
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ، ئىسرائىلىيە راكىتا مۇداپىئە سېستىمىسىدىكى ئۇچۇرلاغا ئېرىشسە قۇبۇللىماسلىقىنى بىلدۈردى .
ئامېرىكا مۇداپىئە ۋەزىرى پانىتتا ناتۇ مۇداپىئە ۋەزىرلىرى يىغىلىشىدا <<تۈركىيەدە قۇرىلىدىغان ش ئا ئە ت راكىتا مۇداپىئە سېستىمىسىدا ئىسرائىلىيە بىلەن مەلۇمات ئېلىشالامدۇ ؟ >>دىگەن سوئالغا جاۋاپ بەردى .
پانىتتا <<شۇنى ئوچۇق ئېيتىش كېرەككى ،راكىتا مۇداپىئە سېستمىسىدا ئۇچۇر ئالمىشىدىغان دۆلەتلەر ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەردۇر ، ئىسرائىلىيە بۇ سەۋەبدىن سېستىما تەركىبىگە قوشۇلمايدۇ ۋە ئۇچۇرلارغا ئېرىشسە قۇبۇللىمايدۇ ،>> دېدى .
بىريۇسىلدا ش ئا ئە ت مۇداپىئە ۋەزىرلىرى يىغىلىشقا قاتناشقان تۈركىيە مۇداپىئە ۋەەزىرى ئىسمەت يالماز بۇ ھەقتە <<دۆلەتلەرنىڭ سۆزىگە ئىشىنىش كېرەك >> دېدى .
ئىسمەت يالماز تېمىغا دائىر شۇنداق دېدى ؛ <<بۇ بىر ش ئا ئە ت نىڭ ئېھتىياجىدۇر ،ئاساسى مەقسەد ياۋرۇپانىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىدۇر ،تۈركىيە ھەم ياۋرۇپانىڭ ھىمايە قىلىنىشىغا ھەسسە قوشولغانلىقى تەبىيئىي ئەھۋال >> دېدى.
شۇنىڭدەك ش ئا ئە ت باش كاتىپى راسمونسىن مالىيە ۋە مۇداپىئە ۋە خەۋىپسىزلىك سېستىمىسىغا سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى .
ش ئا ئە ت كەلگۈسى دەۋىردە ئىشقا تاپشۇرىلىدىغان ئەقلى مۇداپىئە سېستىمىسىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن راسمۇنسىن ، لىىۋىيە ۋە ئافغانىستاندىكى بۇ ئىتتىپاقنىڭ قانچىلىك زۆرۆر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .
مۇداپىئە ۋەزىرى ئىسمەت يالمىز ،تۈركىيە ۋە ئافغانىستان قوشۇنىنىڭ ھەمكارلىشىشىغا ياردەم بېرىشىنى تىلغا ئالدى .
ت ۇ ز .............