ئەزان ئاۋازى
يۈرەكلەرگە ياغار سىمىلداپ
ئات بازىرىدا ئەزان ئاۋازى.
تەۋرىنىدۇ چۈشكۈن رەستىلەر،
ئاھ، كىملەرنىڭ سۈزۈك خىيالى.
يامراپ تۇرغان رەڭدار ئاياللار،
تاش شەھەرگە بېزەكتۇر بېزەك.
قەبرىسىدە ئەرلىك غۇرۇرنىڭ،
ھازا ئاچار ئەڭ ئوتلۇق تىلەك.
تۇيغۇلارنىڭ رۇجەكلىرىدىن،
يىغلامسىراپ كەلمەكتە ئىنسان.
ئازابمۇ، ئۇ ئەسلى بىر بەخت،
ئادىمىيلىك ئۇنىڭدا ئايان.
كىتابخانا ئۇنتۇلغان ئارال،
مەيپۇرۇشنىڭ سودىسى راۋان.
چىرمىۋالغان ئازغۇن نەپەسلەر،
قۇم شەھەردە ئۇخلايدۇ كارۋان.
ئەزان ئاۋازى،
پاكلانغان روھلارغا ئاقار تاراملاپ،
جەنۇبتىكى غېرىب شەھەردە،
ھەممە ئۆز يولى بىلەن،
ئالدىراشتۇر بەرىبىر ھامان.
<<ئوت پەسلى>>ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن.
ئاپتور:ئايىمنىسا سۇلايمان