باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 206 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تىلەمچى ( نەسىر)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 137
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 922 %
مۇنبەر پۇلى: 940 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-04
ئاخىرقى: 2011-10-17
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 05:19

تىلەمچى ( نەسىر)

تىلەمچى


ئاپتۇرى -ئابدۇرېھىم زۇنۇن


  تىلەمچى



مەن بىر تىلەمچى، ئامما ئاش-نان، پۇل-پۈچەك تىلىمەيمەن، بەلكى تەمەخورلارغا تەمەسىزلىك، ئاجىزلارغا كۈچ-قۇۋەت، نەپسى بالا ئىنساپسىزلارغا دىيانەت، كۆڭلى قارىلارغا ئاق كۆڭۈللۈك، نادانلارغا ئەقىل-پاراسەت، تاش يۈرەكلەرگە باغرى يۇمشاقلىق، تىلى تۇرۇپ سۆزلىيەلمەيدىغانلارغا غەيرەت-جاسارەت، مەنمەنچى، قىزىل كۆز كاززاپلارغا ۋە خۇشامەتكۇي ــــ تەخسىكەشلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، ئاقنانچىلارغا ھالال ئەجىر تىلەيمەن.

مەن بىر تىلەمچى، ئامما ئاش-نان، پۇل-پۈچەك تىلىمەيمەن، بەلكى ئۆز ئەجرىگە يارىشا ھېممەتكە نائىل بولالماي، ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ، سېرىق ئوتتەك سارغىيىپ يۈرگەن بىچارىلەرگە مەدەت، بەخت-سائادەت، نۇسرەت تىلەيمەن.

سايەمگە



ئەي سايەم، سەن نېمىگە ئوىشايسەن؟ قارا سىياھ بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلانغان ـــ ئوقۇغىلى بولمايدىغان خەتكە، مەقسەت-مۇددىئاسىنى بىلگىلى بولمايدىغان شۇم نىيەتكە، جىن-شاياتۇنلارغا ئوخشايسەن! قۇياش بالقىغاندا، ئاي پارلىغاندا، چىراغلار چاراقلاپ يانغاندا...خۇددى ۋارۋىغا قېتىلغان ئېشەكنىڭ تەخىيىدەك مېنىڭ ئالدى-ئارقامدا، ئوڭ-سولۇمدا گېدەيگىنىڭچە پەيدا بولۇپ، مەندىن خېلىلا ئۇزۇراپ كېتىسەن. ھەتتا ماڭا يول باشلاۋاتقاندەك ئالدىمدا شاپاشلاپ يۈرىسەن...

مەن كىتابلارنىڭ گۈل بەتلىرىگە مىختەك قادالغان، تەپەككۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغان، ئىجاد-كەشپىيات ئوچاقلىرىدا تاۋلىنىۋاتقاندا بولسا نەگىدۇر غايىپ بولىسەن.

مەن گەپتە، نەپتە بار، غەمدە يوق؛ ساندا، ھەردەمدە بار، ھەمدەمدە يوق؛ ئاشتا بار، ئىشتا يوق؛ كۈندۈزدە بار، تۈندە يوق ھارامتاماقلاردىن تولىمۇ بىزار.

يوقال، ئەي قولىدىن ئىش كەلمەس، ئەلگە نەپ بەرمەس، جان باقار سايەم!

قەلىمىمگە



ئەي ئىلكىمدىكى ئۇپرىماس قەلەم، سەن قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئېتىلىپ چىققان بۇلاق سۈيىدەك پاك، سۈزۈك كۈيلىرىڭ بىلەن كىشىلىك ئالىمىگە، روھىيەت دۇنياسىكى بارلىق ئېزگۈ قەلبلەرگە شادلىق، نازاكەت بەخش ئېتىسەن.

ۋۇجۇدۇمدىن خۇددى ۋولقاندەك پارتلاپ چىققان غەزەپ-نەپرەتلىرىمنى ئېلىپ بېرىپ، روھىي ئالىمى قۇرغاقلىشىپ كەتكەن قەلبلەرنىڭ ناپاك ئەخلەتلىرىنى ئۆرتەپ كۆيدۈرىسەن.

سەن ھامان ماڭا ھەمراھ، قولداش، يۆلەكداش، مۇڭداش. شۇڭا، قەلبىمدىكى ئەڭ نازۇك تۇيغۇلىرىمنى ساڭا ئېيتىمەن، ئەي قەلىمىم.





                                                 كىم ئۇ...

       كىم ئۇ، مېنىڭ خاتىرجەملىكىمنى بۇزۇپ، كۆڭۈل كۆلچەكلىرىمگە داڭگال ئېتىپ، داۋالغۇتىۋاتقان؟

      كىم ئۇ، مېنى بېلىققا ئوخشىتىپ، قىزىق قۇملۇققا تاشلاپ چاكىلدىتىۋاتقان؟

      كىم ئۇ، مېنى قايناۋاتقان ياغقا تاشلاپ قورۇۋاتقان؟

      كىم ئۇ، مېنى ۋەھشىي چىل بۆرىگە ئوخشىتىپ كىرپىك ئوقيالىرى بىلەن ئوۋلاۋاتقان؟

      كىم ئۇ، مېنى چالما-كېسەكلەرگە ئوخشىتىپ ئىشىق-مۇھەببەت خۇمدانلىرىدا تاۋلاۋاتقان؟

      كىم ئۇ، يۈرىكىمنى ئالمىغا ئوخشىتىپ، كۆزلىرىدىن ئاققان تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ، ئىچىمدىن قۇرتتەك غاجاۋاتقان؟

      كىم ئۇ، يۈرىكىمگە بازغان ئۇرۇپ نەپەس ئالدۇرمايۋاتقان؟

      كىم ئۇ، ماڭا بىچارىلەرگە ئوخشاش ئاشىقى بىقارار بولۇپ، دىل رىشتىنى ئۈزەلمەيۋاتقان؟

      كىم ئۇ...


مەنبە شىنىجاڭ يازغۇچىلار تۇرى


يۇللۇغۇچى مەتۇرسۇن ئېلى
ت