ئۇستاز يەنە ئۇشبۇ نوتۇقىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىدىكى مەيلى ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز ھەرقانداق بىر شارائىتتا كۆزىنىڭ كۆرگىنىگە ۋە قۇلىقنىڭ ئاڭلىغىنىغا ئەمەس بەلكى ماھىيتى ئاللاھقىلا ئائىت بولغان قەلىبلىرىگە يەرلەشكەن چوڭقۇر ئىمانغا ئەگىشىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇسا ئەلەيھىسسەلام ۋە قەۋمى ئوتتۇرىسدا بولۇپ ئۆتكەن تۆۋەندىكى ۋەقەنى مىسالغا ئالىدۇ:
« فىرئەۋىن قوشۇنلىرىنى باشلاپ مۇسا ئەلەيھىسسەلامنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېلىدۇ، كەينىدە دۈشمەن ۋە ئالدىدا كۆز يەتكۈسىز دېڭىزنى كۆرگەن مۇسا ئەلەيھىسسەلامنىڭ قەۋمى قاتتىق سىناققا دۇچ كېلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسەلامنىڭ قەۋمى ئىماندىن يېنىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ تۈگەشكەنلىكىنى ئىپادىلەپ ھەرخىل كۇپۇر سۆزلەرنى قىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىىسسالامغا چىن ئەگەشكەن بەزى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىمۇ تەۋرەش پەيدا بولىدۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا مۇسا ئەلەيھىسسەلام « ئەي مۇسا، قېنى سېنىڭ رەببىڭ؟ » دەپ قىيا-چىيا قىلىۋاتقان قەۋمىگە شۇنداق دەيدۇ: مەن ھازىر كۆزۈمنىڭ كۆرىۋاتقىنىغا ۋە قۇلۇقىمنىڭ ئاڭلاۋاتقىنىغا ئىشەنمەيمەن. مەن پەقەت قەلبىمدىكى ئىمانغىلا ئەگىشىمەن ، ۋە قولىدىكى ھاسىنى دېڭىز قىرىدىكى تاشلارغا ئۇرغان ھامان دېڭىز ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
ئۇستاز بۇ مىسال بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى سەبىرگە ئۈندەيدۇ، ھەرقانداق بىر ئوڭۇشىسز شارائىت بولىدىكەن، ئۈمۈتكى ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكى ۋە ئۇزىماي بىر ياردەم كېلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلايدۇ.
ئۇستاز يەنە بۇ نوتۇقىدا ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىنىڭ ھاكىميەت بېشىدىكى ئەمەلدارلىرىنى قاتتىق تەنقىدلەيدۇ. ۋە ئۆزى ئامرىكىدىكى ۋاقتىدا يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ئىش بىلەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ھاكىميەت بېشىدىكى ئەمەلدارلىرىغا بولغان قاتتىق ئەپسۇسلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ:
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامرېكىغا زىيارەتكە كېلىدۇ، ۋە ئەتىسى يەنى جۈمە كۈنى ئامرىكىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئامرىكىدىكى ئىسلام دىنى ۋە ئامرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق سۆھبەتتە بولىدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بېرىدۇ، ئەمما ئەتىسى كۈنى خوتۇنىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن بۇ ۋەدىسىنى بۇزۇپ ئامرىكىدىكى قايسى بىر چوڭ تىياتىرخانىغا كىنو كۆرگىلى كېتىپ قالىدۇ.
بۇ قىسقىغىنە بىر ئىشتىن ھازىرقى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ قانداق ھالدا كېتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس. ئۇستازنىڭ بۇ مىسالنى سۆزلەش بىلەن چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىمۇ دەل مۇشۇ نوقتا. يەنى مۇسۇلمانلارغا ئۆزلىرىنىڭ قايسى ھالدا، قايسى مەقامدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىشتۇر.
