查看完整版本: [-- شارابخور دۇنيا --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> شارابخور دۇنيا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاش 2011-10-08 23:30
شارابخور دۇنيا
ئايلانماقتا دۇنيا،
شارابخور ئاياللارنىڭ تومۇرىدا.
ئەرلەر ئۆلۈمنى كۈتمەكتە جىمجىت،
ھاياسى يىرتىلغان بەزمىخانىدا.
ئاياللار
ئۆز قەلبىدە ئۇنتۇلغان.
نۇمۇسنى
قەدەھلەرگە قاچىلاپ،
يۇتماقتا ۋە ئاستا-ئاستا
ئايلانماقتا ئالۋاستىلارغا.
بىلمەيدۇ،
بۈگۈنكى ئايال
كىم ئۈچۈن ياسىنىپ يۈرگىنىنى،
كىم ئۈچۈن مەست بولۇپ كۈلگىنىنى،
كىم ئۈچۈن تىرىلىپ،ئۆلگىنىنى،
ئاياللار يېشىلگەندە مەستلىكتىن،
ئەرلەرنىڭ ئۇيقۇسى قاچىدۇ.
غۇرۇر چېچەكلىسە قان رەڭدە،
مەھبۇسلار تىنىقىدا ئوت ئاچىدۇ.
ئەي،شارابخور دۇنيا،
مەست قىلماقچىمۇ سەن ھەممىنى،
قالدۇرۇپ قوي.
قىيامەتنىڭ بوسۇغىسىدا،
كۆيۈك تەننىڭ بىر پارچىسىنى.
<<ئوت پەسلى >>ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن.
ئاپتور:ئايىمنىسا سۇلايمان.

muslima32 2011-10-09 02:23
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم  ئېسىل شئېر ئىكەن،

يالقۇنى 2011-10-09 14:09
توۋا~~~~ مۇشۇنداق ياخشى شېئىرغا ئىنكاس يوقما~~~~ ،تاشكا، بۇنداق شېئىر چۈشەنمەيدىغانلارغا شېئىر يېزىپ بېرىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغۇچە «كەڭساي»دىن تاش كولىسىڭىزچۇ~~~

تاش 2011-10-09 14:12
ئەي،ئۇكام،مەن بۇ مۇنبەردە <<كۆيدىم،پىشتىم>نى ياقتۇرمايدىغانلار جىق بولغاندىكىن،مۇشۇنداق شېئىرلارنى ياقتۇرامدىكىن دېسەم،بۇنداق شېئىرلارنى چۈشىنىدىغانلار يوق ئوخشايدۇ.

يالقۇنى 2011-10-09 14:15
قارىسام بۇ مۇنبەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشقى سەۋداسى زىيادە ئېشىپ كېتىپ ، مەنىلىك شېئىرنى  تازا چۈشەنمەس بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ

تاش 2011-10-09 14:20
ھوي،بۇنداق دېمەڭ، بۇ مۇنبەردە  ئىشىقنىڭ نېمىلىكىنى  بىلمەيدىغانلار جىق. تىل-ئاھانەتكە  قالىسىز .بۇلارنىڭ نەزەرىدە قىز-يىگىتلەرلا بىر-بىرىگە كۆيۈپ يۈرىدىكەن، شۇڭا بۇ مۇنبەردىكىلەر <<كۆيدۈم،پىشتىم>>نى ياقتۇرمايدۇ.

oylinish 2011-10-09 16:13
تاش بىلەن يالقۇنى   سىلەرمۇ  مۇشۇ مۇنبەردىكى ئادەملەرغۇ؟
ئىككىڭلارغا بۇ نادان، ھېچنىمىنى ياقتۇرمايدىغان ئادەملەر ئارىسىدا نېمە بار؟ ئۆز خىلىڭلاردىكى ئادەملەر بار يەرگە كەتسەڭلار ھېچكىم توسۇپ قالمايدۇ.  بۇ يەردە تۇرىمەن دېسەڭلار تولا  تەنە سۆزلەپ بەرمەي ئىشىڭلارنى قىلىڭلار

لۇتفى 2011-10-09 17:12
  مەن بۇ شائىرە نىڭ شېئىرلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن . مۇشۇ كىتابقا بېسىلغان رەسىمىدىن بىر خىل غورۇر ۋە مەردانىلىكنى ھېس قىلغان ئىدىم ، شېئىرلىرىدىنمۇ ھەم شۇنداق .
   تاش بىلەن يالقۇنى سىلەر بۇنداق ھۆكۈم قىلساڭلار توغرا بولماس ، تېخى 200چە ئادەم كىرىپتۇ ، بىلىشىمچە بۇ مۇنبەردە   سەككىز توققۇزمىڭ ئەزا بار  . 200 ئادەم بۇلارغا ۋەكىللىك قىلالماس . بۇ لارنىڭ ئىچىدە ئەزا ئەمەسلەر قانچىلىك تېخى  

تاش 2011-10-09 18:15
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-10-09 16:13 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تاش بىلەن يالقۇنى   سىلەرمۇ  مۇشۇ مۇنبەردىكى ئادەملەرغۇ؟
ئىككىڭلارغا بۇ نادان، ھېچنىمىنى ياقتۇرمايدىغان ئادەملەر ئارىسىدا نېمە بار؟ ئۆز خىلىڭلاردىكى ئادەملەر بار يەرگە كەتسەڭلار ھېچكىم توسۇپ قالمايدۇ.  بۇ يەردە تۇرىمەن دېسەڭلار تولا  تەنە سۆزلەپ بەرمەي ئىشىڭلارنى قىلىڭلار

سىزگە شۇنداق دەپ قۇياي،سىزنىڭ مېنى بۇ مۇنبەردىن قوغلاشقا سالايىھىتىڭىز  يوق.

تاش 2011-10-09 18:18
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-10-09 16:13 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تاش بىلەن يالقۇنى   سىلەرمۇ  مۇشۇ مۇنبەردىكى ئادەملەرغۇ؟
ئىككىڭلارغا بۇ نادان، ھېچنىمىنى ياقتۇرمايدىغان ئادەملەر ئارىسىدا نېمە بار؟ ئۆز خىلىڭلاردىكى ئادەملەر بار يەرگە كەتسەڭلار ھېچكىم توسۇپ قالمايدۇ.  بۇ يەردە تۇرىمەن دېسەڭلار تولا  تەنە سۆزلەپ بەرمەي ئىشىڭلارنى قىلىڭلار

ماڭا تۆھمەت قىلماڭ، مەن بۇ مۇنبەردىكىلەر ھېچنىمىنى ياقتۇرمايدۇ دېمىدىم. بەلكى،<<كۆيدۈم، پىشتىم>>نى ياقتۇرمايدۇ  دېدىم. بۇنداق تۆھمەت قىلىش  سىزنىڭ ئىدىيىڭىزگە خىلاپقۇ  دەيمەن.

alim520 2011-10-09 19:07
ئىنكاس بولمىسىلا ياقتۇرغانلىق بولمامدا . ؟؟؟سىز بىزنىڭ ئىچىمىزگە كىرىپ چىقتىڭىز مۇ؟؟؟ سىز گىزە ۋاي ياخشى يىزىپسىز قولىڭىز غا دەت كەممىسۇن ۋاي  رەخمەت دىگەن سۆزلە كىرەكما؟؟؟  شېئىرنى ئىككىڭلالام چۇشۇنىسىلە قالغانلىرىمىزدا شېئىرنىڭ نىمىلىكىنى چۇشەنمىگەچ شۇڭا ئىنكاس يازماپتۇق .

تاش 2011-10-09 20:37
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى alim520 نىڭ 2011-10-09 19:07 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل تاش بىلەن يالقۇننىڭ يازمىسىغا....... :

بىز سىزنى ئىنكاس يازمىدىڭ دەپ تىللىمىدۇققۇ؟ پەقەت ياخشى بىر شېئىر ئىنكاسسىز قاپتۇ دەپ ئېچىندۇق شۇ.  ئېسىڭىزدە بولسۇن،بۇ شېئىردا سىز  رومان يازسىڭىزمۇ دەپ بولالمايدىغان گەپلەر بار.  نەدىكى بىر تېمىلارغا ئىنكاس يېزىپ ھارمايمىز-يۇ، بىر ياخشى تېمىغا ئىنكاس يازمامدۇق؟(بۇ مەن يوللىغان تېما بولغانلىقى ئۈچۈنلا بۇنداق دېمەيۋاتىمەن) بۇ مۇنبەردىكى نۇرغۇن شېئىرلارنى يىغىپ كەلسە بۇ شېئىرنىڭ بىر كوپلىتى ئىپادىلىگەن مەزمۇننى ئىپادىلىيەلمەيدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن ماڭا سىزنىڭ مەدھىيىلىرىڭىز لازىم ئەمەس!!
مەن <<كەڭساي>>مۇنبىرى قانداق قىلغاندا باشقا مۇنبەرلەردىن ئەسەر كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ چاپلاشتىن قۇتۇلاركىن دەپ كىتابلاردىن يېڭى -يېڭى تېمىلارنى يوللاۋاتىمەن. بەزىلەردەك باشقا مۇنبەرلەردىن ئەكىلىپلا چاپلاپ قويمايۋاتىمەن. بۈگۈن <<كاتتايلاق>>دېگەن شېئىرنى <<كۆيۈكتاغ ئەدەبىيات مۇنبىرى>>دىن كۆچۈرۈپ قويسام ھازىرغىچە تەستىقلانمىدى. ئۇ شېئىرنى كۆچۈرۈشىمدىكى سەۋەب <<كاتتايلاق>>مېنىڭ يۇرتۇم. خېلى ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن شۇڭا كۆچۈرگەن.

يالقۇنى 2011-10-09 21:19
بۇ مۇنبەرنى شۇ مۇشۇنداق تېمىلار توغرىسىدا پىكىر قىلىدۇ دەپ قۇرغان، مەن ئۆزۈمنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسام نېمە تولا سەكرەپ مېنى مۇنبەردىن قوغلايسىز؟  دېگەن گىپىم ئېچىشقان يەرلىرىڭىزگە تېگىپ كەتتىمۇ يا؟

end 2011-10-09 21:29
ۋوججون ماتىمىدىىكى ئىنكاسلىنى...  ھەي باللا نىمە قىلىمىز بىرسى بىرسىمىزگە نەشتەر سانجىپ بولدى قىلىڭلا .

تاش 2011-10-09 21:41
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى end نىڭ 2011-10-09 21:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋوججون ماتىمىدىىكى ئىنكاسلىنى...  ھەي باللا نىمە قىلىمىز بىرسى بىرسىمىزگە نەشتەر سانجىپ بولدى قىلىڭلا .

خاتا چۈشەنمەڭ!بۇ نەشتەر سانجىش ئەمەس، بەلكى، بەزىلەرگە تەربىيە قىلىش،  چوڭ سۆزلەشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىش.

يالقۇنى 2011-10-09 21:44
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى alim520 نىڭ 2011-10-09 19:07 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل تاش بىلەن يالقۇننىڭ يازمىسىغا....... :
ئىنكاس بولمىسىلا ياقتۇرغانلىق بولمامدا . ؟؟؟سىز بىزنىڭ ئىچىمىزگە كىرىپ چىقتىڭىز مۇ؟؟؟ سىز گىزە ۋاي ياخشى يىزىپسىز قولىڭىز غا دەت كەممىسۇن ۋاي  رەخمەت دىگەن سۆزلە كىرەكما؟؟؟  شېئىرنى ئىككىڭلالام چۇشۇنىسىلە قالغانلىرىمىزدا شېئىرنىڭ نىمىلىكىنى چۇشەنمىگەچ شۇڭا ئىنكاس يازماپتۇق .

بىزگە رەھمەت، قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن دېگەن،گەپلەر ئەمەس، بەلكى ماۋۇ شېئىردا مۇنداق مەزمۇن ئىپادىلىنىپتۇ، مۇنداق يېرى ياخشى يېزىلىپتۇ،مۇنداق ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرۈپتۇ دېگەن گەپ لازىم ، بولمىسا تاش بۇ شېئىرنى قىلغىلى ئىشى يوق بىكاردىن -بىكار جاپا تارتىپ مۇنبەرگە چىقارغانمۇ؟  يەنە بىر تەكلىپ ، ئالدى بىلەن گرامماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ ،ئىملانى توغرىلاپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ.

samanyoli 2011-10-09 22:23
ياخشى شېئىر ئىكەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
تاش بۇرادەر،،،،،،،،،دەسلەپتە ئىنكاس يازمىغان بولساممۇ،،تىمىڭىزنى كۆرۈپلا ياخشى تىما ئىكەن دەپ ئىچىمدە ،يازغۇچىغا  ھەم سىزگە ئاللاھدىن ئاسانچىلىق ،سالامەتچىلىك تىلىگەن ئىدىم،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
قىلغان ئەمەللىرىمىزگە ئەجىر ،باھا،،ھەم ساۋاپنى ئاللاھدىنلا ئۈمىت قىلىش ئەڭ توغرىدۇر،،،ھەم شۇنداق قىلىش ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگەتكۈسى،،،،،،

end 2011-10-09 23:07
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى تاش نىڭ 2011-10-09 21:41 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

خاتا چۈشەنمەڭ!بۇ نەشتەر سانجىش ئەمەس، بەلكى، بەزىلەرگە تەربىيە قىلىش،  چوڭ سۆزلەشتىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىش.

  ھەماقۇل مەن خاتاچۇشىنىۋالغان ئوخشايمەن . بىرئوبدان شېئىرغا چۇشكەن ئىنكاسلىنى كۆرەببىقىڭە... يائىنكاسلىنى كۆرمەي چىكەتكىنى بولمىغان ... بىرسى- بىرسىمىزنى رەنجىتكەننىڭ ئورنىغائىنكاسيازمىساق بولمىدىمۇ.
 ئەگەربۇگەپلىرىم زىتىڭىزغاتىگىپ كەتكەن بولساسىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۇرۇم سورايمەن.

تاش 2011-10-10 12:33
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 16قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-10-09 22:23 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ياخشى شېئىر ئىكەن،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
تاش بۇرادەر،،،،،،،،،دەسلەپتە ئىنكاس يازمىغان بولساممۇ،،تىمىڭىزنى كۆرۈپلا ياخشى تىما ئىكەن دەپ ئىچىمدە ،يازغۇچىغا  ھەم سىزگە ئاللاھدىن ئاسانچىلىق ،سالامەتچىلىك تىلىگەن ئىدىم،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
قىلغان ئەمەللىرىمىزگە ئەجىر ،باھا،،ھەم ساۋاپنى ئاللاھدىنلا ئۈمىت قىلىش ئەڭ توغرىدۇر،،،ھەم شۇنداق قىلىش ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگەتكۈسى،،،،،،

ئالدى بىلەن ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىنىڭ تېمامغا ئىنكاس يازغىنىغا رەھمەت. بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىلماپتۇ دېيىشىمدىكى سەۋەب، مېنى ياخشى دېمىدىڭلار،مېنىڭ قىلغان ئەجرىمنى ئېتىراپ قىلمىدىڭلار دېگەن مەقسەدتىكى گەپ ئەمەس.پەقەت مۇشۇنداق تېمىلاردا  مۇنازىرىلىشىپ ياخشى پىكىرلەرنى كۆپرەك ئالساق دېگەنلا مەقسىدىم بار.

oylinish 2011-10-10 18:36
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى تاش نىڭ 2011-10-09 14:12 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەي،ئۇكام،مەن بۇ مۇنبەردە <<كۆيدىم،پىشتىم>نى ياقتۇرمايدىغانلار جىق بولغاندىكىن،مۇشۇنداق شېئىرلارنى ياقتۇرامدىكىن دېسەم،بۇنداق شېئىرلارنى چۈشىنىدىغانلار يوق ئوخشايدۇ.

ئۇنداقتا بۇ گېپىڭىز گۇمان ئەمەسمۇ؟  بۇ مۇنبەردىكى نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى تونۇمتىڭىز؟ نېمىگە ئاساسەن "بۇنداق شېئىرلارنى چۈشىنىدىغانلار يوق ئوخشايدۇ" دەيسىز؟
بىر تېمىغا ئىنكاس يېزىلماسلىقى ئۇ تېمىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. 
مەن سىزنى قوغلىماقچى ئەمەس، مەقسىتىم، مۇنبەردىكىلەرنى تىلغا ئېلىپ زارلانماڭ!  بىزمۇ مۇنبەر ئەزاسى، سىزمۇ مۇنبەر ئەزاسى!
چۈشىنىشلىك بولدىمۇ؟

ئىزھار1 2011-10-11 10:13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇشىئر مۇقامغا كەلمىگەن بىلەن مەزمۇنى ياخشى ئىكەن  ، دىمىسۇ ئاياللار جەمىيەتتىكى بۇزۇقچىلىقنىڭ مەنبەسى دىسەك بەك ئېغىر كەتمەيدۇ ، لىكىن ئەرلەرمۇ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ ئۈزىنىڭ مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمىغانلىق گۇناھىنى ئاياللارنىڭكىدىن يەڭگىل دىيىشكە بولمايدۇ ، چۈنكى ئەرلەر ئائىلىسىگە مەسئۇل بۇلىشى ئايال - قىزلىرىغا ھەقىقى ئىگە بۇلىشى باش تارتىپ بۇلالمايدىغان مەجبۇرىيتى ، قىيامات كۈنى بۇ . . . ئەرلەر چۇقۇم  مەسئۇلىيەتتىن سۇرىلىدۇ .
ھەقىقى مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلغانلىق قىسقىچە قىلىپ ئىيتقاندا ئىسلامى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتۇر .

يالقۇنى 2011-10-11 15:26

يالقۇنى 2011-10-11 15:26
تاشكا ،نېمانداق يوقاپ كەتتىلە

تاش 2011-10-11 15:36
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-10-10 18:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئۇنداقتا بۇ گېپىڭىز گۇمان ئەمەسمۇ؟  بۇ مۇنبەردىكى نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى تونۇمتىڭىز؟ نېمىگە ئاساسەن "بۇنداق شېئىرلارنى چۈشىنىدىغانلار يوق ئوخشايدۇ" دەيسىز؟
بىر تېمىغا ئىنكاس يېزىلماسلىقى ئۇ تېمىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. 
مەن سىزنى قوغلىماقچى ئەمەس، مەقسىتىم، مۇنبەردىكىلەرنى تىلغا ئېلىپ زارلانماڭ!  بىزمۇ مۇنبەر ئەزاسى، سىزمۇ مۇنبەر ئەزاسى!
چۈشىنىشلىك بولدىمۇ؟

ۋاي،رەھمەت!چۈشىنىشلىك بولدى.  بىراق،گۇمان بىلەن  پەرەز  دېگەن سۆزنى ياخشى پەرقلەندۈرۈپ ئىشلىتىڭ. مەن ئىنكاس چۈشمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ تېمىنى ناچار دېمىدىم.  مەن ياخشى بولغاچقا يوللىغان. بۇ جەھەتتە تەلىم بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما،مۇشۇنداق تېمىلاردا پىكىر كۆپرەك بولسا ياخشى بولاتتى، نەدىكى تېتىقسىز تېمىلارغا ئىنكاس يېزىپ يۈرگىچە؟!

查看完整版本: [-- شارابخور دۇنيا --] [-- top --]

Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.065971 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us