بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن قاننى يەپ-ئىچىش ئادەتتىكى ئىختىيارى ئەھۋالدا ھارام بولۇپ، ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا ھالال.
ئىمام ئىبنى قۇدامە دەيدۇ: "بارلىق ئالىملار ئىختىيارىي ھالدا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ ھاراملىقىدا، مەجبۇر بولۇپ قالغاندا ئۇنىڭدىن يېسە مۇباھ بولىدىغانلىقىدا بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن. باشقا بارلىق ھارام قىلىنغان نەرسىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش".(ئەلمۇغني 9/330)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: (ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان نەرسىلەرنىڭ پاكلىرىدىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىدىغان بولساڭلار، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە پەقەتلا ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى. كىمكى ئاچلىقتىن مەجبۇر بولۇپ قېلىپ كۆڭلى خالاپ ياكى چەكتىن ئاشمىغان ھالدا، ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.)(بەقەرە سۈرىسى 172-173-ئايەتلەر.)
يەنە مۇنداق دېگەن: (كىمكى گۇناھنى خالاپ ئەمەس، ئاچلىقتىن مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئىنتايىن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر.)(مائىدە سۈرىسى 3-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.)
دېمەك ھارام قىلىنغان ماددىلارنى ئىستېمال قىلىش زۆرۈرەت بولمىغاندا ھارام. شۇڭا باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قان سېلىپ داۋالاشقا بولىدۇ.
ئىنسان ھاياتىنى قۇتقۇزۇشتىن باشقا ئادەتتىكى داۋالىنىشلاردا قان بىلەن داۋالانسا بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئىككى خىل:
بىرىنچى قاراشتا: قان ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھارام نەرسىلەردە داۋالىنىش ھارام، چۈنكى ئۇنىڭدا شىپالىق يوق. بۇلارنىڭ دەلىلى: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاراق توغرىسىدا: ئاللاھ سىلەرنىڭ كېسىلىڭلارنىڭ شىپاسىنى سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەردە قىلمىغان، دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارى)
ئىككىنچى قاراشتا: ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ھالال دورا بولمىسا ھارام بىلەن داۋالىنىش ھالال بولىدۇ، بۇ قاراش بويىچە ئىمام نەۋەۋى يۇقىرىقى ھەدىسكە قارىتا مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ: "نىجىس نەرسىلەرنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان پاك دورا بولمىسا ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش ھالال بولىدۇ، ئەگەر پاك دورا تېپىلسا نىجىس بىلەن داۋالىنىش بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھارام بولىدۇ. "ئاللاھ سىلەرنىڭ كېسىلىڭلارنىڭ شىپاسىنى سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەردە قىلمىغان" دېگەن ھەدىسنىمۇ مۇشۇ مەنىدە چۈشىنىمىز. دېمەك ئۇ باشقا پاك دورا بار بولغان ئەھۋالدا ھارام. پاكنى تاپالمىغاندا ھارام ئەمەس".(ئەلمەجمۇئ 9/45)
ئىمام ئەلئىز ئىبنى ئابدۇسسالام مۇنداق دەيدۇ: "نىجىس نەرسىلەرنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان پاك دورا بولمىسا ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش ھالال بولىدۇ، چۈنكى تەن سالامەتلىك ۋە سىھھەت پايدىسى نىجىس نەرسىدىن نېرى تۇرۇش پايدىسىدىن چوڭراق".(قاۋائىدۇل ئەھكام 1/81)
يۇقىرىقى ھۆكۈم قان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نىجىس نەرسىلەرنى يەپ-ئىچىش ھەققىدە كەلگەن بولۇپ، بەدەنگە ئېقىتىپ ئىشلىتىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشمۇ؟ ھارام ماددىلارنى بەدەنگە ئېقىتىپ داۋالىنىشقا بولامدۇ؟
مەلۇمكى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە قان ئالدۇرۇپ داۋالىنىش بار ئىدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قان ئالدۇرغان.
تاۋۇس رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قان ئالدۇرۇپ، قان ئېلىپ قويغان كىشىگە ئىش ھەققى بەرگەن، بۇرنىغا دورا تېمىتقان.(سەھىھۇل بۇخارى 5691-ھەدىس)
ئاشۇ تەرىقىدە قان ئالدۇرغان ئەھۋالدا قان يا قان ئالدۇرغان كىشىنىڭ يا قان ئېلىپ قويغۇچىنىڭ بەدىنىگە يۇقۇپ كېتەتتى، بۇنداق ئەھۋالدا يۇيۇپ تازىلىۋەتسە بولاتتى.
ئۇنداق بولىدىكەن قاننى يەپ-ئىچىپ ئىستىمال قىلىش بىلەن بەدەنگە تەككۈزۈش پەرقلىق ھەم يەڭگىل بولۇشى كېرەك.
ئىمام ئىبنى تەيمىيە قان ئېلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ قولى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "ئەمدى ئۇنىڭ قولىغا كەلسەك، ئەگەر ئۇنىڭدا نەجاسەت بولمىسا ئۇنىڭ قولى باشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئوخشاش بولۇپ، خۇددى ئىستىنجا قىلغاندا قول مەينەت بولۇپ قالسا ئارقىدىن يۇيۇۋەتسە زىيىنى بولمىغاندەكلا قولىنى يۇيۇۋەتسە قان بىلەن شالتاق بولغىنىنىڭ زىيىنى بولمايدۇ".(مەجمۇئۇل فەتاۋا 30/191)
بۇنىڭغا ئاساسەن داۋالىنىش ئېھتىياجى ئۈچۈن قۇش-ھايۋانلارنىڭ قېنىنى بەدەنگە ئېقىتىپ داۋالىنىشقا بولىدۇ. كېيىن قاننى ئېقىتىلغان بەدەندىن پاكىز يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم .
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2011-10-8
مەنبە؛ ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى