
دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ماچاۋشۇ 10-ئاينىڭ 4- كۈنى جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك پارلامىنىت ئەزالىرىنى ،جۇڭگو-ئامېرىكا سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ماھىيىتىنى توغرا ئاڭلىق چۈشىنىپ،دۆلەت ئىچىدە قانون چىقىرىش ۋاستىسى ئارقىلىق مەسىلە پەيدا قىلىپ جۇڭگوغا بېسىم ئىشىلتىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ ،دېدى .
.
شېۋىتسىيەدىكى كارولىن تىببىي ئىنىستىتوتىنىڭ نوبىل مۇكاپاتىنى باھالاش كومېتىتى 9-ئاينىڭ 3- كۈنى كەچتە كانادالىق قازا قىلغان رالفا سېيتمان ئېرىشكەن 2011-يىللىق نوبىل فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي مۇكاپاتىنى بىكار قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى .
.
تۈنۈگۈن شەنبە كۈنى سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەركىنلىك تەلەپ قىلغۇچى نامايىشچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان قانلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈن سۈرىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن سۈرىيە ئەسكەرلىرى 250 دىن ئارتۇق تانكا قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قۇرللار بىلەن بېسىپ كىرگەن سىرت شەھىرى سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتكەن. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى مەزكۇر سىرت شەھىرىدە بىر قانچە كۈندىن بىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرى بىلەن، ئەسكەرلىكتىن قېچىپ ئەركىنلىك تەلەپ قىلغۇچى نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلغان ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچلەرنىڭ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن چاقىرغان يېغىنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە داۋام قىلماقتا.
ئامېرىكا، سۇمالىىيەدە 35 پۇقرانى ئۆلتۈردى.
ئىران پىرەس تىلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سۇمالى مۇجاھىت ياشلار تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 35 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ يەنە ئونلارچە كىشى يارىلانغان.
سۇمالىيەلىك بىر مەسئۇل، يارىدارلارنىڭ رايوندىكى بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئافغانستاندا ئاخىرقى بىر كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 47 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئافغانىستاندا بىر كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ۋە تۇقۇنۇشلاردا ئاز دېگەن 47 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئافغانىستاننىڭ شەرقى رايونىدىكى پاكتىيا ۋىلايىتىنىڭ باياناتچىسى پاكتىيانىڭ زۇرمات دېگەن يېرىدە ماشىنا ماڭىدىغان يوللارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىلارنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئاز دېگەندە 9 ئافغان ئەسكەرنىڭ ئۆلۈپ يەنە 4 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا كۆرە، ئاپغان ئەسكەرلىرىنىڭ ناتو ئەسكەرلىرى باشچىلىقىدا 8 ۋىلايەتكە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇمدا 37 مىلتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكنىڭ ئافرىقىدىكى ئەسكىرى قۇماندانى، ش ئا ئە ت كۈچلىرىنىڭ لىۋىيەدىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر قومانداننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن لىۋىيە ئۇرۇشى ھەققىدە دوكلات ھازىرلىنىپ، يېقىندا ناتو تەرىپىدىن ئېچىلىدىغان لىۋىيىنىڭ ئاخىرقى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش يېغىنىدا دوكلات بېرىلىدىكەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا لىۋىيەدىكى ئۇرۇش چوڭ بىر قىسمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇدان رەئىسى ئۆمەر ئەلبەشىر جەنۇبى سۇدان بىلەن بولغان سۈركىلىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ ۋاستا بولۇشىنى رەت قىلدى. بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان بەشىر، مەسىلىنى ئۈچۈنچى بىر تەرەپنىڭ ۋاستىسسىىز يەنى ئىككى تەرەپلىمىلىك سۆھبەت ئارقىللىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئافغانىستان رەئىسى ھامىد كارزاي، سابىق ئافغانىستان رەئىسى بۇرھانىددىن رەببانىينىڭ بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئۆلتۈرۈلگىنىدىن كېيىن تالىبانلار بىلەن ستراتېگىيىلىك سۆھبەت ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كارزاينىڭ رەسمىي باياناتچىسى تالىبانلار بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ پۈتۈنلەي توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ۋە يېڭى ستراتېگىيە ھەققىدە كارزاي تەرىپىدىن يېقىندا تىلېۋىزىيە خىتابى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان باش مىنىستىرى يۈسۈپ رىزا گىيلانى، ئافغانىستان رەئىسى كارزاينى سابىق ئافغانىستان رەئىسى بۇرھانىددىن راببانىينىڭ سۈيىقەست قىلىنىشىدا پاكىستاننىڭ قولى بار دېگەندەك يامان گۇماندا بولماسلىققا چاقىردى.
ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە، پەلەستىننىڭ قۇدۇس شەھىرىدە يەھۇدى يەرلەشتۈرۈش قورولىرى بىنا قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئىسرائىلىيە رادىئوسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى قۇدۇستا يەھۇدى يەرلەشتۈرۈش مەسىلىسى ھېچقانداق سۆھبەت قوبۇل قىلمايدىغان نازۇك مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدۇستا يەھۇدى يەرلەشتۈرۈش قورولىرى بىنا قىلىشنى توختىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈن دۈشمەن ئىسرالىيەنىڭ غەززە شەھىرىگە ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇمىدا 3 پەلەستىنلىك يارىلانغان.
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە دۈشەنبە كۈنى جەنۇبى ئافرىقىغا بولغان رەسمىي زىيارىتىنى باشلايدۇ. ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇشۇ ئاينىڭ بەشىنچى كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە مىنىستىرلار ۋە يوقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مەسئۇللىرى بىرگە بولىدۇ.
ئىراق پايتەختى باغداتنىڭ شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئامېرىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون پەلەستىنلىكلەر ۋە ئىسرائىلىيلىكلەرنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاشقا چاقىردى. كلىنتون بۇ چاقىرىقى، پەلەستىن رەئىسى ئابباس تەرىپىدىن، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمى ئەزا بولۇشى ئۈچۈن سۇنۇلغان تەلەپ ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋابەن بولدى. كلىنتۇن سۆزىدە بۇ تەلەپكە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ قەدەمنىڭ پايدىسىز يول ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشقا ئۇرۇنغان.
كامبۇدژادا مەيدانغا كەلگەن سەل ۋە سۇ ئاپەتلىرىدە 150 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
كامبۇدژادا يېقىنقى ئون يىلنىڭ ما بەينىدە مەيدانغا كەلگەن ئەڭ چوڭ سەل ئاپىتىدە ئۆتكەن سەككىزىنچى ئايدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندە 150 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. كامبۇدژا تەبئىي ئاپەتلەر توغرىسىدا خەۋەر بېرىش مەركىزى بايانەتچىسىنىڭ بۈگۈن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، رايوندىكى مەكۇڭ دەرياسى ۋە باشقا رايونلاردا مەيدانغا كەلگەن سەل ئاپەتلىرىدە 271 مىڭ گېكتار تېرىلغۇ يەر، 904 دانە مەكتەپ، 361 بۇتخانا ياكى بۇددىستلار ئىبادەتخانىسى ۋەيران بولغان. جەنۇبى شەرقى ئاسىيا، جۇڭگو، ياپۇنىيە، جەنۇبى ئاسىيادا ئاخىرقى 4 ئايدا بوران ۋە سەل ئاپەتلىرىدە يۈزلەرچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
س ج ...ر...................