查看完整版本: [-- <<قۇشقاچلار>> --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> <<قۇشقاچلار>> [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاش 2011-10-04 13:32
<<قۇشقاچلار>>
يانفۇنلىرى تىن ئالماي سايرايدىغان <<قۇشقاچلار>>،
تانسا نەدە،مەي نەدە،قوغلايدىغان  <<قۇشقاچلار>>،
ئەرنى كۆرسە غىلجىڭلاپ نازلايدىغان<<قۇشقاچلار>>،
ئاخشاملىرى ھەمىشە دانلايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
بولۇپ بېرەر تەپ تارتماي ئولتۇرۇشنىڭ <<رەڭ>>لىرى،
تېخى شاللاق ئەر بىلەن ئىچىپ كەتكەن مەيلىرى،
ئەپتى شەھۋەت بۇرايدۇ،بەك تېتىقسىز گەپلىرى،
بولۇپ خەققە ئويۇنچۇق نايناقلىغان<<قۇشقاچلار>>.
ياشاش نۇمۇس ئەمەسمۇ ئىپپىتىنى پۇل قىلىپ،
خەلقىئالەم ئالدىدا قىممىتىنى نۆل قىلىپ،
ئۆتەر شۇنداق سەۋەبتىن ئۆز-ئۆزىنى تۇل قىلىپ،
ھەرقەدەمنى پۇل ئۈچۈن چامدايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
كۈندە نەچچە پەردازلاپ، بوياپ قاش-كۆز،رەڭگىنى،
ئون كىشىگە ئون ياڭزا بېرەر ۋەدە،لەۋزىنى،
ھالال كەسىپ-ئىش تۇتماي،قوغلاپ ئىشرەت پەيزىنى،
مېھمانخانا ،ئارامگاھ قاتنايدىغان <<قۇشقاچلار>>.
ئەجەپ ئۇستا بىكاردىن دان تېپىشتا ھۆنەرگە،
چاپىنىدا خەقلەرنىڭ تەرلەپ پەيزى سۈرەرگە،
لىق تۇرسىمۇ بۇيرۇتۇپ نازۇ-نېمەت شىرەگە،
مەست يىگىتنى_ئەخمەقنى جايلايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
داپ يۈزلىرى بارغانچە ئوخشاپ ئاياغ چەمىگە،
داغ تەگكۈزدى پاك ئايال-ئانىلارنىڭ شەنىگە،
تەنبىھ قىلساق يېنىشلاپ ھېچ ئالمايدۇ زەنىگە،
قىلمىشلىرى خەلقىمگە ياقمايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
نەوكە،ئەيش-ئىشرەتكە بەكمۇ ئىجىل -ئامراقلار،
نەدىن پەيدا بوپ قالدى ئارىمىزدا مۇنداقلار،
بىزدىن شۇنى كۈتكەنمۇ،ئەخلاق سۆيەر ئەجدادلار،
پاك مۇھەببەت سۆيگۈنى خارلايدىغان<<قۇشقاچلار>>.
يىگىتلەر
ئوقۇۋاتقان قىزلارنى قوغلاشماڭلار يىگىتلەر،
بۇدۇشقاقتەك پېشىگە چاپلاشماڭلار يىگىتلەر.
چوڭ بولدۇڭلار يۈگەنسىز،كۈندە قېچىپ مەكتەپتىن،
بىلىم ئالسۇن بۇ قىزلار،پۇتلاشماڭلار يىگىتلەر.
يەتمىدىڭلار مەرىپەت،پەن-بىلىمنىڭ قەدرىگە،
تۆت-بەش تەڭگە پۇل تېپىپ تاقلاشماڭلار يىگىتلەر.
ئالداپ ساددا قىزلارنى شېرىن سۆزدە ئازدۇرۇپ،
<<سىز گۈزەل>>دەپ يالغاندىن ماختاشماڭلار يىگىتلەر.
ئاشىقلىقتىن گەپ ئېچىپ،دەرستىن بۆلۈپ زېھنىنى،
قىزچاقلارنىڭ بەختىگە چوت چاپماڭلار يىگىتلەر.
<<پۇلدار بىز>>دەپ دام سېلىپ،سانتانانى پىرقىرىتىپ،
كەلگۈسىنى قولتۇقلاپ ئەپ قاچماڭلار يىگىتلەر.
نادان يۈرۈپ تاپقان پۇل،ۋاقىتلىقتۇر بەرىبىر،
ئۆزۈڭلارنى قىزلارغا داڭلاشماڭلار يىگىتلەر.
تالاي قىزنىڭ ئۈمىدى-تەلىيىنى كاج قىلىپ،
<<سىزنى تۈنجى سۆيدۈم>>دەپ ئالداشماڭلار يىگىتلەر.
ياشلىق قايتا كەلمەيدۇ،زەپەر قۇچقاي بۇ قىزلار،
تەقدىرىنى مايمۇندەك ئويناتماڭلار يىگىتلەر.
سىلەر بىلەن تۈگىگەي بىلىمسىزلىك-نادانلىق،
زەيدە قالغان تۆمۈردەك،داتلاشماڭلار يىگىتلەر.
ئاپتور:ئابدۇۋەلى راخمان(ھەققانىي)


uytag 2011-10-04 16:11
  ياخشى يېزىلىپتۇ !  تەشىككۈر~

ئىزباسار 2011-10-04 16:16
تاش ئەپەندىم.ئۇزىڭىز يازدىڭىزما؟ ئەمما ماشىئىر بۇپ قۇيىدىكەن

تاش 2011-10-04 16:20
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ئىزباسار نىڭ 2011-10-04 16:16 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تاش ئەپەندىم.ئۇزىڭىز يازدىڭىزما؟ ئەمما ماشىئىر بۇپ قۇيىدىكەن

مەن يازمىدىم.ئاپتورىغا قاراڭ:ئابدۇۋەلى راخمان (ھەققانىي).
مېنىڭ ئىسمىم:مۇھەممەدجان

ئىزباسار 2011-10-04 19:23
سىزمۇ مۇشۇنداق ئىجادىي شىئىرلاردىن بىرەرنى يېزىڭە.... سىزنى شىئىر يېزىشقا  خېلى تالانتى بار دەپ ئويلايمەن. (ئەمما كۆيدۈم-پىشتىم بولمىسۇن)

oylinish 2011-10-04 21:19
ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانى دېگەن ئادەم مەن   بىلەن بىر يۇرتلۇق. 

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، ياخشى شېئىر يوللاپسىز.

dulbarqin310 2011-10-05 13:12
ما تېمىنى نادىرلاپ قويسا بولغۇدەك.

ئىزباسار 2011-10-05 14:36
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-10-04 21:19 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانى دېگەن ئادەم مەن   بىلەن بىر يۇرتلۇق. 

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، ياخشى شېئىر يوللاپسىز.


داڭلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ يۇرتىڭىزدىنما؟

يەنە كىملە سىزنىڭ يۇرتتىنا؟


查看完整版本: [-- <<قۇشقاچلار>> --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049981 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us