查看完整版本: [-- جەننەتكە راستىنلا كىرگۈڭىز بارمۇ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> جەننەتكە راستىنلا كىرگۈڭىز بارمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نەزىرە 2011-10-05 23:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ!

ئى ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان دەۋاتقان قېرىندىشىم سىزنىڭ راستىنلا جەننەتكە كىرىش ئارزۇيىڭىز بارمۇ؟

ئۇنداقتا  ئاشۇ ئارزۇيىڭىزنىڭ راسىت ياكى يالغانلىقىنى بىلىپ باقايلى:
 
جەننەتنى ھېس قىلىش 

1-جەننەتنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە لەززەتلىرىنى ھېس قىلىش
سىزگە مەلۇم بىر كىشى ئۆزىنىڭ چىرايلىق بىر قىز بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشكەنلىكىنى، لىكىن ئۇ قىزنىڭ بۇلۇتنىڭ ئۈستىدىكى مەلۇم بىر ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇ قىزنىڭ قېشىغا ئايرۇپىلان بىلەن چىقالمايدىغانلىقىنى، ئۇ قىزنىڭ قېشىغا پەقەت ئۆلگەندىن كېيىنلا يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى، دەپ بەرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. بۇ سىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاجايىپ بىر ئىش بۇلۇپ تۇيۇلىشى مۇمكىن. سىز بۇنىڭدىنمۇ ئاجايىپ بولغان جەننەتتىكى ھۆر-ئەيىنلەرنىڭ بارلىقىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ باققىنىڭىزدا، قانچىلىك ھاياجانلىنىپ كېتەرسىز؟. چۈنكى سىز ئەمىلىيەتتە بىز ياشاۋاتقان دۇنياغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ماكاندا تۇرىۋاتقان چىرايلىق قىزلار بىلەن ۋەدىلىشىپ بولغان. سىز پەقەت ئۆلۈپ جەسىدىڭىز تۇپراققا كىرىپ، ئۇ يەردە سىزگە يېڭى بىر روھ  كىرىپ بولغاندىن كېيىنلا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ماڭىسىز.

-سىز چىرايلىق بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئۇنىڭغا ئۈچرىشىشقا تەشنا بۇلىۋاتقان بىر كىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئۇ نېمىنى ھېس قىلىۋاتقاندۇ؟. جەننەتتىكى ھۆر- ئەيىنلەر ئۇنىڭدىنمۇ گۈزەل، ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق............ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش خام-خىيال ئەمەس.......شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز نېمە ئۈچۈن جەننەتتىكى ھۆر-ئەيىنلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ھېس قىلالمايسىز؟. نېمە ئۈچۈن سىز ئۇلار بىلان ئۇچرىشىشقا ئىشتىياق باغلىمايسىز ۋە بۇ ھەقتە شېرىن خىياللارنى سۇرمەيسىز؟. نېمە ئۈچۈن سىز جەننەتتىكى ھۆر- ئەيىنلەردىن بولغان گۈزەل، نازاكەتلىك قىزلار بىلەن خىياللىرىڭىزنى پەرۋاز قىلدۇرمايسىز؟. شۇبھىسىزكى، ھەر قانداق ئاشىق مەشۇقى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ ئەمەسمۇ؟. ياكى بۇ ھۆر-ئەيىنلەر ھەقىقى ئەمەسمۇ؟. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: (( جەننەت بىرىڭلارغا ئۇنىڭ ئاياغ بوغۇچىدىنمۇ يېقىنراق. دوزاخمۇ شۇنداق.))  ( بۇخارى نەقىل قىلغان 6567)، لايدىن ياسالغان ئاياللارنىڭ كەينىدە نۇرغۇن كىشىلەر شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشىپ، شۇ ئاياللار ئۈچۈن ياشاۋاتىدۇ. بۇ ئاياللار ئەگەر ھۆر- ئەيىنلەردى بولغان بولسا، ئەھۋال نېمە بۇلۇپ كېتىشى كېرەك؟. ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ جەننەتتە ياكى دوزاختا بىر ئورنى بولغان بۇلىدۇ. سىز ھۆر- ئەيىنلەرنىڭ ھازىر سىزگە ئىشتىياق باغلاۋاتقانلىقىنى، سىز بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىنتىزار بۇلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : (( بىر ئايال دۇنيادا ئېرىگە ئەرزىيەت بەرمىسۇن. ئەگەر ئەرزىيەت بېرىپ قالسا، بۇ ئەرنىڭ جەننەتتىكى ئۇنىڭغا ئەرزىيەت يەتكۈزمەيدىغان، ھۆر- ئەيىندىن بولغان ئايالى ئۇ ئايالغا: ئاللاھ ساڭا لەنەت قىلسۇن! ئۇ سىنىڭ يېنىڭدا خار بۇلۇپ قالدى. ئۇ سەندىن ئايرىلىپ بىزنىڭ قېشىمىزغا كېلەي دەپ قالدى، دەيدۇ. )) ( تىرمىزى نەقىل قىلغان، 1207)، دېمەك بىر يۇقىرىدىكى بايانلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولساق، شۇنداق بىر خۇلاسە چىقىرىشىمىز مۇمكىن: (( ھۆر-ئەيىن)) دېگەن سۆز نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىشەنچتە مەۋجۇد بولغان ۋە مۇستەھكەم ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ھېس-تۇيغۇلاردا مەۋجۇد ئەمەس. 

