باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 744 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىزدىكى خەتنە توي  قىزغىنلىقى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 81
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 127
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە127دانە
ئۆسۈش: 300 %
مۇنبەر پۇلى: 1440 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-04 22:07

بىزدىكى خەتنە توي  قىزغىنلىقى

       _  تېچلىقمۇ ئاداش ،  بۈگۈن ئىشلەپسەندە ؟
     _   تېچلىق ،  شۇنداق بۈگۈن  ئىشلىدىم .  ئەتتىگەندىلا  بۇ ياقلارغا  قەدىمىڭ يېتىپ قاپتىغۇ ؟!
    _  تۇرسۇن بىلەن كۆرىشىدىغان  ئازراق ئىش بار ئىدى ،،  شۇنىڭ يىنىغا ماڭدىم .  ھە  راست !  قايسى كۈنى ئالايىتەن  بۈگۈن مەسلىھەت چاي جۇمۇ دەپ  جىكىلەپ قويسام  بارمىدىڭ ، تۈنۆگۈن خەتنە تويغىمۇ  بارماپسەن .....
      _  ئەسلى ئۇ كۈنى مەسلىھەت چىيىڭغا باراي دەپمۇ  ئويلىغان ئىشلىگىنىمنى  ئۆزەڭمۇ كۆردۇڭ . راست  گىپىمنى قىلسام ، سىنىڭلا ئەمەس، نۇرغۇن  خەتنە توي ، گۈل تويلارغا بارمىدىم .  ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسلىھەت  چاي ، خەتنە تويدا ھاراق- شاراب بۇلىشىغا ئىچىلىدىكەن ... سەنمۇ سۇننەت توي قىلدىم دەپ تۇرۇپ ،  تويغا كەلگەن مىھمانلارنى ھاراق - شاراب بىلەن ئۇزاتقانسەن ؟
        _ قانداق قىلىمىز ... ھازىر شۇنداق بۇلۇپ كەتكەن تۇرسا ، سەن ئىچمىسەڭلا بولمىدىمۇ ، ،  بېرىيۋەرمەي . .  . .
       _ توۋا...   شۇنداقمۇ !  خەتنە توي دەپ  قىلىدىكەنمىز ،،  زادى نىمە ئۈچۈن قىلىدىغاندىمىز - ھە ....؟؟؟؟؟ 
       _  شۇ  قىلمىسا بولمايدىغان سۈننەت ئىكەن ئەمەسمۇ ،، بالىلارنىڭ خەتنە تۇيىنى قىلىىش ، ئاتا - ئانىلانىڭ قەرزى ئىكەن ، شۇڭا  بالىلارنىڭ خەتنە تۇيىنى قىلىپ بەرمىسەك بولمايدىكەن . سەنمۇ  ئوغلۇڭنىڭ  خەتنە تويىنى قىلارسەن؟؟
       _  نىمە قىلمىسا بولمايدىغان سۈننەت ئىكەن دەمسەن ؟         
      _  شۇنداق ،،،،،
      _  ئەمسە سەن چوڭ  سۈننەتتىن بىرنى  بىجا كەلتۈرۈپسەندە ؟!
        _  شۇنداق ،،،،،
           _  كىم ساڭا سۈننەت دەپ ئۆگەتتى ،،
           _ ئەمسە چوڭلاردىن تارتىپ كېلىۋاتقان ئىش ئىكەنغۇ ؟! 
           _  ھەي چوڭلار  قىلىپتىكەنغۇ - دەپلا قىلىدىغان ئىشمىكەن . سىنىڭمۇ ئۆزەڭگە چۈشلۇق ئەقلىڭ بار ئادەم ، ئوبدىنىراق ئويلاپ باق . خوش سېنىڭ چۈشەنچەڭ  بويىچە سۈننەتتمۇ  دەپ تۇرايلى  ، مەرىكىگە ( ئاتالمىش سۈننەتكە )  بىر ھەپتە قالغاندا ، مەسلىھەت قىلىدىغاننى بانا قىلىپ تازا بىر ئىچىشۋالىسىلەر ،، بۇمۇ سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا  سۈننەتنىڭ بىر قىسمى شۇنداقمۇ ؟ خەتنە توي باشلانغان كۈنى سىلەرغۇ  خېلى يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيملەرنى كىيىپ تۇرىسىلەر ، ئاياللىرىڭلارچۇ؟؟ خۇددى يىڭىدىن  تۇيى بولغان ( ئەجنەبى ) خوتۇندەك ، يۈزلىرىنى مايمۇندەك بويىۋېلىپ ، ئۇ يەر ، بۇ يەرلىرى ئۇچۇق ، ئاياللارئۈچۈن، ئەڭ ئەڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنىڭ بىرى بولغان كۆكسى ، مانا مەن دېگەندەك  كۆرۈنۈپ تۇرغان . ئۆزىنىڭ يالىڭغاچ ( قىپ- يالىڭغاچتىن نىمە پەرقى ) بەدەنلىرىنى  پۈتۈن سورۇن ئەھلىگە ، مېنى كۆرۈڭلار دىگەندەك نامايىش قىلىپ تۇرغىنى ، سەن دېگەن سۈننەتنىڭ بىر قىسمىمۇ؟ 
