1.مەن يېڭى ئەھۋاللارغا تېز ماسلىشالايمەن. ھەمدە قىيىن ئەھۋال ئىچىدىن تېز ئەسلىمگە قايتالايمەن.
2. مەن شوخ ۋە خۇشال-خۇرام ياشايمەن. قىيىن ئەھۋاللار ئىچىدىنمۇ ئۆزۈمگە خۇشاللىق تاپالايمەن، ھەمدە ئۆزۈم قىلغان ئىشقا ئۆزۈم كۈلەلەيمەن.
3.مەن بىر مەغلۇبىيەتكە ۋە پېشكەللىككە دۇچ كەلگەندە، روھىي جەھەتتىن ئۆز ئەسلىمگە كېلەلەيمەن. مېنىڭ سىرداش دوستلىرىم بار. مەن كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى باشقىلارغا ئېيتالايمەن ھەمدە ئۇلاردىن ياردەم سورىيالايمەن. مەن خاپا بولۇپ قالسام ۋە بىرەر ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلىدىن چۈشكۈنلىشىپ قالسام، مېنىڭ ئۇنداق روھىي ھالىتىم ئانچە ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدۇ.
4.ئەتراپىمدىكى دوسلىرىم بىلەن كۆڭۈل ئازادىلىك بىلەن ھەمدەمدە بولىمەن.
5.مەن ھەممە ئىشلارغا قىزىقىمەن، ھەمدە داۋاملىق باشقىلاردىن سوئال سورايمەن. ھەر بىر نەرسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا قىزىقىمەن. بىر ئىشنى قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىشنى ياخشى كورىمەن.
6.چاقچاق قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.چاقچاق قىلسىڭىز شۇزامان قايتۇرۇپ بىرەلەيمەن.
7.مەن ناھايىتى ماسلىشىشچان. مەن ئۆزۈمنىڭ غەلىتە مۇرەككەپلىكى بىلەن چىقىشالايمەن. مەن بەزىدە ئۈمىدۋار بەزىدە ئۈمىدسىز بولىمەن، بەزىدە باشقىلارغا ئاسان ئىشىنىمەن بەزىدە باشقىلاردىن ئېھتىيات قىلىمەن، بەزىدە شەخسىيەتچىلىك قىلىمەن بەزىدە ئۇنداق ئەمەس.
8.كۈچۈم يەتمىگەن ئىشلارغا ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيمەن .كۈچۈم يەتكەننى كىچىكتۈرۇپ قويمايمەن.
9.ئاستورنومىيگە قىزقىمەن،بىرتال تېلىسكوپ سېتىۋالاي دىگەن2000سوم ئىكەن، پۇل ئازراق كەملەپ قالدى يغىۋاتىمەن.
10.ئۈزۈم قىلۋاتقان خىزمىتىمنى جان كۆيدۇرۇپ ئىشلەيمەن.قىلمىسا بولمايدىغان لكىن ئۆزۈمگە تەس كىلىدىغان ئىشنى باشقىلارغا قىلۋەت دىمەيمەن،سەل تۇرۋېلىپ ئۈزۇم باشلاپ كىتىمەن....
11.مەن باشقىلارغا باھا بېرىشكە ئامراق ئەمەس، ھەمدە باشقىلارنىڭ ھەر خىل مىجەز – خاراكتېرىگە ئاسان ماسلىشىمەن.
12.قۇربان ھېيىت،روزى ھېيىتلاردا ئۇكىللىرىمغا ،تاغىللىرىمىنىڭ باللىرىغا ئازدىن بولسىمۇ ھېيىتلىق بىرىمەن.شۇنىڭ مۇكاپاتىغا ماڭا ئېسلىپ بىر بوپ كىتىدۇ بۇ شۇملار...
13.جۈمە نامىزىغا ئالدىرايمەن .
14.يات تىللارنى كۈچۈمنىڭ يىتىشچە ئۈگۈنىۋاتىمەن.
سىزچۈ تورداش ؟قايسى ئىشىنى سىز ياقتۇرۇپ ئىچىڭىزدىن چىقىرىپ قىلالايسىز؟بىر ئورتاقلاشساق...يۇقالسۇن چۈشكۈنلۈك!!!
[ بۇ يازمىنىaral52 2011-10-06 19:47قايتا تەھرىرلىدى ]