-سىز ئۇنىڭدا ئاياللار، شاراپ، ئويۇن-تاماشا ۋە يېمەك-ئىچمەك.........لەردىن ئىبارەت تۈرلۈك نازۇ -نىئمەت، لەززەتلەر بولغان بىر ماكاننى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ( سىز چوقۇم بۇ يەرگە قىزىقىپ قالىسىز) ۋەھالەنكى، ئاخىرەتتىكى جەننەت بۇنىڭدىنمۇ ئاجايىپتۇر. لېكىن نېمە ئۈچۈن سىز جەننەتكە بولغان ئەمىلى قىزىقىشنى ھېس قىلالمايسىز؟ جەننەتنىڭ نازۇ-نىئمەتلىرىگە ئىشتىياق باغلىمايسىز؟ سىزدىكى جەننەتكە بولغان ئىشتىياق ۋە ھەقىقى قىزىقىش نەلەرگە كەتتى؟.

-سىز يەنە شۇنداق بىر ئىساننى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭكى، ئۇ قېرىلىقىدىن ياشلىقىغا قايىتقان، ئاغرىپ قالمايدىغان ، ئۆلمەيدىغان، ئۇنىڭ كۆڭلى جەننەتنىڭ نىئمەتلىرى بىلەن ھۇزۇرلىنىۋاتقان كىشىدۇر. نېمە ئۈچۈن سىز ئەشۇنداق كىشى قاتارىدىن بۇلۇشنى ياخشى كۆرمەيسىز؟ دۇنيا ئۈچۈن ياشايدىغان كىشىنىڭ نىشانى پەقەتلا يەپ-ئىچىش، تۈرلۈك راھەت- پاراغەتلەردىن مەنپەئەتلىنىشتۇر. ئاخىرەت ئۈچۈن ياشىغان ئىنسانمۇ يەپ- ئىچىشنى، تۈرلۈك راھەت-پاراغەتلەردىن مەنپەئەتلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇ قايسى خىل تائام، قايسى خىل مەنپەئەتنى ئارزۇ قىلىدۇ؟ 

شۇبھىسىزكى، ئۇ مەڭگۈ يوقالمايدىغان، ئۇنى كېسەل، قېرىلىق، ئۆلۈم ۋە ياكى نېئمەتنىڭ يوقىلىشىدىن ئىبارەت ھەر قانداق قورقۇنچلار قورشىمىغان ھەقىقى مەنپەئەتنى تاللايدۇ. يەنى ئۇ دائىملىق مەنپەئەتنى، دائىملىق ياشلىقنى، ئۆلمەيدىغان، كېسەل بولمايدىغان ھاياتنى، گۈزەل، نازىنىن،چىرايلىق ھۆر -ئەيىنلەر بىلەن تولغان ھاياتنى ئارزۇ قىلىدۇ.  دېمەك، قانداق ئەقىل دۇنيادىكى ئەرزىمەس، تۈگەپ كېتىدىغان لەززەتلەرنى دەپ ياشايدۇ. دۇنيا ھاياتىنى ھەممىدىن ئارتۇق كۆرگەن كىشى دۆت ئىنسان بۇلۇپ، ئۇ ئاخىرەتتىكى مەنپەئەتلەرنى ھېس قىلالمايدۇ: (( كىمكى < كۇفرىدا، گۇناھتا> چېكىدىن ئاشىدىكەن، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى <ئاخىرەتتىن> ئارتۇق كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ)) ( نازىئات 37-40). جەننەتنىڭ نېئمەتلىرى ئۇنىدىكى خىلمۇ-خىل نازۇ- نېئمەت ۋە مەنپەئەتلەرنى ھېس قىلغان كىشى ھەر قانداق ئەھۋالدا پانى دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئارتۇق بىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: (( قانداق كىشى ھاياتى دۇنيانى ياخشى كۆرسە، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئاخىرەتنى ياخشى كۆرسە دۇنيانى ئۇنتۇپ قالىدۇ. يوقاپ كېتىدىغان نەرسىدىن مەڭگۈ قالىدىغان نەرسىنى ئارتۇق بىلىڭلار.)) ( سەھىھى تەرغىب ۋە تەرھىب 3247).

-سىز ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانى كۆرۈش جەننەتنىڭ ھەر قانداق نازۇ- نېئەتلىرىدىن لەززەتلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بېقىڭ! ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا قاراش لەززىتىنى تېتىش ئۈچۈن جەننەتكە قىزىقىدىغانلار بارمۇ؟! ............

-جەننەت دېگەن مەنپەئەت ۋە لەززەتتۇر. ۋە ئۇ تىجارەت ۋە پايدا-زىيان دېگەن سۆزدىن باشقىنى بىلمەيدىغان كىشى ئۈچۈن پايدا تاپىدىغان تىجارەتتۇر. جەننەتنى مەنپەئەت ۋە پايدىلىق تىجارەت دەپ ئىشىنىدىغان كىشى بىلەن جەننەتنى دۇنيانىڭ لەززەتلىرىگە ئوخشاش ئەمىلى لەززەت دەپ ھېس قىلىدىغان كىشى ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بار . لېكىن جەننەت لەززەت دېيىلگەندە چەك-چېگراسىز، تەسۋىرلىگۈسىز ھەقىقى لەززەت. تىجارەت دېگەندە چەك-چېگراسىز، ھەددى -ھېساپسىز پايدىغا ئېرىشتۈرىدىغان تىجارەتتۇر. (( ئى مۆئمىنلەر! سىلەرگە سىلەرنى قاتتىق ئازاپتى قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ( چىن ) ئىمان ئېيتقايسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار، سىلەر ئۈچۈن بۇ ياخشىدۇر. )) ( سەپ 11،10-ئايەتلەر) دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە ئىشتىياق باغلىغۇچىلار ناھايىتى كۆپ. لېكىن جەننەتكە ئىشتىياق باغلىغۇچىلار قەيەردە؟ بۇنىڭ سەۋەبى، شۇكى ئۇلارنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرىدا جەننەت مەۋجۇد ئەمەس. قانداق كىشى جەننەتكە ئىشتىياق باغلىغانلىقىنى دەۋا قىلسا، ئاندىن ئۇنىڭدا مەھبۇبىغا ئىشتىياق باغلىغۇچىنىڭ روھى ھالىتى تېپىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ كاززاپتۇر.

2-جەننەتتە مەڭگۈ قېلىش ئۇقۇمىنى ھېس قىلىش:
جەننەت دېگەن مەنپەئەت ۋە لەززەتلەردە چېكى بولمىغان ، ئادەمنى بىھۇش قىلىدىغان، گۈزەل، نازىن..........ھۆر-ئەيىنلەر بىلەن تولغان مەڭگۈلۈك سائادەتتۇر.  ئۇ جەننەت يۈز يىللىق، مىڭ يىللىق، مىليون يىللىق ۋە ياكى مىليارد يىللىق.........ھايات ئەمەس. بەلكى ئۇ چېكى يوق ھايات. سىز دۇنيادىكى چەكلىك يىللار ئالدىدا مانا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. ئۇنى سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ كاپىرلارنى دۆت دەپ سۇپەتلىگەنلىكىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە شۇنداق دۆت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز: (( شۇبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى( ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بۇلىۋالغان. (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بۇلىۋالغان. (ياخشى-ياماننى پەرق ئەتمەي) ئەقلىنى يوقاتقان كىشلەردۇر)) ( ئەنفال 22-ئايەت)، سىز ئاغرىپ قالمايدىغان، ئاجىزلاپ قالمايدىغان، ئۆلمەيدىغان، تۈرلۈك نازۇ-نېئمەتلەر بىلەن تولغان مەڭگۈلۈك جەننەتتە قېلىشنى ھەقىقەتەن خالامسىز؟.........

داۋامى بار............

مەنبە: ( نىفاق) دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

natsist 2011-10-06 00:05
نەزىرە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىما ياكى توردىكى ئىسىممۇ

arzuyum 2011-10-06 00:17
ۋەئەلەيكۇم - ئەسسالام ۋە رەھمۇتۇللاھى  ۋەبەرەكەتۇھۇ ئەزىز ھەمشىرەم ،  اللاھ خالىسا مۇشۇنداق مەنپەئەتلىك تېمىلىرىڭىزدىن  مەنپەئەت ئېلىپ تۇرغايمىز ،   سىزگە ئۇلۇغ  اللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەيمەن ، ئامىين !

oylinish 2011-10-06 00:20
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بەك ياخشى مەزمۇننى يوللاپسىز، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

مەرىپەت تورىدىكى 143 كىتابنىڭ 142- سى بولغان «چوڭ نىفاقتىن ئىھتىيات قىلىڭ» دېگەن كىتابتا مۇشۇ مەزمۇنلار بار.
تورداشلارغا ئاشۇ 142- كىتابنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۇ كىتاب ھەقىقەتەن ئىمانىمىزنى تارازىغا سالىدۇ!

oylinish 2011-10-06 13:51
داۋامى:

[attachment=12795]
[attachment=12796]
[attachment=12797]
[attachment=12798]
[attachment=12799]
[attachment=12800]
[attachment=12801]

نەزىرە 2011-10-06 14:16
[quote]بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-10-06 00:20 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! ئاخىرىنى يوللاپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!!!
بۇ  كىتاب راستلا بەك ياخشىكەن، قەلبىمدە ئىمانىم بار دەپ ئويلايدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن........

نەزىرە 2011-10-06 15:22
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى natsist نىڭ 2011-10-06 00:05 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
نەزىرە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىما ياكى توردىكى ئىسىممۇ

توردىكى ئىسىم

zero903 2011-10-06 15:51
سىلەر ئىلگىر گىلەر تارتمىغان ئەزىيەتنى تارتماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىمە دېمەڭلار.(سۈرە بەقەر 120-ئايەت)

جەڭچى 2011-10-06 16:48
<سىللەرنى شەرىئەت تەكلىپ لىرى بىلەن سىنايمىز.> سۇرە ئىنسان

ansar514 2011-10-07 14:38
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ! بەك ياخشى تىمىكەن .ئىلمىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەتى ئۇچۇن ھەقىيقى رەۋىشتە سەرىپ قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن! ھەممىمىز مۇشۇنداق ئەقىيدىنى تۇزەيدىغان تىمىلارغا مۇھتاج.  دوسلار بىلەن دائىم ھەم سۆھبەت بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلمەن ! ئاللاھ بىزنى دائىىما مۇشۇنداق ھەق ئۇستىدىكى سرداش قىلشۇن !

era13 2011-10-07 20:07
سەلەمە بىن ئەسلەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىدىن سائاد بىن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغان ئىدى.پەيغەمبىرىمىز سائادنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپلا ساھابىلىرى بىلەن بىرلىكتە ماتەم بولغان ئۆيگە باردى.پەيغەمبىرىمىز ئالدىدا،بىز كەينىدە ئىدۇق.ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدۇق.پەيغەمبىرىمىز ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى.ئۆيدە سائاد بىن مۇئازنىڭ جىنازىسىلا بار ئىدى.باشقا ھېچكىم يوق ئىدى.لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇددى بىرىىنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ سالىدىغاندەك ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن دەسسەپ ماڭاتتى.ئۆيگە كىرمەكچى بولغىنىمنى كۆرىپ،تۇرغان يېرىمدە توختىشىمنى ئىشارەت قىلدى.مەن توختاپ تۇردۇم.كەينىمدىكىلەرگىمۇ توختاپ تۇرۇشنى ئىشارەت قىلدىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىرتقا چىققاندا <<ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى!مەن ھېچكىمنى كۆرمىدىم.ئەمما سىز خۇددى بىرەيلەننىڭ ئۈستىدىن دەسسەپ سالماي دەپ ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك،ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن ماڭدىڭىز>> دېدىم.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى؛<<سائادنىڭ جىنازىسىنى كۆتىرىش ئۈچۈن،ئىلگىرى يەر يۈزىگە كېلىپ باقمىغان يەتمىش مىڭ پەرىشتە كەپتۇ.ئۆيدە ئولتۇرغۇدەك يەر تاپالمدىم.پەرىشتىلەردىن بىرى ئازراق يەر بوشىتىپ بەردى،شۇ يەردە ئاران ئولتۇرالىدىم.>>

سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز سائاد بىن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەتكەن مەرتىۋىدىن شۇنداق مەمنۇن بولغانكى،داۋاملىق ئۇنى تىلغا ئېلىپ؛<<ئەي ئەبا ئامر(ئامرنىڭ دادىسى سائاد)،سەن نېمە دېگەن بەخىتلىك-ھە!>>دېگەن سۆزنى تەكرارلايتتى.

(<<ئىبىن سائاد>>،3جىلد،428-430)

شۇنداق بىر ھايات ياشايلىكى،بىزنىڭ جىنازىمىزنىمۇ پەرىشتىلەر كۆتۈرسۇن.

asanat 2011-10-08 18:24
ئەزىز ھەمشىرەم ،  اللاھ خالىسا مۇشۇنداق مەنپەئەتلىك تېمىلىرىڭىزدىن  مەنپەئەت بىرىپ تۇرغايمىز ،   سىزگە ئۇلۇغ  اللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەيمەن ، ئامىين !

ئۇزتۇرۇك 2011-10-08 18:43
بۇ تىمىنى يۇللىغچى قىرىنداشلىرىمغا ئللا كۇپلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن ئامېن بۇنىڭدىن كېنمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى تىمىلار بۇلسا يۇللاپ تۇرۇڭلار

ئىزھار1 2011-10-10 17:13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 143 پارچە كىتاپنى بۇ يەردىن چۇشۇرۇڭ !


http://www.vdisk.cn/user/admin/tempuser1313128947?1313225953593
http://www.vdisk.cn/down/index/8698381A3786
http://www.vdisk.cn/user/admin/tempuser1313245053?1313267452406
http://www.vdisk.cn/user/admin/tempuser1313245053?1313290967593
http://www.vdisk.cn/user/admin/tempuser1313348085?1313348105359

muslima32 2011-10-13 01:30
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەمشىرەم تىمىڭىزنى ئوقۇپ ناھايتى مەنمۇن بولدۇم مۇشۇنىڭدەك ياخشى تېمىلىرىڭىز بولسائايىماي يوللاپ تۇرارسىز ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىلغاي ،ھەمشىرەم يۇقارقى سىلەر دىگەن كىتاپنىڭ ئەسلى نۇسخىسنى  تاپقىلى بولامدۇ .

مۇسلېمە 2011-10-18 00:44
  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم !

natsist 2011-10-18 00:53
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى نەزىرە نىڭ 2011-10-06 15:22 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

توردىكى ئىسىم

مەن تېخى سىزنى مۇھەممەد سالىھ داموللاجىمنىڭ قىزى نەزىرەخان ئوخشايدۇ دەپتىمەن

مەرىپەت 2011-10-18 20:01
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام
نەزىرە  مەندىن  چاققان  چىقىپسىزدە،
سىزنىڭ  بۇ تىمىنى  يوللىغىنىڭىزدىن  بەك  سۈيۈندۈم،
ئاللاھ  رەھمەت  قىلسۇن

مەرفۇئە 2011-10-18 21:42
ئەسسالامۇ     ئەلەيكوم     ھەمشىرەم ،  ئاللاھ   ئەجرىڭىزنى   بەسۇن.

omer 2011-10-18 22:13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
     اللە ھەممىمىزنى ئىسلام ئۈچۈن قىممەتلىك مېلى، ئېزىز جېنىنىمۇ ئايىمايدىغان ئېمان داۋاسىدا راستچىللاردىن قىلىپ، جەننەت ئەھلى قاتارىدا قىلىۋەتكەي، امين!

qimpiyun 2011-10-28 19:13
باسقان ھەر بىر قەدىمىڭىز  خۇشپۇراق جەننەتكە يېقىن بولسۇن قېرىندىشىم ،رەھمەت تېمىڭىزغا!!!!

asanat 2011-10-31 15:08
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ! بەك ياخشى تىمىكەن .ئىلمىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەتى ئۇچۇن ھەقىيقى رەۋىشتە سەرىپ قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن


查看完整版本: [-- جەننەتكە راستىنلا كىرگۈڭىز بارمۇ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.052527 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us