باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 421 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: <<قۇشقاچلار>>
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 537
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە537دانە
ئۆسۈش: 2300 %
مۇنبەر پۇلى: 6988 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2011-10-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-04 13:32

<<قۇشقاچلار>>

<<قۇشقاچلار>>
يانفۇنلىرى تىن ئالماي سايرايدىغان <<قۇشقاچلار>>،
تانسا نەدە،مەي نەدە،قوغلايدىغان  <<قۇشقاچلار>>،
ئەرنى كۆرسە غىلجىڭلاپ نازلايدىغان<<قۇشقاچلار>>،
ئاخشاملىرى ھەمىشە دانلايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
بولۇپ بېرەر تەپ تارتماي ئولتۇرۇشنىڭ <<رەڭ>>لىرى،
تېخى شاللاق ئەر بىلەن ئىچىپ كەتكەن مەيلىرى،
ئەپتى شەھۋەت بۇرايدۇ،بەك تېتىقسىز گەپلىرى،
بولۇپ خەققە ئويۇنچۇق نايناقلىغان<<قۇشقاچلار>>.
ياشاش نۇمۇس ئەمەسمۇ ئىپپىتىنى پۇل قىلىپ،
خەلقىئالەم ئالدىدا قىممىتىنى نۆل قىلىپ،
ئۆتەر شۇنداق سەۋەبتىن ئۆز-ئۆزىنى تۇل قىلىپ،
ھەرقەدەمنى پۇل ئۈچۈن چامدايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
كۈندە نەچچە پەردازلاپ، بوياپ قاش-كۆز،رەڭگىنى،
ئون كىشىگە ئون ياڭزا بېرەر ۋەدە،لەۋزىنى،
ھالال كەسىپ-ئىش تۇتماي،قوغلاپ ئىشرەت پەيزىنى،
مېھمانخانا ،ئارامگاھ قاتنايدىغان <<قۇشقاچلار>>.
ئەجەپ ئۇستا بىكاردىن دان تېپىشتا ھۆنەرگە،
چاپىنىدا خەقلەرنىڭ تەرلەپ پەيزى سۈرەرگە،
لىق تۇرسىمۇ بۇيرۇتۇپ نازۇ-نېمەت شىرەگە،
مەست يىگىتنى_ئەخمەقنى جايلايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
داپ يۈزلىرى بارغانچە ئوخشاپ ئاياغ چەمىگە،
داغ تەگكۈزدى پاك ئايال-ئانىلارنىڭ شەنىگە،
تەنبىھ قىلساق يېنىشلاپ ھېچ ئالمايدۇ زەنىگە،
قىلمىشلىرى خەلقىمگە ياقمايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
نەوكە،ئەيش-ئىشرەتكە بەكمۇ ئىجىل -ئامراقلار،
نەدىن پەيدا بوپ قالدى ئارىمىزدا مۇنداقلار،
بىزدىن شۇنى كۈتكەنمۇ،ئەخلاق سۆيەر ئەجدادلار،
پاك مۇھەببەت سۆيگۈنى خارلايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
يىگىتلەر
ئوقۇۋاتقان قىزلارنى قوغلاشماڭلار يىگىتلەر،
بۇدۇشقاقتەك پېشىگە چاپلاشماڭلار يىگىتلەر.
چوڭ بولدۇڭلار يۈگەنسىز،كۈندە قېچىپ مەكتەپتىن،
بىلىم ئالسۇن بۇ قىزلار،پۇتلاشماڭلار يىگىتلەر.
يەتمىدىڭلار مەرىپەت،پەن-بىلىمنىڭ قەدرىگە،
تۆت-بەش تەڭگە پۇل تېپىپ تاقلاشماڭلار يىگىتلەر.
ئالداپ ساددا قىزلارنى شېرىن سۆزدە ئازدۇرۇپ،
<<سىز گۈزەل>>دەپ يالغاندىن ماختاشماڭلار يىگىتلەر.
ئاشىقلىقتىن گەپ ئېچىپ،دەرستىن بۆلۈپ زېھنىنى،
قىزچاقلارنىڭ بەختىگە چوت چاپماڭلار يىگىتلەر.
<<پۇلدار بىز>>دەپ دام سېلىپ،سانتانانى پىرقىرىتىپ،
كەلگۈسىنى قولتۇقلاپ ئەپ قاچماڭلار يىگىتلەر.
نادان يۈرۈپ تاپقان پۇل،ۋاقىتلىقتۇر بەرىبىر،
ئۆزۈڭلارنى قىزلارغا داڭلاشماڭلار يىگىتلەر.
تالاي قىزنىڭ ئۈمىدى-تەلىيىنى كاج قىلىپ،
<<سىزنى تۈنجى سۆيدۈم>>دەپ ئالداشماڭلار يىگىتلەر.
ياشلىق قايتا كەلمەيدۇ،زەپەر قۇچقاي بۇ قىزلار،
تەقدىرىنى مايمۇندەك ئويناتماڭلار يىگىتلەر.
سىلەر بىلەن تۈگىگەي بىلىمسىزلىك-نادانلىق،
زەيدە قالغان تۆمۈردەك،داتلاشماڭلار يىگىتلەر.
ئاپتور:ئابدۇۋەلى راخمان(ھەققانىي)

[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-10-04 15:23قايتا تەھرىرلى ]
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
ھايات مەقسەت ئەمەس، بىر جەريان.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4750
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 177
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە177دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 2093 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2011-10-17
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-04 16:11

  ياخشى يېزىلىپتۇ !  تەشىككۈر~