ماڭا ئۇستازنى تونۇتقان ئەسەر بىز يۇقىرىدا قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتكەن نوتۇقىدۇر. 2008-يىلى بۇ نوتۇقنى تۇنجى ئاڭلىدىم ۋە شۇندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇپ تۇردۇم. ئەمما ئۇ زامانلاردا مەيلى ئۇنىۋېرسىتېت ئىچى بولسۇن ياكى جەمئىيەتتىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدىن بولسۇن بۇ ئۇستازىمىزنى تونۇيدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەرەپ تىلى ۋە ئېنگىلىز تىلىغا كۈچەپ تۇرىشى، بوشىشىپ قالماسلىقى، توردىن ئىبارەت بۇ قورالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ۋە ھەر زامان ھەر ۋاقىت ھازىرقى زامانىمىزدىكى ئالىملىرىمىز ۋە ئۇستازلىرىمىزنى تونۇپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇپ تۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ تۇرۇشلىرى قىممەتكە ئىگە ناھايىتى مۇھىم ئىشتۇر.
ئۇستازنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك نوتۇقى بولسا «مېڭە بىلەن يۈرەكنىڭ توقۇنۇشى»دۇر. ئۇستاز بۇ ماقالىسىدە ئامرىكا راند ئىنىستىتۇتىنىڭ قىلمىشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا يۈرگۈزمەكچى بولغان زىيانكەشلىكىنى ۋە ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان بەزى يوشۇرۇن ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانغا ئېلىنغان بىر قىسىم دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ئىشلارنى ئاشكارلاپ مۇسۇلمانلارنى ئويغۇنۇشقا چاقىرىدۇ:
«بىزنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا يۈرگۈزگەن جېڭىمىزنىڭ ئۈزۈل كېسىل غەلبىسى ھەرگىزمۇ ئىراقنى ياكى تاينى يوق ئافغانىستاننى قولىمىزغا كىرگۈزۈش بىلەن ئەمەس بەلكى پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئىدىلوگىيە جەھەتتىن بىزگە قارشىلىقسىز بويسۇنۇشى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ » دەپ يازىدۇ راند ئىنىستىتۇتى ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئون يىللىق خىزمەت ھاياتىنى يەكۈنلەپ؛
ئۇستاز ئامرىكىنىڭ خوجىلىرى كۈتىۋاتقان بۇ غەلبىنىڭ ئامرىكىدا يېڭىدىن قۇرىلىۋاتقان ھەرخىل شەكىلدىكى ئىسلامىي مەكتەپلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى، بۇ مەكتەپلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ مېڭىسى يۇيۇلغان، مېڭىسى ئامرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى بىلەن ماس ھالدا پىروگراممىلاشتۇرۇلغان ،كېيىن ئىسلام دۇنياسىدا ئامرىكىغا خاس ئىسلام دىنىنى تارقىتىشتا كەڭ كۆلەملىك «دەۋەت» بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى يېڭى بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىدۇ.
سابىق ئامرىكا زۇڭتۇڭى بوش ئەينى ۋاقتتا ئامرىكىدىكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا تېلىۋىزىيە خۇتبىسى سۆزلەيدۇ، بوش بۇ خۇتبىسىدە ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، قانداق دىن ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. ئۇستاز بۇنى راند ئىنىستىتۇتىنىڭ يۇقىرقى پىلانلىرىنىڭ جانلىق بىر ئىپادىسى قاتارىدا قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە ئەينى زاماندا بوشنىڭ تېلىۋىزىيە خۇتبىسىنى بېرىلىپ ئاڭلاپ بۇنىڭدىن پەخىرلىنىش ھېس قىلغان بىچارە مۇسۇلمانلارغا بولغان ئېچىنىشىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇستاز شۇنداق دەيدۇ: پۈتۈن ئامرىكىدىكى ئوننەچچە مىليون مۇسۇلمانلارغا ئىسلامدىن خۇتبە سۆزلەپ دەرس بەرگىدەك بوش كىم ئىدى؟ ئۇ ئىسلامنى نەدىن بىلسۇن؟...
بۇنىڭدىكى مەقسەت ئېنىقكى بوشنىڭ ئۆز نوپۇزدىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش، قاتتىق تەسەللىگە مۇھتاج بولۇپ تۇرىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئامرىكىچە ئىسلامنى «تەبلىغ» قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مېڭىسىنى پىروگراممىلاشتۇر.
داۋامى بار...[ بۇ يازمىنىتۇنيۇقۇق 2011-10-11 03:58قايتا تەھرىرلىد ]