باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 789 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شىنجاڭدىكى «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ تەشكىللىنىشى
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1168
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1168دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 12653 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-05-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-03 11:55

شىنجاڭدىكى «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ تەشكىللىنىشى

شىنجاڭدىكى «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ تەشكىللىنىشى

شىنجاڭدىكى «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ تەشكىللىنىشى - [تـــــارىــــــخ]
شىنجاڭدىكى «ئورۇس قوشۇنى» (رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن شىنجاڭغا قېچىپ كېلىپ، جۇڭگو گراژدانى بولغان رۇسلارنى كۆرسىتىدۇ) شىنجاڭنىڭ 30- يىللاردىكى تارىخ سەھنىسىدە ئالاھىدە بىر ھەربىي كۈچ بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ تىيانشاننىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا يۆتكىلىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلغان. «12- ئاپرېل ، سىياسىي ئۆزگىرىشى» گە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىن شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىنلىشىش سىياسىتىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقتىن، بۇ قوشۇن يەنە مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ باشلىقلىرى يا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى قامالغان. تۆۋەندە «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئوينىغان رولى قاتارلىقلار ئۈستىدە توختىلىمىز.



1. «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ تەشكىللىنىشى



1931- يىلى ئەتىيازدا قۇمۇل رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلىڭى پارتلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆزىنى «مىللىي ئىنقىلاب گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى » دەپ ئاتىۋالغان گەنسۇ مىللىتارىسى ماجۇڭيىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا بېسىپ كىرىدۇ. ماجۇڭيىڭ قوشۇنى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ، بارىكۆل، ليۋدۇڭ (قۇمۇل بىلەن يەتتە قۇدۇق ئارىلىقىدا ) قاتارلىق يەرلەردە ئۆلكە قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىدۇ. ئۆلكە قوشۇنىنىڭ نۇرغۇن ئوفىتسېرلىرى ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ. ماجۇڭيىڭ قوشۇنى قۇمۇلغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ، ھەمدە گۇچۇڭغا ھۇجۇم قىلىشقا قوشۇن ئەۋەتىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئۆلكە رەئىسى جىن شۇرېن ماجۇڭيىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سىردىشى، ئىلى بوز يەر ئېچىش ئەلچىسى، قۇشۇمچە ئىلىدا تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ شىجاڭى جاڭپېييۇەننى قوشۇن باشلاپ ئۆلكە مەركىزىگە يۆتكىمەكچى بولىدۇ . ئەمما جاڭ پېييۇەن قوشۇنىنىڭ ئەسكىرى تولۇق بولمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلى ئەسكەر تۇرغۇزۇپ قوغداشقا توغرا كېلىدىغان چېگرىدىكى مۇھىم جاي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلكىگە ياردەمگە كېلىشكە كۈچى ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئۆلكە ئەمەلدارى زۇخۇەنجاڭ جىن شۇرېنغا ئەقىل كۆرسىتىپ، «چار رۇسىيىنىڭ ئورۇس ئەسكەرلىرىنى قوشۇنغا ئاستىرتتىن قوبۇل قىلىپ»، ئۇلارغا «كۆپلەپ مائاش بېرىپ، ئۇلارنى قاراقچىلار بىلەن ئېلىشىشقا ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتسەك» [1] دېگەن تەكلىپنى بەرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئورۇس ئوفىتسېرى بانزىنمۇ جىنشۇرېنغا مەكتۇپ سۇنۇپ، قوشۇنغا كىرىپ خىزمەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان[2]. جىن شۇرېن مەسلىھەتچىلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، ئىلى رايونىدىكى شىبە، موڭغۇل قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئەسكەر قوبۇل قىلغاندىن سىرت، رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىلى رايونىغا قېچىپ كەلگەن «ئوبدان تەربىيىلەنگەن ، نۇرغۇن ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن» ئورۇس ئوفىتسېر، ئەسكەرلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. 1931- يىلى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى جىن شۇرېن جاڭ پېييۇەنگە تېلېگرامما بېرىپ، ئۇنىڭغا ئورۇس ئەسكەرلىرىنى تېزلىكتە يىغىپ، ئۇلارنى خىزمەت كۆرسىتىشكە ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىش بۇيرۇقىنى بىرىدۇ. جاڭ پېييۇەن تېلېگراممىنى ئالغاندىن كېيىن، ئورۇس ۋاتكىن، بابپىنگورت قاتارلىق ئادەملەر ئارقىلىق ئىلى رايونىدىكى ئورۇسلارنى توپلاشقا دەرھال كىرىشىدۇ. جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى ئۆزىگە لازىملىق ئايروپىلان ، توپ-زەمبىرەكلەرنى سوۋېتتىن ئالماقچى بولغاچقا، بۇ ئىش تۈپەيلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن زىتلىشىپ قېلىشنى خالىمايتتى. شۇڭا «رومانوۋ خاندانلىقىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيۋاتقان» بۇ بىر تۈركۈم سوۋېتكە قارشى ئۇرۇسلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش ئىشى مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ ئىشنى غۇلجىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسىدىكىلەرگە بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن، ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغان ئورۇسلار شەھەر سىرتىغا توپلاندى. ئاندىن ئۇلار شىنجاڭ ئۆلكە قوشۇنىدىكىلەرگە ئوخشاش ھەربىي كىيىم كىيىپ، يېڭى قوبۇل قىلىنغان شىبە، موڭغۇل ئەسكەرلىرى ئىچىگە قوشۇۋېتىلدى [3]، ئۇلار يەنە جىن شۇرېننىڭ «ياتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن شەھەرگە كىرمەسلىك» دېگەن تېلېگرامما يوليورۇقىغا بىنائەن، مەخپىي ھالدا ئۈرۈمچىگە قاراپ ئاتلانغان. جىن شۇېرننىڭ «ياتلار» دېگىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆرسىتەتتى.

جىن شۇرېننىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن، ئورۇسلار ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مائاشى خېلى يۇقىرى بېرىلگەن . (ئۇلارنىڭ مائاشى ئۆلكە قوشۇنىدىكىلەردىن 1، 2 ھەسسە يۇقىرى، ئادەتتىكى ئورۇس ئەسكىرىنىڭ مائاشى ئۆلكە قوشۇنىدىكى جۈنۋېي دەرىجىلىك ئوفېتسىرنىڭكىگە تەڭ بولغان). ئىلىدىن يولغا چىقىش ئالدىدا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە يەنە ئائىلىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىراجىتى بېرىلگەن . قوشۇنغا قوبۇل قىلىنغان ھەربىي تېخنىكىنى بىلىدىغان ئورۇس ھەربىيلەرگە جىن شۇرېن تېخنىڭ، تەربىيىچى دەپ نام بېرىپ، ئۇلارغا يۇقىرى تەمىنات بەردى. مەسىلەن: بۇدىنكى پىلىموت ئەترىتىنىڭ باش مەشىقاۋۇللىقىغا ، كۆزونىستوۋ زەمبىرەك ئەترىتىنىڭ باش مەشىقاۋۇللىقىغا تەيىنلەندى. ئۇلارنىڭ ئايلىق مائاشى 300 سەر ئۆلكە پۇلى دەپ بەلگىلەندى [4].

شۇ قېتىم ئەسكەرلىككە ئېلىنغان ئورۇس ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ھازىر بەزىلەر 2000 ئىدى دېسە، يەنە بەزىلەر ئۈچ تۇەن ئادەم دەۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ ئەمىلى سانى يۇقىرىدا دېيىلگەندىن خېلى ئاز ئىدى. جىن شۇرېن ئەسلىدە قوشۇنغا 500 ئادەم ئالماقچى بولغان. 1931- يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى بىرىنچى تۈركۈم ئورۇس ئەسكەرلىرىدىن 131 كىشى ئىلىدىن ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن[5]، جىن شۇرېن جاڭ پېييۇەنگە «300-400 ئادەم بولسىلا كۇپايە، 500 نى ئېلىش ھاجەتسىز» دەپ تېلېگرامما بىرىدۇ[6]. ئىككىنچى تۈركۈم ئورۇس ئەسكىرىدىن 70 كىشى 1931- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى ئىلىدىن ئۈرۈمچىگە يولغا چىققان [7]. بۇ ئىككى تۈركۈم كىشىلەرنى قوشساق ئاران 201 ئادەم بولىدۇ . ئۇنىڭغا يەنە باشقا جايلاردىن ئېلىنغان ئورۇس ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، مەشىقاۋۇل ، تېخنىڭ قاتارلىقلارنى قوشقاندا جەمئىي 300 نەچچە كىشىگە يىتىدۇ.

1931- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى جىن شۇرېن جاڭ پېييۇەننى «شەرقىي يۈنۈلۈش باندىتلارنى باش قوماندانى »، شېڭ شىسەينى شتاب باشلىقى، ليۇرۇڭشېڭ، جەن شىكۇي، ئاداۋدېلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1-، 2-، 3- يول باندىتلارنى تازىلاش قوماندانى قىلىپ رەسمىي تەيىنلىدى. ئۇلار قوشۇن باشلاپ قۇمۇلغا ياردەم بېرىشكە ماڭدى. شۇلار بىلەن بىللە ياردەمگە ماڭغان ئورۇس قوشۇنى ئىككى ليەن قىلىپ تەشكىللەندى. ئۇلار سىرتقا ئورۇس قوشۇنى دەپ ئاتالماي، «زەربىدارلار ئەترىتى» دەپ ئاتالدى. بابپىنگورت بۇ ئەترەتنىڭ باشلىقى بولدى. «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»دا: ئەينى ۋاقىتتا «باندىتلارنى يوقۇتۇش باش شتابىنىڭ قارمىقىدا تۆت يول قومانداننى بەلگۈلىدى. 4- يول قوماندانى بابپىنگورت »؛ 1932- يىلى جىنشۇرېن شىڭ شىسەينى «شەرقىي يولنىڭ باندىتلارنى يۇقۇشۇش باش قوماندانى قىلىپ تەيىنلىدى، ئۇنىڭ قىسمى تۆت يولغا بۆلۈندى، 4- يولنىڭ قوماندانى يەنىلا بابپىنگورت » دەپ خاتىرىلەنگەن. (3- قىسىم، ئۇيغۇرچە 283-291- بەتلەر). بۇ توغرا ئەمەس. 1931- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى جىن شۇرېن جاڭ پېييۇەنگە بەرگەن ۋەزىپىگە تەيىنلەش تېلېگراممىسىدا: «1-، 2-، 3- يول قوماندانلىرىنى ۋە زاپاس ئەترەت قارمىقىدىكى قوشۇنلارنى جاڭ پېييۇەن باشقۇرىدۇ، يۆتكەيدۇ» [8] دېيىلگەن. بۇ چاغدا ماجۇڭيىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى ئۈچۈن ئاساسى قوشۇنىنى خېشىغا چېكىندۈرۈپ كەتكەن ئىدى. شەرققە ياردەم بېرىش قوشۇنى پەقەت فاماتاڭدا ماجۇڭيىڭ قوشۇنى بىلەن بىر قېتىم ئېلىشقان، «ئورۇس قوشۇنى » تۇنجى ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىپ، ماجۇڭيىڭ قوشۇنىنىڭ ھىماتچىسى قارا ئاتلىق ئەترەتنى مەغلۇپ قىلغان.

فاماتاڭ ئۇرۇشىدىن كىيىن قۇمۇل مۇھاسىرىدىن قۇتۇلدى. جاڭ پېييۇەن 1931- يىلى11- ئايدا جىن شۇرېننىڭ تېلېگرامما بۇيرۇقىغا بىنائەن ئورۇس قوشۇنىدىكىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئىلىغا قايتۇرۇۋەتتى. قېپقالغان 120-130 دەك ئادەمنى بىر ليەن قىلىپ تەشكىللىدى [9]. شۇنىڭدىن كېيىن جىن شۇرېن جاڭ پېييۇەننى «شەرقىي يۈنۈلۈش باندىت تازىلاش باش قوماندانى » لىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، تارباغاتاي ۋالىيسى لى خەيرۇنى قۇمۇل گارنىزونىنىڭ قوماندانلىقىغا ھەمدە قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ شىجاڭلىقىغا تەيىنلەپ، قۇمۇلدا كۆتۈرۈلگەن جىن شۇرېنغا قارشى قۇراللىق قوزغىلاڭنى بېسىقتۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى. لى خەيرۇ ھەربىي ئىشلاردىن خەۋەرسىز بولغاچقا، جەڭلەردە ئۇدا مەغلۇپ بولدى. جىن شۇرېن خەۋپلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن شەرقىي يول باندىتلارنى تازىلاش قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى شىڭ شىسەينى شەرقىي يول باندىتلارنى تازىلاش باش قوماندانى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. شىڭ شىسەينىڭ قوماندانلىقىدىكى قوشۇن يەنىلا ئۈچ يولغا بۆلۈنگەن ئىدى. 1933- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنىگە كەلگەندە، شىڭ شىسەي جىن شۇرېنغا تېلېگرامما يوللاپ، پىچاننى قوغداۋاتقان ئۆلكە قوشۇنىنىڭ تۇەنجاڭى لى زۇشياڭنى 4- يولنىڭ قوماندانى ، باش ئەترەت باشلىقى ۋاڭ شياڭروڭنى مۇئاۋىن قوماندانى قىلىشقا تەكلىپ بىرىدۇ [10]. لى زۇشياڭ بىلەن ۋاڭ شياڭرۇڭنىڭ قوشۇندىكىلەر ئورۇسلار ئەمەس ئىدى، بابپىنگورتمۇ 4- يول قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولمىغان.

«شىڭ شىسەي شىنجاڭ ھاكىمىيىتىنى قانداق تارتىۋالغان» دېگەن ماقالىدىكى: 1931- يىلى 8- ئايدا جىن شۇرېن «ئەمدىلا تەشكىللەنگەن ئورۇس قوشۇنىدىكى بابپىنگورتقا ئۈچ تۇەن ئەتلىق ئەسكەرنى باشلاپ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلىش» قا بۇيرۇق چۈشۈردى دېگەن سۆز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماي قالغان. 1931- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى بابپىنگورت ئىلىدىن ئاتلىق تاغ يولى بىلەن ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ يولغا چىققان بولۇپ ، ئۈرۈمچىگە تېخى بارالمىغان تۇرسا، قۇمۇلغا يۈرۈش قىلىشى مۇمكىن ئەمەستە، 300 نەچچە كىشىنى ئۈچ تۇەن قىلىپمۇ تەشكىللىگىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.



