باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 793 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دۇنيادىكى غەلىتە باجلار
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5379
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 129
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە129دانە
ئۆسۈش: 2380 %
مۇنبەر پۇلى: 2985 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-09-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-06 10:17

دۇنيادىكى غەلىتە باجلار

مەنزىرە بېجى: ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە ئىشىتاتىدىكى بىر كىچىك كەنىتتە ھۆكۈمەت مالىيە كىرىم-چىقىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، باج قانۇنىغا: «دېڭىز بويىدىكى ئۆيلەردە تۇرىدىغانلار 66-184 ئامېرىكا دوللىرىغىچە مەنزىرە بېجى تاپشۇرۇشى شەرت دېگەن ماددىنى كىرگۈزگەن.
ئەدەبىي ئەسەر بېجى: مېكسىكا مالىيە ئىدارىسى رەسسام، نەققاشلار ئارىسىدىكى باج تاپشۇرۇشنى خالىمايدىغانلارنى رويىخەتكە ئېلىپ، ئەدسەرلىرىنى باج سوممىسى ئورنىدا تۇتۇپ قېلىشنى بېكىتكەن.
تىلەمچىلەر بېجى: پارىژ شەھىرىنىڭ مەلۇم كوچىسىغا سىرتتىن تىلەمچىلەر ۋە ئاققۇنلار توختىماستىن ئېقىپ كىرىشى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بېشىنى قاتۇرغان، شۇڭا ئۇلار 15 مىڭ فىرانىك تاپشۇرالىغان تىلەمچىلەرنى تىلەمچىلىك قىلشىغا رۇخسەت قىلىش باج تۈزۈمىنى بېكىتكەن.
ئىسىم ئۆزگەرتىش بېجى: بېلگىيەدە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، 200 فىرانىك باج تاپشۇرىدىكەن.
نىكاھتىن ئاجرىشىش بېجى: ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە ئىشتاتىدا توي قىلىپ ئىككى يىلغىچە بالىلىق بولمىغانلىقى سەۋەبتىن نىكاھتىن ئاجراشماقچى بولغان ئەر-خوتۇنلار يەرلىك ھۆكۈمەتكە 30 ئامېرىكا دوللىرى نىكاھتىن ئاجرىشىش بېجى تاپشۇرىدىكەن.
 
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى