查看完整版本: [-- بىزدىكى خەتنە توي  قىزغىنلىقى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> بىزدىكى خەتنە توي  قىزغىنلىقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tamkin 2011-10-04 22:07
       _  تېچلىقمۇ ئاداش ،  بۈگۈن ئىشلەپسەندە ؟
     _   تېچلىق ،  شۇنداق بۈگۈن  ئىشلىدىم .  ئەتتىگەندىلا  بۇ ياقلارغا  قەدىمىڭ يېتىپ قاپتىغۇ ؟!
    _  تۇرسۇن بىلەن كۆرىشىدىغان  ئازراق ئىش بار ئىدى ،،  شۇنىڭ يىنىغا ماڭدىم .  ھە  راست !  قايسى كۈنى ئالايىتەن  بۈگۈن مەسلىھەت چاي جۇمۇ دەپ  جىكىلەپ قويسام  بارمىدىڭ ، تۈنۆگۈن خەتنە تويغىمۇ  بارماپسەن .....
      _  ئەسلى ئۇ كۈنى مەسلىھەت چىيىڭغا باراي دەپمۇ  ئويلىغان ئىشلىگىنىمنى  ئۆزەڭمۇ كۆردۇڭ . راست  گىپىمنى قىلسام ، سىنىڭلا ئەمەس، نۇرغۇن  خەتنە توي ، گۈل تويلارغا بارمىدىم .  ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسلىھەت  چاي ، خەتنە تويدا ھاراق- شاراب بۇلىشىغا ئىچىلىدىكەن ... سەنمۇ سۇننەت توي قىلدىم دەپ تۇرۇپ ،  تويغا كەلگەن مىھمانلارنى ھاراق - شاراب بىلەن ئۇزاتقانسەن ؟
        _ قانداق قىلىمىز ... ھازىر شۇنداق بۇلۇپ كەتكەن تۇرسا ، سەن ئىچمىسەڭلا بولمىدىمۇ ، ،  بېرىيۋەرمەي . .  . .
       _ توۋا...   شۇنداقمۇ !  خەتنە توي دەپ  قىلىدىكەنمىز ،،  زادى نىمە ئۈچۈن قىلىدىغاندىمىز - ھە ....؟؟؟؟؟ 
       _  شۇ  قىلمىسا بولمايدىغان سۈننەت ئىكەن ئەمەسمۇ ،، بالىلارنىڭ خەتنە تۇيىنى قىلىىش ، ئاتا - ئانىلانىڭ قەرزى ئىكەن ، شۇڭا  بالىلارنىڭ خەتنە تۇيىنى قىلىپ بەرمىسەك بولمايدىكەن . سەنمۇ  ئوغلۇڭنىڭ  خەتنە تويىنى قىلارسەن؟؟
       _  نىمە قىلمىسا بولمايدىغان سۈننەت ئىكەن دەمسەن ؟         
      _  شۇنداق ،،،،،
      _  ئەمسە سەن چوڭ  سۈننەتتىن بىرنى  بىجا كەلتۈرۈپسەندە ؟!
        _  شۇنداق ،،،،،
           _  كىم ساڭا سۈننەت دەپ ئۆگەتتى ،،
           _ ئەمسە چوڭلاردىن تارتىپ كېلىۋاتقان ئىش ئىكەنغۇ ؟! 
           _  ھەي چوڭلار  قىلىپتىكەنغۇ - دەپلا قىلىدىغان ئىشمىكەن . سىنىڭمۇ ئۆزەڭگە چۈشلۇق ئەقلىڭ بار ئادەم ، ئوبدىنىراق ئويلاپ باق . خوش سېنىڭ چۈشەنچەڭ  بويىچە سۈننەتتمۇ  دەپ تۇرايلى  ، مەرىكىگە ( ئاتالمىش سۈننەتكە )  بىر ھەپتە قالغاندا ، مەسلىھەت قىلىدىغاننى بانا قىلىپ تازا بىر ئىچىشۋالىسىلەر ،، بۇمۇ سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا  سۈننەتنىڭ بىر قىسمى شۇنداقمۇ ؟ خەتنە توي باشلانغان كۈنى سىلەرغۇ  خېلى يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيملەرنى كىيىپ تۇرىسىلەر ، ئاياللىرىڭلارچۇ؟؟ خۇددى يىڭىدىن  تۇيى بولغان ( ئەجنەبى ) خوتۇندەك ، يۈزلىرىنى مايمۇندەك بويىۋېلىپ ، ئۇ يەر ، بۇ يەرلىرى ئۇچۇق ، ئاياللارئۈچۈن، ئەڭ ئەڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنىڭ بىرى بولغان كۆكسى ، مانا مەن دېگەندەك  كۆرۈنۈپ تۇرغان . ئۆزىنىڭ يالىڭغاچ ( قىپ- يالىڭغاچتىن نىمە پەرقى ) بەدەنلىرىنى  پۈتۈن سورۇن ئەھلىگە ، مېنى كۆرۈڭلار دىگەندەك نامايىش قىلىپ تۇرغىنى ، سەن دېگەن سۈننەتنىڭ بىر قىسمىمۇ؟ 
مەرىكە باشلىنىشى بىلەن ، نەغمە- ناۋا بولىۋاتقان ، تاڭسا - ئۇسۇل ئوينىلىۋاتقان ، ھاراق - شارابلار ئىچىلىۋاتقان ، شۇنداقلا  قاتتىق ئىسراپچىلىق بۇلىنىۋاتقان مۇشۇنداق < سورۇننى > ئىش - ھەركەتنى، سۈننەتكە مۇۋاپىق دېسەك توغرا كىلەمدىكەن .. .....
              _ مەن ماڭاي ئاداش مېنىڭ يەنە قىلىدىغان ئىشلىرىم بار ئىدى .
               _  ماقۇلە ، ۋاقتىڭنى ئېلىپ قويدۇم ....
               _  ھەر يىلى سىنتەبىر ، ئۆكتەبىر  ئايلىرى  توي - تۈكۈنلەرنىڭ  يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالىدىغان ۋاقىت بولۇپ ، بۇ يىلمۇ ئاۋالقى يىللارغا ئوخشاشلا ، توي - تۈكۈنلەرنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالدى . ھەر ھەپتىسىگە  تۆت بەش باغاقچە < بەزى ئۆيلەرگە ئۇنىڭدىنمۇ جىق بولىشى مۇمكىن >  كىرگەن بولسا ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئىككىسى يىگىت ياكى قىز تويى ، قالغانلىرى خەتنە توي، گۈل توي بولۇپ چىقىدۇ ..  كۆپ قىسىم ياشلارغۇ بىلمەسلىكتىن قىلسۇن ،،، بىر قىسىم مەھەللە چوڭلىرى ، ئىماملار ئىشنىڭ توغرا- خاتاسىنى بىلمەسما ؟! ھەتتا بەزى ئۆيلەردە چوڭلار << سەنمۇ قىلغىن، نىمە دەپ قىلمايسەن ، باشقىلار قىلسا قالماي باردىڭ .. سەنمۇ قىلىپ چىقارغان پۇللىرىڭنى قايتۇرىۋالمامسەن >> . دەپ قۇۋەتلەپ بېرىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت ئىكەن .. بۇ چوڭلارمۇ نادان بىلىمسىز  بولغاچقا ، بېلىشى شۇنچىلىكلا دەپ بۇلارغىمۇ مەيلى دەپ تۇرايلى . بەزى ئىماملارچۇ ؟؟  سۆزلەڭ دېسە 20 يىل ئوقۇغانەي ، ئۇنداق ئوقۇغانەي، مۇنداق ئوقۇغانەي دەپ ، شالۋۇرىنى چاچىرىتىپ ئوقۇغانلىرىنى پەش قىلىپ بولالمايلا قالىدۇ .. يۇقارقىدەك ناتوغرا توي - تۈكۈنلەرنى سۇكۈش تۈگۈل ، بىرنىمۇ تەرىك ئەتمەي ماڭغان . شۇنىڭ بىلەن مەھەللە چوڭلىرى، ئىماملار قوللاپ ، قۇۋەتلەپ بەرگەندىن كېيىن ، ياشلار ئەلۋەتتە بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز توغرا ئىكەن ، دېگەن تونۇشقا كېلىپ قېلىشى مۇقەررەر ..
< ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ > دېگەندەك ، مۇشۇنداق ئىشلارغا  ۋاقتىدا چەك قۇيۇلمىسا ، ئاۋامغا بېرىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ ...
    مەنبە: مەن ....

aptap104 2011-10-05 13:58
سۈننەت توي ئەمەس خەتنە توي .
خەتنە قىلىش  ۋاجىپتۇر . 7 ياشىتى 70 ياشقىچە قىلدۇرسا بولىدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھى سالام سۈننەت قىلىلىق  ھالدا دۇنياغا كەلگەن . باللارنىڭ ھەقىقىسى بەك مۇھىم .

دېدار 2011-10-05 20:29
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى aptap104 نىڭ 2011-10-05 13:58 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سۈننەت توي ئەمەس خەتنە توي .
خەتنە قىلىش  ۋاجىپتۇر . 7 ياشىتى 70 ياشقىچە قىلدۇرسا بولىدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھى سالام سۈننەت قىلىلىق  ھالدا دۇنياغا كەلگەن . باللارنىڭ ھەقىقىسى بەك مۇھىم .

    سېزنېڭ بۇ دېگنڭېزنېڭ بېرە ئاساسې بارمۇ ،7 ياشتېن 70 ياشقېچە قېلدۇرسا بولدۇ دەيدېغانغا، بۇنداق توخماقلا گەپ قېلماڭ چۇشەنچە بېرەمسېز

تىۋىپ010 2011-10-06 20:30
بۇ مەزمۇن يوشۇرۇنغان بولۇپ ، ئىنكاس قايتۇرغاندىن كىيىن كۆرەلەيسىز

tamkin 2011-10-07 21:36
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى تىۋىپ010 نىڭ 2011-10-06 20:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ يەر يوشۇرۇنغان يازمىغا كەلتۈرۈلگەن نەقىل

نىمە دەپ يازغان بولغىيتىڭىز  ؟

ئۆزئۇيغۇر 2011-10-07 23:53
دىننىي ئەمەل ئىبادەتنى پۇچەكلەشتۈرۈپ كاپىرلارنىڭ قىلىقىنى قىلىۋاتىدىغۇ . سەن مۇسۇلمان ئەمەس دىسە  سوقۇشقىلى يۈگرەيدۇ. بىزدە مۇشۇنداق مۇسۇلمانلار جىق.

asanat 2011-10-08 19:00
بۇ نىمە گەپ ئەمدى بەزى مۇسۇلمان دۇلەتلىردە  ئۇغۇل تۇغۇلۇپلا قىلدىكەن بۇ 7------70 نىمە ياش

alim520 2011-10-08 19:04
نىمە دەپ يازغان.

ئەلى 2011-10-08 19:10
خەتنە قىلىش دىنىمىزدا تەكىتلەنگەن ئەمەللەرنىڭ بىرى.پەننىي ۋە دىننىي جەھەتتىن ئاساسى بار .
بىراق مەرىكە ئۆتكۈزۈشنىڭ شۇنداقلا ھازىرقى زامانىمىزدىكى يۇقىرىقى تېمىدەك مەرىكە ئۆتكۈزۈشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.پەقەت قۇرۇق شۆرەت تالىشىش خالاس.ئەلۋەتتە ئۇسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانە دەپ،شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر رېستۇراندا بولىشىغا چىلىشىپ يۈرىدۇ.خەتنە توي توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بار ئىدى.بىراق مەنبەسىنى ئۇنتۇپ قالغاچقا بۇ يەردە يېزىشقا ئامالسىز قالدىم،بىلىدىغان قېرىنداشلار ئەسكەرتىپ ئۆتەسىلەر.

موتۇ 2011-10-08 19:50
ئىشقىلىپ  مەن  بالامنىڭ   خەتنە  توينى  قىلمايمەن  ...   ھەممىزدە  بارغۇ  بۇ  قاپاق  كاللا  .  ئويلىنىپ  ئىش  قىلايلى  


查看完整版本: [-- بىزدىكى خەتنە توي  قىزغىنلىقى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.149001 second(s),query:4 Gzip enabled

You can contact us