جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 3-ئۆكتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ 3-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئىسرائىلىيە ئۈچۈن قاباھەتلىك چۈش بولۇپ قالغان. تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە ئەلچىسىنى قوغلاپ تاشلىشى، مىسىر ئاممىسى نامايىش قىلىپ ئىسرائىلىيە ئەلچىسىنى قېچىشقا مەجبۇر قىلىشىدەك ۋەقەلەر يۈز بەردى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا 2-ئۆكتەبىر بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا بارغانسېرى يېتىم، يار-يۆلەكسىز ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچىمۇ دېپلوماتىيە جەھەتتىكى ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشىنى تولۇقلاپ بولالمايدىكەن.
لېئون پانېتتانىڭ دېيىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىشى مىسىر ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر ئۆتمۈشتە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ قىممەتلىك شېرىكلىرى بولغان. پانېتتا:«ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ساقلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمما ئىسرائىلىيە دېپلوماتىيە جەھەتتە تۇيۇق يولغا ماڭسا، ھەربىي ئۈستۈنلۈكنىڭ نېمە رولى بولسۇن؟ ھازىر ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزگۈرۈۋاتىدۇ ھەمدە يەنە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى تەنھالىقى نۇرغۇن خەۋىپلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن.
ئىگىلىنىشچە، پانېتتا 10-ئاينىڭ 3-كۈنى بېريۇسېلدا ش ئا ئە ت يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن ھەمدە بېريۇسېلدا ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. پانېتتانىڭ دېيىشىچە، ئىسرائىلىيە مىسىر ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشى، ئامېرىكا بۇ جەھەتتە قوللىشى كېرەك ئىكەن.
.......
