ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قېرىندىشىمىز سۈبھى !كەڭساي مۇنازىرە مۇنبىرىگە كەلگەنلىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!!!
تۆۋەندىكى بۇ ماقالە سىزنى قارشى ئېلىش سوۋغىسى بولسۇن!!!
ئىسلام ياشلىرى قانداق بولۇشى كېرەك؟
ياشلىق ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئەڭ كۆپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەيدىغان ۋاقىتتۇر. ئىنسان ياشلىق دەۋرىدە بىر نەچچە ئىشنى بىرلىكتە ئېلىپ بارالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «ياشلىق» سۆزى ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
ياشلىققا ئىسلام نەزىرىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن بېرى نۇرغۇنلىغان ۋەقە ۋە ھادىسىلەردە ياشلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋە چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى كۆرىمىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشلار ئەسكەرلىك، ئىجتىمائىي خىزمەتلەر، مۇئەللىملىك، ھۆكۈمەت ئىدارىسى ۋە باشقا كۆپلىگەن ساھەلەردە ئاكتىپ رول ئوينىغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ئەسىرلەرگە قارىغان ۋاقتىمىزدىمۇ ئىسلام دەۋىتىنى ئۈستىگە ئالغان، ئىسلام دەۋىتىنى ئۆزىگە شۇئار قىلغانلارنىڭ ياشلار بولغانلىقىنى ۋە ئۇ ياشلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئىسلام ياشلىرىغا يارىشىدىغان بىر شەكىلدە ئادا قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. يەنە ئىسلامنىڭ جان تومۇرى بولغان دەۋەت ۋەكىللىرىنى ياشلارنىڭ تەشكىل قىلغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. تارىخنىڭ قايسى بىر دەۋرىدە ئىسلام كۈچەيسە، ئۇ دەۋرىدە ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە ئەڭ كۆپ خىزمەتنىڭ مۇسۇلمان ياشلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
مانا مۇشۇ ھەقىقەتنى كۆرگەن دىن دۈشمەنلىرى ھەر دائىم ياشلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇش ۋە ياشلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇپ كاردىن چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. چۈنكى ياشلار تۈگەشسە، ياشلار ئىسلامىي كىملىكىنى يوقاتسا، ياشلارنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلسا، ئىسلام تۈگەشتى؛ مۇسۇلمانلار تۈگەشتى، دېگەن سۆز. شۇنىڭ ئۈچۈن دۈشمەنلەر تۈرلۈك - تۈرلۈك ئويۇن - تاماشا، ھەر تۈرلۈك كىنو - فىلىملار ئارقىلىق ئوغۇل - قىزلىرىمىزنى ئىسلامدىن سوۋۇتۇش، ئىسلامىي ئەنئەنىمىزدىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۆتمۈشىنى بىلمەيدىغان، كەلگۈسىنى ئويلىمايدىغان قىلىپ، كارغا كەلمەس دەشقاللارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز تىرىشماقتا.
ئېچىنارلىقى شۇكى، كۈنىمىزدە ياشلارنى بۇزىدىغان ھەر تۈرلۈك ئۇنسۇرلار تېلېۋىزور ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆيىمىزنىڭ تۆرىسىگىچە كىردى. كۈنىمىزدە ئوغۇل - قىزلىرىمىزنىڭ بۇزۇلۇشى ناھايىتى ئاسان، ئۇلارنى دۈشمەنلەرنىڭ ياۋۇز ئوقلىرىدىن ساقلاپ قېلىش بەكمۇ قىيىنلىشىپ كەتتى.
قەدىرلىك ياشلار!
ياش ئەۋلادلىرى يوقالغان ياكى كاردىن چىققان ھەر قانداق بىر دىن ياكى ئېقىمغا قارشى تۇرۇش، ئۇنىڭغا قارا چاپلاش، يامان كۆرسىتىش ناھايىتى ئاسان. ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ۋە غەرب دۇنياسى ئىسلام دۇنياسىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئىسلام ياشلىرىنى تۈگىتىش، قالغانلارنى ئامېرىكىچە - ياۋروپاچە ئىسلام چۈشەنچىسى بىلەن ئىش قىلدۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز ھەرىكەت قىلماقتا.
ئامېرىكا بىلەن غەرب بۇ ياۋۇز غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن ياشلارنى قىزىقتۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ نەپسىگە خۇش ياقىدىغان ئامىللار ۋە دۇنياۋى كەيپى - ساپالار بىلەن ئالدىماقتا. ئۇلارنىڭ غايىسى مۇشۇ شەكىلدە ھەقنىڭ ئالدىدا باتىلنى كۈچلۈك قىلىشتۇر.
ئەپسۇسكى كۈنىمىزدىكى ئوغۇل - قىزلار دەرس مۇزاكىرە قىلىشتىن ياكى ئىنتەرنېتنىڭ تۈگىمەس جازىبىسىدىن ياكى ئەل - ئاغىنە ۋە دوستلارنىڭ مۇھىتىدىن ياكى تېلېۋىزوردا ئارقىسى تۈگىمەس كۆپ سېرىيىلىك فىلىملاردىن ئۆزىنى ئالالماي، ئەقلىنى ئىشلىتىش، ئۆزى ۋە مىللىتىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىش قابىلىيىتىنى يوقىتىپ، ئىسلامىي ھايات سىستېمىسىدىن يىراقلىشىپ كەتمەكتە.
ياشلارنىڭ ئەقلىنى قوللىنىشىغا، كەلگۈسى تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىشىغا ۋە توغرا - خاتانى پەرق ئېتىشىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ئىسلامىي ھايات ياشاۋاتقان ياشلىرىمىزغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئىسلامىي پىكىرگە ئىگە ياش قېرىنداشلىرىمىز ئەكسى تەرەپتىن ئۈزلۈكسىز چىقىۋاتقان غەربلىشىش - ياۋروپالىشىش بوران - چاپقۇنلىرىدىن نېسىۋىسىنى ئالماقتا.
بۇ سەۋەبتىن يېڭى ئەۋلادلار ساپ سۈزۈك، پاك - پاكىزە ئىسلامىي چۈشەنچىنىڭ ئورنىغا، بۇلغانغان ۋە بۇرمىلانغان بىر ئىسلام چۈشەنچىسىگە ئېگە بولماقتا. بۇ سەۋەپتىن بىر يېرىم مىلياردلىق مۇسۇلمان دۇنياسى بىرلىشەلمەيدۇ، بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان بىلەن كارى بولمايدۇ.
قەدىرلىك ياشلار!
مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدىكى بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى تۈزۈتىشنىڭ يولى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە يول كۆرسىتىدىغان، توغرا ئىسلام ياشلىرى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن "توغرا ئىسلام ياشلىرىنىڭ" قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرۇشىمىز لازىم.
ئالدى بىلەن ئىسلامىي ھايات تۈزۈمىنىڭ، بىزنىڭ بارلىق ھاياتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. ھەر بىر ئوغۇل - قىز ئۆيىدە ئولتۇرغاندا، ياتقاندا، مەكتەپكە كېتىۋاتقاندا، ئاپتوبۇستا ياكى تاكسىدا ئولتۇرۇۋاتقاندا، سىنىپىدا ۋە ئىش يېرىدە ۋە باشقا بارلىق ئەھۋاللىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ - كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا كۆرە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. بۇ ئەھۋالنى كۆز ئالدىدا تۇتقان ۋاقتىمىزدا، شۇ مەلۇم بولىدۇكى، بىزنىڭ ئىسلامىي ھەرىكىتىمىز ئەمەلىيىتى يوق بىر خىيال بولماسلىقى لازىم.
