سەلەمە بىن ئەسلەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىدىن سائاد بىن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغان ئىدى.پەيغەمبىرىمىز سائادنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپلا ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە ماتەم بولغان ئۆيگە باردى.پەيغەمبىرىمىز ئالدىدا،بىز كەينىدە ئىدۇق.ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدۇق.پەيغەمبىرىمىز ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى.ئۆيدە سائاد بىن مۇئازنىڭ جىنازىسىلا بار ئىدى.باشقا ھېچكىم يوق ئىدى.لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇددى بىرىىنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ سالىدىغاندەك ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن دەسسەپ ماڭاتتى.ئۆيگە كىرمەكچى بولغىنىمنى كۆرىپ،تۇرغان يېرىمدە توختىشىمنى ئىشارەت قىلدى.مەن توختاپ تۇردۇم.كەينىمدىكىلەرگىمۇ توختاپ تۇرۇشنى ئىشارەت قىلدىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىرتقا چىققاندا <<ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى!مەن ھېچكىمنى كۆرمىدىم.ئەمما سىز خۇددى بىرەيلەننىڭ ئۈستىدىن دەسسەپ سالماي دەپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك،ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن ماڭدىڭىز>> دېدىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى؛<<سائادنىڭ جىنازىسىنى كۆتىرىش ئۈچۈن،ئىلگىرى يەر يۈزىگە كېلىپ باقمىغان يەتمىش مىڭ پەرىشتە كەپتۇ.ئۆيدە ئولتۇرغۇدەك يەر تاپالمدىم.پەرىشتىلەردىن بىرى ئازراق يەر بوشىتىپ بەردى،شۇ يەردە ئاران ئولتۇرالىدىم.>>
سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز سائاد بىن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەتكەن مەرتىۋىدىن شۇنداق مەمنۇن بولغانكى،داۋاملىق ئۇنى تىلغا ئېلىپ؛<<ئەي ئەبا ئامر(ئامرنىڭ دادىسى سائاد)،سەن نېمە دېگەن بەخىتلىك-ھە!>>دېگەن سۆزنى تەكرارلايتتى.
(<<ئىبىن سائاد>>،3جىلد،428-430)
شۇنداق بىر ھايات ياشايلىكى،بىزنىڭ جىنازىمىزنىمۇ پەرىشتىلەر كۆتۈرسۇن.