ئاللاھ بار
ئاللاھ ئۈچۈن ئاتلاندىم
ئىلىم ئىزلەپ جان ئانا
ئەنسىرىمە مىنىڭدىن
ساقلايدىغان ئاللاھ بار
يالغۇز ئەمەس مەن ھەرگىز
چۆلدە غىرىپ بولساممۇ
تاپشۇر مىنى خاتىرجەم
ساقلايدىغان ئاللاھ بار
قورىقمايمەن ئاخشامدا
ئالۋاستىدىن جىنلاردىن
يالغۇز قالسام كەچلەردە
قوغدايدىغان ئاللاھ بار
ئاچ قالدىڭمۇ دىمىگىن
ھەر ئىشلارغا سەۋرەم بار
نەدە بولسام ئاچ قويماي
يوقلايدىغان ئاللاھ بار
دۈشمىنىمدىن دوستۇم كۆپ
دەرىت ئەلەمدىن بەختىم كۆپ
ئاجىز كەلسەم ھەر ئىشتا
قولللايدىغان ئاللاھ بار
قلىدىم دوسقا مۇرۇۋەت
دۇشمەنگە ھەم مادارا
مۇناپىقلار ساتسىمۇ
ساتمايدىغان ئاللاھ بار
تاج كەيدۈرەر بىشىڭغا
ئاخىرەتتە جەننەتتە
دۇئا قىلغىن جان ئانا
ئاڭلايدىغان ئاللاھ بار
ئاپتور :چىندىل