查看完整版本: [-- ئاللاھ بار --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> ئاللاھ بار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

arslantikin 2011-10-03 22:32

ئاللاھ بار

ئاللاھ ئۈچۈن ئاتلاندىم
ئىلىم ئىزلەپ جان ئانا
ئەنسىرىمە مىنىڭدىن
ساقلايدىغان ئاللاھ بار
 
يالغۇز ئەمەس مەن ھەرگىز
چۆلدە غىرىپ بولساممۇ
تاپشۇر مىنى خاتىرجەم
ساقلايدىغان ئاللاھ بار
 
قورىقمايمەن ئاخشامدا
ئالۋاستىدىن جىنلاردىن
يالغۇز قالسام كەچلەردە
قوغدايدىغان ئاللاھ بار
 
ئاچ قالدىڭمۇ دىمىگىن
ھەر ئىشلارغا سەۋرەم بار
نەدە بولسام ئاچ قويماي
يوقلايدىغان ئاللاھ بار
 
دۈشمىنىمدىن دوستۇم كۆپ
دەرىت ئەلەمدىن بەختىم كۆپ
ئاجىز كەلسەم ھەر ئىشتا
قولللايدىغان ئاللاھ بار
 
قلىدىم دوسقا مۇرۇۋەت
دۇشمەنگە ھەم مادارا
مۇناپىقلار ساتسىمۇ
ساتمايدىغان ئاللاھ بار
 
تاج كەيدۈرەر بىشىڭغا
ئاخىرەتتە جەننەتتە
دۇئا قىلغىن جان ئانا
ئاڭلايدىغان ئاللاھ بار
 
ئاپتور :چىندىل

ozchin 2011-10-04 00:31
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن  ، ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن
قېرىنداشلار ماڭا ئەل ئەرەبىييەتۇ بەينە يەدەيكە دېگەن كىتاپنىڭ ئەرەپچە تېكىستلىرنىڭ ئاۋازلىق ماتىرىياللىر ۋە ئاۋازلىق تەرجىمە ماتىرىياللىرى لازىمتى ، بولسا ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار ،
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

arzuyum 2011-10-06 00:24
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ،  ھەقىقەتەن ئىسىل مىسرالاركەن .   ھەقنى چۈشەنگەن  ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇلۇغ اللاھ  يىتەرلىكتۇر ...............................


查看完整版本: [-- ئاللاھ بار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.058465 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us