مەرىكە باشلىنىشى بىلەن ، نەغمە- ناۋا بولىۋاتقان ، تاڭسا - ئۇسۇل ئوينىلىۋاتقان ، ھاراق - شارابلار ئىچىلىۋاتقان ، شۇنداقلا  قاتتىق ئىسراپچىلىق بۇلىنىۋاتقان مۇشۇنداق < سورۇننى > ئىش - ھەركەتنى، سۈننەتكە مۇۋاپىق دېسەك توغرا كىلەمدىكەن .. .....
              _ مەن ماڭاي ئاداش مېنىڭ يەنە قىلىدىغان ئىشلىرىم بار ئىدى .
               _  ماقۇلە ، ۋاقتىڭنى ئېلىپ قويدۇم ....
               _  ھەر يىلى سىنتەبىر ، ئۆكتەبىر  ئايلىرى  توي - تۈكۈنلەرنىڭ  يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالىدىغان ۋاقىت بولۇپ ، بۇ يىلمۇ ئاۋالقى يىللارغا ئوخشاشلا ، توي - تۈكۈنلەرنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالدى . ھەر ھەپتىسىگە  تۆت بەش باغاقچە < بەزى ئۆيلەرگە ئۇنىڭدىنمۇ جىق بولىشى مۇمكىن >  كىرگەن بولسا ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئىككىسى يىگىت ياكى قىز تويى ، قالغانلىرى خەتنە توي، گۈل توي بولۇپ چىقىدۇ ..  كۆپ قىسىم ياشلارغۇ بىلمەسلىكتىن قىلسۇن ،،، بىر قىسىم مەھەللە چوڭلىرى ، ئىماملار ئىشنىڭ توغرا- خاتاسىنى بىلمەسما ؟! ھەتتا بەزى ئۆيلەردە چوڭلار << سەنمۇ قىلغىن، نىمە دەپ قىلمايسەن ، باشقىلار قىلسا قالماي باردىڭ .. سەنمۇ قىلىپ چىقارغان پۇللىرىڭنى قايتۇرىۋالمامسەن >> . دەپ قۇۋەتلەپ بېرىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت ئىكەن .. بۇ چوڭلارمۇ نادان بىلىمسىز  بولغاچقا ، بېلىشى شۇنچىلىكلا دەپ بۇلارغىمۇ مەيلى دەپ تۇرايلى . بەزى ئىماملارچۇ ؟؟  سۆزلەڭ دېسە 20 يىل ئوقۇغانەي ، ئۇنداق ئوقۇغانەي، مۇنداق ئوقۇغانەي دەپ ، شالۋۇرىنى چاچىرىتىپ ئوقۇغانلىرىنى پەش قىلىپ بولالمايلا قالىدۇ .. يۇقارقىدەك ناتوغرا توي - تۈكۈنلەرنى سۇكۈش تۈگۈل ، بىرنىمۇ تەرىك ئەتمەي ماڭغان . شۇنىڭ بىلەن مەھەللە چوڭلىرى، ئىماملار قوللاپ ، قۇۋەتلەپ بەرگەندىن كېيىن ، ياشلار ئەلۋەتتە بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز توغرا ئىكەن ، دېگەن تونۇشقا كېلىپ قېلىشى مۇقەررەر ..
< ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ > دېگەندەك ، مۇشۇنداق ئىشلارغا  ۋاقتىدا چەك قۇيۇلمىسا ، ئاۋامغا بېرىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ ...
    مەنبە: مەن ....
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3277
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 57
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە57دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 670 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2011-10-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-05 13:58

سۈننەت توي ئەمەس خەتنە توي .
خەتنە قىلىش  ۋاجىپتۇر . 7 ياشىتى 70 ياشقىچە قىلدۇرسا بولىدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھى سالام سۈننەت قىلىلىق  ھالدا دۇنياغا كەلگەن . باللارنىڭ ھەقىقىسى بەك مۇھىم .