.

   
    ئون بەش يىل قازغانغا تۈگىمەيدۇ جان،
    ناخشىدا ئاققانغان تۈگىمەيدۇ قان.
    كاتتايلاق پىچىرلاپ ئېيتقاندا ناخشا،
    لەرزىگە كېلىدۇ پۈتكۈل يەر - جاھان.

   
    سۇۋىغان تاشلارنى سىلايدۇ تارىم،
    شور باسقان يوللاردا ياڭرىسا قوشاق.
    كاتتايلاق مىسلىسىز ئۇزۇن بىر شېئىر،
    مەن بېرىپ باقمىغان ئۇ يەرگە بىراق.


تاھىربەگ 2011-10-09 21:49
كەتتايلاغلىقموي سېن  

تاش 2011-10-09 21:55
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى تاھىربەگ نىڭ 2011-10-09 21:49 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كەتتايلاغلىقموي سېن  

شۇنداق. ئۆزەڭ نەدىنوي؟

samanyoli 2011-10-09 22:15
تۇققان چىقىپ قالامسىلەر تېخى،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ھاھا،،ھا،ھ،ا،،ا،ھ،

مېنىڭمۇ بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى شۇ يەرلىك،،،،،،،،،،،،،،لېكىن ھىچقانداق ئالاقە نومۇرى يوق ،،،،،،،،،،،،،،

تاش 2011-10-09 22:18
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-10-09 22:15 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تۇققان چىقىپ قالامسىلەر تېخى،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ھاھا،،ھا،ھ،ا،،ا،ھ،

مېنىڭمۇ بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى شۇ يەرلىك،،،،،،،،،،،،،،لېكىن ھىچقانداق ئالاقە نومۇرى يوق ،،،،،،،،،،،،،،

كاتتايلاقنىڭ قەيىرىدىن ئىدى؟مەن ئالاقىلىشالىسام تېپىشىپ بېرەي.

تاھىربەگ 2011-10-09 22:48
مېنىڭ نەدىنلىكىمنى بىلىسەنغاۋا، ، بىلىپ تۇرۇپ سۇرايدىغان قايدا نىموي سېن         ئىشقىلىپ شورۇغلۇق ئېمېس .   ( چاقچاق جۇمۇ)

fatih204 2011-10-10 11:18
كاتتايلاق دىگەن ناخشا بار ھە ،، تاھىر بەگ جىڭ ئاتۇشلۇق پەدىسىگە سوزلىدىڭ ھە ،،،

تاش 2011-10-10 12:29
ھە. ئۇ ناخشا بار. ئىلگىرىمۇ ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ئوقۇغان ،بۇ قېتىم يەنە <<كاتتايلاق>>دەپ  يېڭى ناخشا ئوقۇپتۇ. بەك ياخشىكەن.

nawkran 2011-10-10 15:20
ئاللا   ئاللا  بۇ  كاتتا  يايلاق دگەن  ئاتۇشنڭ  بر  يزسې   ئەمەسمۇ  منڭ  ئاتا  بوۋام  شۇ  يەردن
قارغاندا مەن تما  ئگسې بلەن بر  يۇرتلۇقمۇ  نمە . ھەي  ئەپسۇس مەن  ئۇچتۇرپانلق  بلۇپ  قالدم  دسە .
بۇمۇ  بر  ئاللانڭ  تەغدرې  ................

يالقۇنى 2011-10-10 18:40
ھەي تاش ھېلى كاتتا يايلاقتىن ،ھېلى كەڭ سايدىن چىقىسەن؟ئېيتە سېىنى زادى كىم قەيەردىن كولاپ چىقارغان؟

يالقۇنى 2011-10-10 18:42
  باققاللىق قىلغان مەن ئون بەش يىل بۇرۇن،
    ساتقىنىم بىر ھارۋا تۈگىمەس بېسىم.

ماۋۇ مىسرا ياخشى چىقىپتۇ

تاش 2011-10-11 15:39
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى يالقۇنى نىڭ 2011-10-10 18:40 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەي تاش ھېلى كاتتا يايلاقتىن ،ھېلى كەڭ سايدىن چىقىسەن؟ئېيتە سېىنى زادى كىم قەيەردىن كولاپ چىقارغان؟

تۇغۇلغان جايىم كاتتايلاق، مۇنبىرىم‹‹كەڭساي››  . بىلىۋالدىڭىزمۇ  ‹‹يالقۇنى››؟


查看完整版本: [-- كاتتايلاق(شېئىر) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.054144 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us