2. ئورۇس قوشۇنىنىڭ ئاساسىي پائالىيەتلىرى



1932- يىلى تۇرپان قاراغۇجىدا دېھقان مەخسۇم قاتارلىقلار جىن شۇرېنغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. «ئورۇس قوشۇنى» شىڭ شىسەينىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ. ئىككى تەرەپ لۈكچۈندە بىر كۈن قاتتىق جەڭ قىلىدۇ. قوزغىلاڭچى خەلق ئاخىرى قوراللىرى خىل «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالماي ئېغىر زىيان-زەخمەتكە ئۇچرايدۇ. مەخسۇممۇ قۇربان بولىدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي، مەخسۇمنىڭ ئىنىسى مەخمۇت يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ ھەمدە خوجىنىياز ھەم ماجۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدىكى ماشىمىڭ بىلەن بىرلىشىپ پىچان، تۇرپان، قارا شەھەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئىشغال قىلىدۇ. ئۆلكە قوشۇنىنىڭ لۈيجاڭى شيۇڭ فايۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنى ساراسىمىگە سالىدۇ. جىن شۇرېن يەنە شىڭ شىسەينى «ئورۇس قوشۇنى» ۋە سوۋېت ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرگەن شەرقىي شىمال پىدائىيلار قوشۇنىنى باشلاپ، ئۇلارنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېلىشىدۇ، ئاخىرى ماشىمىڭ قاتارلىقلار مەغلۇپ بولىدۇ .

ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش جەريانىدا ئورۇس بابپىنگورتنىڭ نامى چىقىپ «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ سەركەردىسى بولىدۇ . ئۇ رۇسىيە ۋالىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ ، رۇسىيە توپچى ئەسكەرلەر مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. دۇتوۋ قوشۇنىدا شتاب باشلىقى، تۇەنجاڭ بولغان» ئىدى[11]. ئۇ شىنجاڭدا يېغىلىق بولۇشتىن ئىلگىرىلا جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلغان. غۇلجا-چۆچەك تاش يولىنى لاھىيلەشكە ياردەملەشكەن. «ئورۇس قوشۇنى» نى تەشكىللەشتە ئالاھىدە رول ئوينىغان. 1932- يىلى 7- ئايدا قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى، قۇمۇل گارنىزون قوماندانلىق شتابىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. «ئورۇس قوشۇنى» لۈيگە ئۆزگەرتىلگەندە، بابپىنگورت لۈيجاڭ بولغان. گرۇمكىن ئىسىملىك يەنە بىر ئورۇس چار رۇسىيىنىڭ قانۇن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن سودىگەرچىلىك قىلىپ نۇرغۇن مال-دۇنياغا ئېرىشكەن، ئۇ ئۆلكىلىك تاش يول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇمۇ «ئورۇس قوشۇنى» نى تەشكىللەش سەۋەبىدىن شىنجاڭنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى مۇھىم ئەربابلاردىن بولۇپ قالغان.

1933- يىلىنىڭ بېشىدا ماجۇڭيىڭ شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم كىرىدۇ. ئۆلكە قوشۇنى بەزىدە مەغلۇپ بولىدۇ ، بەزىدە ئۆز جايلىرىنى تەسلىكتە ساقلاپ قالىدۇ. ئورۇش ئوتى ناھايىتى تېزلىكتە ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچىگە تۇتىشىدۇ. شۇڭا جىن شۇرېن قايتۇرۇۋېتىلگەن ئورۇس ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغاندىن باشقا، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا ئورۇسلاردىن كۆپلەپ ئەسكەر ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ. 1933- يىلى 2- ئايغا قەدەر ئىلىدىنلا 500 دىن ئارتۇق كىشى ئەسكەرلىككە ئېلىنىدۇ [12]. بۇ ئورۇسلار ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، شەھەر قوغداش قوماندانلىق شتابى ئۇلارنى ۋاقىتلىق «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ .ئاتلىق ئەسكەرلار 1- تۇەنى، 2- تۇەنى قىلىپ تەشكىللەيدۇ. ئۇلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا موگتىنوۋ بىلەن ئانتانوۋ تۇەنجاڭ بولىدۇ . 1933- يىلى 2- ئايدا ئۆلكە قوشۇنىنىڭ ئالى مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بابپىنگورت قاتارلىقلار جىن شۇرېنغا «ئورۇس قوشۇنى» نى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنۇپ، جىن شۇرېننىڭ تەستىقىغا ئېرىشىدۇ [13]. 1933- يىلى 3- ئاينىڭ 7- ۋە 8- كۈنلىرى قۇرال-ياراق ئىدارىسى «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ ئاتلىق 1-، 2- تۇەنلىرىگە بىردىن تامغا ئويدۇرۇپ بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ نامى رەسمىي ئاشكارىلىنىدۇ [14]. ئۇزۇن ئۆتمەي «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ ئاتلىق قوشۇنى قۇرۇلىدۇ ھەم بۇ ئۈچ تۇەن، بىر لۈي قىلىپ تەشكىللىنىدۇ. ئۇلارغا بابپىنگورت قوماندان بولىدۇ . بۇ چاغدا بۇ لۈيدە جەمئىي 1500 دىن ئارتۇق ئادەم بار ئىدى [15].

«ئورۇس قوشۇنى» نىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ جىن شۇرېن بىلەن بولغان زىدىيىتىمۇ كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. جىن شۇرېننىڭ ئورۇسلارنى ئىشلىتىشى ماجۇڭيىڭ قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ۋاقىتلىق تەدبىرى بولۇپ ، بۇ تارىختىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ياتلار ئارقىلىق ياتلارنى بابلاش سىياسىتىنىڭ داۋامى ئىدى. جىن شۇرېن قاتارلىقلار «ئورۇسلاردا سوۋېتتىن ئىنتىقام ئېلىش نىيىتى بارلىقىنى، ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ ئۇلاردىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىش لازىملىقىنى»، ئۇلارنىڭ «قورال-ياراقلارنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، بىزنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى» نىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىملىقىنى ياخشى بېلەتتى [16]. جىن شۇرېن بىلەن «ئورۇس قوشۇنى» بىر بىرىگە زادىلا ئىشەنمەيتتى. ئورۇسلا ئىلى قاتارلىق جايلاردىن ئۆلكە مەركىزىگە ماڭغاندا پۈتۈنلەي قۇرۇق قول بولۇپ ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن جەڭگە قاتنىشىشتىن بۇرۇنلا قورال-ياراق تارقىتىلغان ئىدى. 1933- يىلى 2- ئايدا ئىلىدىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ بىر قىسمىغا يول بويلىرى تىنچ بولمىغاچقا، ئىلىدا تۇرۇشلۇق قوشۇن قورال تارقىتىپ بەرگەن ئىدى. جىن شۇرېن بۇنىڭدىن ۋاقىپلىنىپ، ئۇلار ئۆتىدىغان بارلىق ناھىيىلەرگە: «بۇ قېتىم يۆتكەلگەن ئورۇس قوشۇنىغا قورال تارقىتىپ بېرىلگەن ، شۇڭا بارلىق شەھەرلەر ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىشى، ئۇلارنى تۇرغۇزماسلىقى كېرەك . سىرتتىن كەلگەن قالدۇق باندىتلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ ئويلىمىغان يەردىن زىيان سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم» [17] دەپ تېلېگرامما يوللايدۇ. ئۇرۇش داۋامىدا «ئورۇس قوشۇنى» ئۆتكەنلىكى ناھىيىلەر ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلاردىن ئىنتايىن پەخەس بولۇش توغرىسىدىكى مەخپىي تېلگراممىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

بابپىنگورت باشچىلىقىدىكى قوشۇن قۇمۇلدا تۇرغاندا كىچىككىنە بىر ئىش توغرىلىق جىن شۇرېننىڭ تەرگاۋ قىلىشىغا ئۇچرىغاچقا، ئورۇس ئوفىتسېرلىرىنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىدۇ [18]. ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئورۇس قوشۇنىدىكىلەرنىڭ مائاشىمۇ ۋاقتىدا بىرىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىر قېتىم بابپىنگورت جىن شۇرېننىڭ يانىغا مائاش تەلەپ قىلىپ بارغاندا، جىن شۇرېن مائاش بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇنى تىللاپ يولغا سالغان. بابپىنگورت بۇنى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ھاقارەت دەپ بىلگەن. بابپىنگورت قاتارلىق ئورۇس ئوفىتسېرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ما جۇڭيىڭ، خوجانىياز قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى چۈشىنەتتى. ھەم جىن شۇرېندىن نارازى ئىدى. داۋاملىق جىن شۇرېن ئۈچۈن كەتمەن چاپسا چۆل-جەزىرىلەردىكى جەڭگاھتا ئۆلۈدىغانلىقىنى، ئەگەر بەختكە يارىشا ما جۇڭيىڭ قاتارلىقلارنى مەغلۇپ قىلالىسا، يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بېلەتتى . شۇڭا ئۇلار ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئالدىراپ، ئۆز كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ۋە زورايتىشنى ئۈمىد قىلاتتى.

ما جۇڭيىڭ ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭغا كىرگەندىن كىيىن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ زىددىيەت تۇغۇلدى. ئۈچ ئەزىمەت – چىن جۇڭ، تاۋمىڭيۆ، لى شياۋتيەن قاتارلىق كىشىلەر رۇس تىلىنى پىششىق بىلىدىغان لى فىڭشياڭ، جاۋدېشۇلارنى بابپىنگورت ، گرۇمكىن بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئەۋەتىپ، «ئورۇس قوشۇنى» نى جىن شۇرېنغا قۇراللىق قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. ئەينى چاغدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە كاتىپ بولغان چىن فىننىڭ ئەسلىشىچە، ئۈچ ئەزىمەت ئورۇسلارغا تۆۋەندىكىدەك ۋەدىلەرنى بەرگەن: بىرىنچى ، كەلگۈسىدە رۇسلارنىڭ ئائىلە تاۋاپىئاتلىرى شەھەردە ياكى يېزىدا ئولتۇراقلىشىپ، خالىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ . ئىككىنچى ، «ئورۇس قوشۇنى» جۈن قىلىپ كېڭەيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق قوشۇنى بولىدۇ . ئۈچۈنجى، جىن شۇرېننىڭ مال-مۈلۈكىنى خالىغانچە ئالسا بولىدۇ [19]. بۇرۇنلا جىن شۇرېندىن نارازى «ئورۇس قوشۇنى » بۇنداق شەرتلەر بىلەن بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ئېرىشكەندىن كىيىن، چېن جۇڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، جىن شۇرېنغا قارشى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسىي كۈچىگە ئايلاندى. چېن جۇڭ قاتارلىقلار ئالدىنئالا ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئۆلكە قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى يۆتكىۋىتىدۇ. 1933- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ نەنلياڭ رايونىدا تۇرۇشلۇق «ئورۇس قوشۇنى » تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، دوبەن مەھكىمىسىنى تېزلىكتە ئىگىلەپ، جىن شۇرېننى قوغلىۋىتىدۇ. شۇ كۈنى كېچىسى مائارىپ نازىرى ليۇۋېنلوڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «ئورۇس قوشۇنىنى» نىڭ شىتاۋىدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نازىرلىرى ۋە ھەرقايسى ساھە زاتلىرى قاتناشقان يىغىن ئېچىلىدۇ. بابپىنگورت ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ: «بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىش ئامالسىزلىقتىن بولغان، جىن دوبەننىڭ شىنجاڭنى ئوڭشاشقا ھەقىقەتەن مادارى يەتمىدى. كۆز ئالدىمىزدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتسەك، خەلق ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ. قوشۇنىمىز خەلقنى قۇتقۇزۇش يولىدا قوزغىلاڭ ۋاستىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى» [2] دەيدۇ. بابپىنگورتنىڭ بۇ سۆزلىرى مۇبالىغە بولسىمۇ، لېكىن «12- ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نىڭ غەلىبىسى جىن شۇرېننىڭ شىنجاڭدىكى نەچچە يىللىق مىلىتارىستلىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلىپ ، شىنجاڭنىڭ ئۇرۇش مۇئەللىمانچىلىقىغا يەنىمۇ چوڭقۇر پېتىپ قالماسلىقىغا شارائىت ھازىرلىدى. سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن قۇرۇلغان ۋاقىتلىق كومىتېتقا ھەربىي، سىياسىي، مائارىپ، سودا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەربابلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، موڭغۇل، شىبە، خۇيزۇ، رۇس مىللەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. بۇ جىن شۇرېن زامانىسىدا پەقەت ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىش ئىدى. (دەرۋەقە، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى، ۋاڭ-گۇڭ، ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىك خەرەكتىرىمۇ چەكلىك ئىدى). شۇنىڭ بىلەن بىللە «12- ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» شېڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلىپىدە بىر قەدەر ئىلغار بولغان ئالتە بۈيۈك سىياسەتنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلۇشى ۋە يولغا قويۇلىشىغا شارائىت ھازىرلىغان. شۇڭا تارىخىي ماتېرىيالىزملىق نۇختىنەزەرنى چىقىش قىلىپ،«ئورۇس قوشۇنى» قاتناشقان ھەم خېلى زور رول ئوينىغان «12- ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نى ئاددىي ھالدا بىر قېتىملىق ھوقۇق تالىشىش دەپ قارىماستىن، بەلكى ئۇنى شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئىلغار ھەرىكەت دەپ قارىشىمىز لازىم. «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتنىشىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن قىلىنغان بىر ياخشى ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

4- ئاينىڭ 13- كۈنى شىڭ شىسەي ئۆزگىرىش خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئۈ ئۈرۈمچىگە تېز قايتىپ كېلىدۇ . ئۇ قوشۇننى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي – يىپاۋچېڭگوڭغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى كۈزۈتۈپ تۇرىدۇ. بابپىنگورت شىڭ شىسەي بىلەن ۋەزىيەت توغرىسىدا مەخپىي سۆزلەشكىلى كەلگەندە «شىڭ شىسەي بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئالدى بىلەن بابپىنگورتنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالىدۇ» [21]. 4- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچتە ۋاقىتلىق ئامانلىقنى قوغداش ھەيئىتىنىڭ يىغىنىدا، بابپىنگورت تۇيۇقسىز: «شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىملاشمىدى، قوماندان شىڭ شىسەي ھەربىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقىلى بىر قانچە يىل بولدى، نەتىجىمۇ ياراتتى، شۇ ۋاقىتلىق دوبەنلىككە سايلانسا، سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كىيىن قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھەربىي كومىتېت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا» [22] دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا يىغىن زالىنىڭ ئەتراپىدا «ئورۇس قوشۇنى» دىكىلەر ۋە شىڭ شىسەينىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن نۇرغۇن كىشى قاراۋۇللۇقتا تۇرغان. ئۆگزىلەردە بىر نەچە پىلىموتلار تىكلىنىپ تۇرغان. كۆپچىلىك ئاخىرى «شېڭ شىسەينى دوبەنلىككە سايلاشقا مەجبۇر بولغان» [23]. شۇنداق قىلىپ شېڭ شىسەي «12- ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» دە ئەڭ زور نەپكە ئېرىشكەن .

«12- ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» دىن كېيىن، «ئورۇس قوشۇنى» بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتنىشىدۇ. 1933- يىلى 9- ئايدا ماجۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدىكى ماشىشۈي دۇربىلجىن، چۆچەكلەردە پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرىدۇ. «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ تۇەنجاڭى خرۇۋىسكى دەرھال قوشۇن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن چۆچەككە ياردەمگە بارىدۇ. ماشىشۈي ماناس ئەتراپلىرىغا قېچىپ كېتىدۇ. خرۇۋىسكى باشچىلىقىدىكى ئورۇس قوشۇنى ماشىشۈي قوشۇنىنى جىمسارنىڭ جەنۇبىدىكى تاغقىچە قوغلاپ بېرىپ، ماشىشۈينى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن خرۇۋىسكى شەھەر ئىچىدىكى قالدۇق دۈشمەنلەرنى ئاقتۇرىۋاتقاندا ئوق تىگىپ ئۆلىدۇ. 1933- يىلى 12- ئايدا ئەينى ۋاقىتتا سلاۋچى ئەلچى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بورھان شەھىدى چۆچەكتە ئۇرۇسلاردىن بىر تۇەن ئەسكەر ئالىدۇ. بۇنىڭغا ئىۋانوف تۇەنجاڭ بولىدۇ .



3. «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ ئاقىۋىتى



شىڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەسلەپكى چاغلاردا، يۇقىرىغا نىسبەتەن جياڭ جيېشىدىن ئۆزىنى رەسمىي ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى تەمە قىلسا، ئىچكى جەھەتتە قورال كۈچى ئارقىلىق ماجۇڭيىڭ، جاڭ پېييۇەنلەرنىڭ كۈچلىرىنى بېسىقتۇرۇپ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئورۇنلىدى . شىڭ شىسەينىڭ ئەسكىرى ئەسلىدىنلا ئاز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆلكە قوشۇنىدىن قورقاتتى. شەرقىي شىمال ئارمىيىسى بىلەن جاڭ پېييۇەننىڭ ئالاقىسى بولغاچقا، ئۇلارغا زىيادە تايىنىۋېلىشقىمۇ پېتىنالمايتتى. شۇڭا ئۇ «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ ئەمىلى كۈچىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىدى. شۇ ۋەجدىن ئۇ بابپىنگورت قاتارلىقلارغا ياغلىما گەپلەرنى قىلىپ، ئۇلاردىن ھال-ئەھۋال سورايدۇ. يەنە تارباغاتاي، ئالتايلارغا بەشمىڭ ئورۇسنى تېزلىكتە ئۆلكە پۇقراسى قىلىش توغرىسىدا تېلېگرامما بىرىدۇ. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى رەسمىي ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسچە ئەمەلدار ئەۋەتىپ ئۇنىڭدىن ھوقۇق تارتىۋالماقچى بولىدۇ . شۇڭا شېڭ شىسەي سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە ئورنىتىدۇ. سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئەمىلى ھوقۇقدارلىرى بىلەن بولغان قىسمەن خارجى ئىشلار مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئىزچىل تۈردە تىرىشىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن ئورۇسلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگىمۇ ناھايىتى دىققەت قىلىپ كىلىۋاتاتتى. بولۇپمۇ 1932- يىلى يازدا، ئالتاي رايونىدىكى ئورۇسلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاراۋۇلخانىسىغا كەڭ-كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىغاندىن كىيىن، سوۋېت ھۆكۈمىتى «ئورۇس قوشۇنى» نى چوڭ بىر يوشۇرۇن ئاپەت دەپ ھېسابلاپ ، ئۇنىڭ سىياسىي ساھەگە قول تىقىشىدىن، سوۋېتكە قارشى كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى. شېڭ شىسەينىڭ ياردەم قىلىش تەلىپىگە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ناھايىتى تېزلىكتە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياردەم قىلىشنىڭ كونكرېتنى ئۇسۇلىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يېڭى تەشكىللەنگەن رۇس قوشۇنىدىكى ئونمىڭ كىشىنى قۇراللاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇلى سوۋېت ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەي قوشۇنىدا ئورۇسلارنىڭ كۆپ بولۇپ كىتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ. ئاخىرى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى قوشۇن چىقىرىپ ماجۇڭيىڭ، جاڭ پېييۇەن بىلەن بولغان جەڭگە قاتنىشىدۇ. «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ ئادىمىنى كۆپەيتىلمەيدۇ دەپ كېلىشىم تۈزىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت شېڭ شىسەيگە ئەگىشىپ جەڭ قىلغان ھەمدە شېڭ شىسەينى تەختكە چىقارغان «ئورۇس قوشۇنى» شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىنلىشىش سىياسىتىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالىدۇ.

1933- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى شېڭ شىسەي زىياپەت بېرىش نامى بىلەن شەرقىي شىمال ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىنى ماجۇڭيىڭ، جاڭ پېييۇەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شېڭ شىسەينى ئاغدۇرماقچى بولدى دېگەن بەتنام بىلەن تۇتقۇن قىلىدۇ. بابپىنگورت ، گرۇمكىن ھەمدە ئورۇس قوشۇنىنىڭ ئۈچ تۇەنجاڭىمۇ تۇتقۇن قىلىنىدۇ. بابپىنگورت تۇتقۇن قىلىنغاندىن كىيىن شېڭ شىسەي ئورۇس ئوفىتسېرى بىكتىيىۋنى «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ لۈيجاڭلىقىغا تەيىنلەيدۇ. ھەمدە تارباغاتايدىكى «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ بىر تۇەن ئەسكىرىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەيدۇ. ئۇنىڭغا بىكتىيىۋ بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدۇ.

1934- يىلنىڭ باشلىرىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى ئالتاي قوشۇنى دېگەن نام بىلەن شىنجاڭغا كىرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. 2- ئايدا ئۈرۈمچى قورشاۋدىن قۇتۇلغاندىن كىيىن بىكتىيىۋ قوماندانلىقىدىكى «ئورۇس قوشۇنى» شەرقىي شىمال ئارمىيىسى ۋە ئۆلكە قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىپ، ماجۇڭيىڭغا قوغلاپ زەربە بىرىدۇ. ماجۇڭيىڭ ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ ، پۇت تىرەپ تۇرغىدەك يەر تاپالماي قەشقەر ئارقىلىق سوۋېتكە قېچىپ كېتىدۇ. شىنجاڭدىكى ئۇزۇن يىللىق يېغىلىق شۇنىڭ بىلەن ئاياقلىشىدۇ. «ئورۇس قوشۇنى» يېغىلىقنى تىنجىتىپ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تۆھپە قۇشۇدۇ.

1934- يىلى قوشۇن تەرتىپكە سېلىنغاندا، مىڭدىن ئارتۇق «ئورۇس قوشۇنى» نىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىدىن ئاز بىر قىسىم ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى مەمۇرىي ئورۇنلارغا ئالماشقاندىن سىرت، كۆپ قىسىم ئوتتۇرا، تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ۋە ئەسكەرلەر ئىلى، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارغا قايتىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ساۋەن قاتارلىق ناھىيىلەرگە بوزيەر ئېچىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ھەمدە ئۇلارغا دەرىجىسىگە قاراپ راسخۇد بىرىلىدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يەر، مال-چارۋا بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ۋە كەسپىي تېخنىكىغا ئىگە بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشىدۇ، ھەمدە رەسمىي جۇڭگو گراژدانى بولىدۇ . 1935- يىلى شىنجاڭدا 2- قېتىملىق خەلق ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىلغان، بۇ يىغىندا شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئايرىلىشى ۋە ناملىرى توغرىسىدا كونكىرىت بەلگىلىمىلەر چىقىرىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رۇسلا شىنجاڭدىكى 13 مىللەتنىڭ قاتارىدا ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان.

ئىزاھلار:

[1][10] «ماجۇڭيىڭ شىنجاڭدا»، ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپ ئىدارىسى تۈزگەن.

[2] ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپ ئىدارىسىدا ساقلىنىۋاتقان 2-2-814 ئارخىپ.

[3][6] ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپ ئىدارىسىدا ساقلىنىۋاتقان 2-2-813 ئارخىپ.

[4][5][7][8][9][11][12][13][14][15][16][17][18] ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپ ئىدارىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلاردىن ئېلىندى.

[19] «چېڭ فېڭ ئەسلىمىلىرى» ، ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىپ ئىدارىسىدا ساقلىنىۋاتقان 1-7-156 ئارخىپ.

[20][21][22][23] جۇدۇڭجياۋ «شىنجاڭدىكى ‹12-ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى› »، «غەربىي شىمال مىللەتلەر دىن تارىخى ماتېرىياللىرى »، شىنجاڭ قىسمىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە قاراڭ.

مەنبە سىياسەت بلوگى


http://siyaset.blogbus.com

سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى