查看完整版本: [-- ئەزان ئاۋازى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئەزان ئاۋازى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاش 2011-10-06 18:02
ئەزان ئاۋازى

يۈرەكلەرگە ياغار سىمىلداپ
ئات بازىرىدا ئەزان ئاۋازى.
تەۋرىنىدۇ چۈشكۈن رەستىلەر،
ئاھ، كىملەرنىڭ سۈزۈك خىيالى.


يامراپ تۇرغان رەڭدار ئاياللار،
تاش شەھەرگە بېزەكتۇر بېزەك.
قەبرىسىدە ئەرلىك غۇرۇرنىڭ،
ھازا ئاچار ئەڭ ئوتلۇق تىلەك.

تۇيغۇلارنىڭ رۇجەكلىرىدىن،
يىغلامسىراپ كەلمەكتە ئىنسان.
ئازابمۇ، ئۇ ئەسلى بىر بەخت،
ئادىمىيلىك ئۇنىڭدا ئايان.

كىتابخانا ئۇنتۇلغان ئارال،
مەيپۇرۇشنىڭ سودىسى راۋان.
چىرمىۋالغان ئازغۇن نەپەسلەر،
قۇم شەھەردە ئۇخلايدۇ كارۋان.

ئەزان ئاۋازى،
پاكلانغان روھلارغا ئاقار تاراملاپ،
جەنۇبتىكى غېرىب شەھەردە،
ھەممە ئۆز  يولى بىلەن،
ئالدىراشتۇر بەرىبىر ھامان.

<<ئوت پەسلى>>ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن.
ئاپتور:ئايىمنىسا سۇلايمان

تاھىربەگ 2011-10-06 22:51
سەھەردىلا تۇرۇپ ئورنۇمدىن ،
پاكىز سۇدا تاھارەت ئېلىپ.
مۇڭلۇق قىلىپ توۋلايمەن ئەزان،
بادام دوپپامنى بېشىمغا كىيىپ.

ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ،
..................................................
...................................................

       لەئىلەھە ئىللەللا

ئويغۇنار ئاۋازىمدىن جانسىزلارمۇ ھەم،
ھورۇنلۇق كارۋىتى تاشلىنىپ قالار.
ھەتتاكى ئاڭلاپ شادلىنىپ كىتەر،
كائىناتنىڭ ئۇ تەرپىدىكى ئىندىمەس نۇرلار.

ئاپتورى نامەلۇم




ئەزان ساداسى

ئۇيغۇرەك   


تاڭ  سەھەر 
ئېشەكلەر جىم بۇلۇپ شۈمشىيىپ كەتتى
پەرىشتە چىللايدۇ خوراز نىداسى 
ئاللاھۇ ئەكبەر ..........  
قۇرت قۇڭغۇز قۇشلارمۇ تەسبېھ ئېيتىشتى
بۇلبۇللار ماكانى دۇنيا ساماسى .
 
تاڭ سەھەر
قىينايدۇ يۈرەكنى گۇناھ ئازابى 
تىترىدى بەك ئەنسىز قەلبىم تارىسى 
ئاللاھۇ ئەكبەر .......... 
ئاڭلىدىم يەنە شۇ تۇنۇش بىر ئاۋاز
زەپ مۇڭلۇق يېقىملىق بىر كۈي ناۋاسى .  

تاڭ سەھەر  
ھەممە كۈلەر 
ئاللاھۇ ئەكبەر .......... 
زالىمنىڭ تەۋبىسى ئەقىل مىۋىسى 
باھارنىڭ كەلگىنى قىشنىڭ جۇداسى .   

 
تاڭ سەھەر
ئەتراپ مۇئەتتەر 
يۈگۈردۈم بەدەر 
ئالەمدە ياڭرايدۇ ئەزان نىداسى    
ئاللاھۇ ئەكبەر ....... ئاللاھۇ ئەكبەر .......  
يوقالسۇن بىتخوۋىن سىمفونىيىسى , 
ئەزاننىڭ ساداسى دىلنىڭ شىپاسى . 
جۈمە    مەدىنە مۇنەۋۋەرە 

تاش 2011-10-09 21:48
مۇنبەردە ئەزان ئاۋازىغا دىققەت قىلمايدىغانلارمۇ كۆپ ئوخشايدۇ. مۇنبەردە دىنى بىلىملەرنى جىق سۆزلىگەن بىلەن.

تاش 2011-10-10 12:46
ئەزانسىز شەھەر

  


سەھەر
شەھەر
پەرىشتە چۈشكەندە ئاسمان قەھرىدىن
ئەزان ياڭرايتتى ئون يىل مۇقەددەم
قورقۇمسىز يۈرەك
تومۇرلار كۆپكەن
نۇرلۇق كۆزلەر
خىلۋەت ئۇيقىدا
يۈرەكنى لەرزىگە سالغان يېقىملىق ئاۋاز
بىر بۇيرۇق بىرەتتى <ئاللاھ ئۈچۈن> دەپ
مۇئەززىن تۇراتتى ئىگىز پەشتاقتا


سەھەر
شەھەر
پەرىشتە چۈشكەندە ئاسمان قەھرىدىن
ياڭرىمىدى مەسچىتتىن ئەزان ئاۋازى
سىقىلغان يۈرەك
پۈكۈلگەن بويۇن
نە ئۇندا يوق كۆپكەن تومۇر
خىلۋەت ئۇيقىدا
جانسىز بىر رەۋىشتە چىقتى بىر ئاۋاز
بىر بۇيرۇق بىرەتتى خان يارلىقى دەپ
مۇئەززىن تۇراتتى مەسچىت ئالدىدا



خەنزۇچىدىن تەرجىمە


查看完整版本: [-- ئەزان ئاۋازى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.064789 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us