ئەگەر بىز مەسجىدلەردە ۋە ئىسلامىي سۆھبەتلەردە باشقىچە، تاشقىرىدا باشقىچە بولساق، ئوقۇغان نامىزىمىز ھەققە ۋەكىللىك قىلىدىغان، قىلىۋاتقان ئىش - ھەرىكىتىمىز باتىلغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولسا، ئوقۇغان كىتابىمىز نۇرغا ۋەكىللىك قىلىپ، ئاڭلىغان ناخشا - مۇزىكىمىز قاراڭغۇلۇققا ۋەكىللىك قىلسا، بۇ يەردە بىر خاتالىق بار دېمەكتۇر. شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، بىر كىشىنىڭ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دېگىنى، ھەقنىڭ ئالدىدىكى پۈتكۈل باتىللارنى قولىنىڭ ئارقىسى بىلەن ئىتتىرۋەتكەنلىكىدۇر. ھەر بىر مۇسۇلمان ياش مانا مۇشۇ ئاساستا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.
قەدىرلىك ياشلار!
مۇسۇلمان ياشلىرىمىزنىڭ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىدىن يەنە بىرى، ئىسلامنىڭ بىرلەشتۈرگۈچى رولىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ئورنىغا، تەك بىر تەرەپكە يۆنىلىشنى تاللىشىدۇر. يەنى سۆز - ھەرىكەت، ئىبادەت - سىياسەت، ئەخلاق - بىلىمنىڭ چەك - چېگرىسىنى بۇزۇپ، ئىسلامىي ھايات تۈزۈمى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان "ئۇچى"، "بۇچى" دېگەن بۆلۈنۈشلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىسلامىي دەۋەتنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئىسلامىي دەۋەتكە زىيان يەتكۈزۈشتۇر.
ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئىسلام بىر پۈتۈن بولۇپ، ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە تەتبىقلىنىشى كېرەك. ئىسلام ھەم ئىبادەتلەرنى ئىخلاس بىلەن قىلىشنى، ھەم ئەخلاق ۋە ئەدەپ دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشنى، ھەم سىياسىي ساھەدە ئىسلامنى مۇداپىئە قىلىشنى، ھەم زالىملارغا قارشى تۇرۇشنى ئەمرى قىلىدۇ. بۇ يەردىنمۇ بىلىمىزكى، ئىسلام بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر. توغرا بىر ئىسلامىي نىزام بەرپا قىلىشنى خالايدىغان بولساق، كەلگۈسىنىڭ چوڭلىرى بولغان بۈگۈننىڭ ياشلىرىنى توغرا ئىسلام چۈشەنچىسى بىلەن يېتىشتۈرىشىمىز كېرەك. ئىسلام ھەققىدە سۆز قىلىش ئىنسانلارغا ئاسان كەلمەكتە. لېكىن بىزنىڭ گەپ سېتىپ ئولتۇرۇشقا ۋاقتىمىز يوق. مىللىتىمىز ئىسلامىي بىلىملەرگە تەشنا، ئىسلامنى توغرا چۈشەندۈرىدىغان ياشلارنى كۈتمەكتە.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ناچار يىلتىزلاردىن ناچار دەرەخ يېتىشىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىزنىڭ ناچار يىلتىزلاردىكى ئىللەتلەرنى تازىلىشىمىز، ساغلام يىلتىزلار بولۇپ، ساغلام دەرەخلەر چىقىدىغان يېڭى ئەۋلادلار يېتىشتۈرىشىمىز كېرەك.
قەدىرلىك ياشلار!
توغرا ئىسلام چۈشەنچىسى بىلەن يېتىشكەن، ھەقنى باتىلدىن ئايرىيدىغان، سۆزى بىلەن ئىشى بىر بولغان ياشلار بولۇش ۋە باشقا ياشلار يېتىشتۈرۈش ئۈمىدى بىلەن ھەممىڭلارنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇردۇم. خەير - خوش، سالامەت بولۇڭلار. ھۆرمەت بىلەن نۇرىلەم ياسىن. ۋەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
[ بۇ يازمىنىsirik 2011-10-08 22:38قايتا تەھرىرلىدى ]