باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 923 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسمىئەزەم دۇئاسى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3083
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 59
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە59دانە
ئۆسۈش: 550 %
مۇنبەر پۇلى: 953 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2011-10-14
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-03 13:51

ئىسمىئەزەم دۇئاسى

مۈشكۈللىكنى ئاسان قىلغۇچى ئىسمىئەزەم دۇئاسى


(ئارۇزغا ئايلاندۇرغۇچى-كىن)

ئىي خۇدا پەرۋەيدىگارا يوقنى بار قىلغىن ئۆزۈڭ،
بارى دىشۋار ھەر بالانى شەرمىسار قىلغىن ئۆزۈڭ.

سىرى-ھېكمەت ساڭا ئايان، زىكرى قەلبىمدىن بايان،
بىرلا سەن تەنھا تامان، دىلدىن سۆيەر قىلغىن ئۆزۈڭ.

بەندىنىڭ ئاجىزلىقى قىسمەتكە قۇل بولماقلىقى،
دەردى پىغان يۇتماقلىقى، سەۋرىدار قىلغىن ئۆزۈۇڭ.

بىر كۇشاد بەرگىن ماڭا رەھمىڭ بىلەن تەدبىر ئارا،
رەھمىتەيلەي سەن رەھىمگە ئىتىبار قىلغىن ئۆزۈڭ.

مۈشكىلى ئاسانىدىن، دىللارغىكى غەمخانىدىن،
جەننەتى-رىزۋانىدىن زەر-قۇت تاپار قىلغىن ئۆزۈڭ.

ئەۋۋەلى سەكرات ئەجەلدىن دىل ئارا ئىماننى سال،
ئاخىرات قەرزىم كۆتۈر، بەھرىڭگە يار قىلغىن ئۆزۈڭ.

بۇ زامان ۋاجىپى-قەرز پەرمانغا بەردار بولمىقىم،
ئىككىلا ئالەم يۈزىدە بەختىيار قىلغىن ئۆزۈڭ.

مەنبە: («قىسسەسۇل ئەنبىيا»نىڭ 114-بېتىدىن ئېلىندى)
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 560
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە560دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7289 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2011-10-18
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-04 10:22

قانداق بىر ئادەم ئاياتۇلكۇرسىنى ئۇقۇسا ئۇ ئادەمگە بىر ساقلۇغۇچى پەرىشتە ھەمرا بۇلىدۇ. ئۇ پەرىشتە ئايەتۇلكۇرسىنى ئۇقۇغان كىشىنى جىن-شەيتانلاردىن مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدۇ.

ئەگەر كىچىلىكى يالغۇز بىرەر يەردە مېڭىشقا توغرا كىلىپ سىزنى قورقۇنۇچ باسسا سىز ئايەتۇلكۇرسىنى ئۇقۇسىڭىز قورقۇنچ سىزدىن كۇتۇلرۇپ كىتىدۇ.

يۇقۇرقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن قارغاندا ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ساۋاب ئۇمىت قىلىپ ھەركۇنى ياتىدىغان چاغدا ئايەتۇلكۇرسىنى ئۇقۇساق شۇ كىچە شەيتان يېقىن كىلەلمەيدىغانلىقى مەلۇم بۇلىدۇ.

چۇنكى بۇ ئايەتتە ئاللاھنىڭ سۇپىتى خېلى مۇكەممەل بايان قىلىنغان

كوكئاي تەخسىر،بۇ ئايەتنى ياتلاۋىلىڭ سىلى بەك خەتەرلىك يەردە كوپ يۇرىيسىلە

ئاللاھۇ لا ئىلاھە ئىللا ھۇ. ئەلھەييۇل قەييۇم. لا تەئخۇزۇھۇ سىنەتۇۋۋەلانەۋم. لەھۇ مافىسسەماۋاتى ۋەما فىلئەرزى . مەنزەللەزىي يەشفەئۇ ئىندەھۇ ئىللا بىئىزنىھى يەئلەمۇ ما بەينە ئەيدىيھىم ۋەما خەلفەھۇم. ۋەلا يۇھىيتۇنە بىشەيئىن مىن ئىلمىھى ئىللا بىماشائە. ۋەسىئەكۇرسىييۇھۇسسەماۋاتى ۋەلئەرزە .ۋەلا يەئۇدۇھۇ ھىفزۇھۇما. ۋەھۇۋەلئەلىييۇلئەزىيم.

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:

{بىر اﷲ دىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ اﷲ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اﷲ نىڭ (مۈلكى) دۇر؛ اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اﷲ نىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ اﷲ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى (يەنى دۇنيادا قىلغان)، كەينىدىكى (يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار اﷲ نىڭ مەلۇماتىدىن (اﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن) باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اﷲ نىڭ كۇرسى (مەلۇماتى) ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان-زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر