باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2079 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شارابخور دۇنيا
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-08 23:30

شارابخور دۇنيا

شارابخور دۇنيا
ئايلانماقتا دۇنيا،
شارابخور ئاياللارنىڭ تومۇرىدا.
ئەرلەر ئۆلۈمنى كۈتمەكتە جىمجىت،
ھاياسى يىرتىلغان بەزمىخانىدا.
ئاياللار
ئۆز قەلبىدە ئۇنتۇلغان.
نۇمۇسنى
قەدەھلەرگە قاچىلاپ،
يۇتماقتا ۋە ئاستا-ئاستا
ئايلانماقتا ئالۋاستىلارغا.
بىلمەيدۇ،
بۈگۈنكى ئايال
كىم ئۈچۈن ياسىنىپ يۈرگىنىنى،
كىم ئۈچۈن مەست بولۇپ كۈلگىنىنى،
كىم ئۈچۈن تىرىلىپ،ئۆلگىنىنى،
ئاياللار يېشىلگەندە مەستلىكتىن،
ئەرلەرنىڭ ئۇيقۇسى قاچىدۇ.
غۇرۇر چېچەكلىسە قان رەڭدە،
مەھبۇسلار تىنىقىدا ئوت ئاچىدۇ.
ئەي،شارابخور دۇنيا،
مەست قىلماقچىمۇ سەن ھەممىنى،
قالدۇرۇپ قوي.
قىيامەتنىڭ بوسۇغىسىدا،
كۆيۈك تەننىڭ بىر پارچىسىنى.
<<ئوت پەسلى >>ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن.
ئاپتور:ئايىمنىسا سۇلايمان.
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1660
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1660دانە
ئۆسۈش: 7940 %
مۇنبەر پۇلى: 22727 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-30
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-09 22:23

ياخشى شېئىر ئىكەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
تاش بۇرادەر،،،،،،،،،دەسلەپتە ئىنكاس يازمىغان بولساممۇ،،تىمىڭىزنى كۆرۈپلا ياخشى تىما ئىكەن دەپ ئىچىمدە ،يازغۇچىغا  ھەم سىزگە ئاللاھدىن ئاسانچىلىق ،سالامەتچىلىك تىلىگەن ئىدىم،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
قىلغان ئەمەللىرىمىزگە ئەجىر ،باھا،،ھەم ساۋاپنى ئاللاھدىنلا ئۈمىت قىلىش ئەڭ توغرىدۇر،،،ھەم شۇنداق قىلىش ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگەتكۈسى،،،،،،