
ب د ت خەلقئارا مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) ۋە ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى، پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللىدى.
ئامېرىكا بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي، ب د ت نىڭ ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھېسابلىدىغان (UNESCO)، پەلەستىننىڭ تولۇق ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدى. ئەرەب كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىمۇ، دېموكراتىيە ئۈچۈن تىرىشۋاتقان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباسنى كۈتۈۋالدى. مەھمۇت ئابباس دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇش كۈرىشىگە، «پەلەستىن باھارىنىڭ ۋاقتى كەلدى» دەپ باھا بەردى. مەھمۇت ئابباس ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى باشلىقى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ستراسبۇرگقا يېتىپ باردى. ئۇ، پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، ياۋروپانىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ئەرەب باھارىنى قوللىغانلىقىنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى، ھازىر بولسا، پەلەستىن باھارىنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە ياۋروپانىڭ ئوخشاش قوللىشىغا ئېرىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى بىر ھەپتە ئىچىدە پەلەستىن دۆلىتىگە دېموكراتىيە ئۈچۈن ھەمكارلىق سالاھىيىتى بەردى. پەلەستىن كېڭەش تەرىپىدىن تارىخىدا ئىككىنچى قېتىم بەرگەن سالاھىيەت ئارقىلىق مەجلىس يىغىنلىرى ۋە خىزمەتلىرىگە قاتنىشالايدۇ، سۆز قىلالايدۇ، ئەمما، ئاۋاز بېرەلمەيدۇ.
ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى پەلەستىن دۆلىتىگە بۇ سالاھىيەتنى بەرگەن ۋاقتىدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭمۇ پەلەستىننىڭ ئەزالىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشى ھەققىدە چاقىرىق قىلغان ئىدى.
ۇ..ز...