باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 12108 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مۇشائىرىگە قېتىلىڭ: «گۇناھ خاتىرىسى» ئىزىدىن
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 819
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە819دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9551 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-03-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 23:13

مۇشائىرىگە قېتىلىڭ: «گۇناھ خاتىرىسى» ئىزىدىن

ئەسكەرتىش: بۇ يازما gayrat828 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-10-04)
«گۇناھ خاتىرىسى» ناملىق شېئىرنىڭ ئىزىدىن

  پەخىرلىك يازغۇچىمىز مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 58 ياشقا كىرگەن چېغىدا، ئۆتكەن ئۆمرىنى خۇلاسىلەپ «ھىدايەتنامە» ناملىق شېئىرىنى يېزىپ چىققان ئىدى. بۇ شېئىر توردا ئېلان قىلىنىشى بىلەن تورداشلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىش قوزغىغانىدى. ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ تېتىملىق يازمىلىرى بىلەن تورداشلارنى ھەيرەتتە قالدۇرغان داڭلىق يازغۇچىمىز مەڭگۈتاش(ئوسمان زاھىر) ئەپەندى ئۆزىنىڭ 38 يىللىق ئۆمرىنى خۇلاسىلەپ يازغان « گۇناھ خاتىرىسى» ناملىق شېئىرىنى مىسرانىم مۇنبىرىگە چىقاردى. ئۇ شېئىر خۇددى «ھىدايەتنامە» دەك ئېسىل ئەسەر ئىدى. ئەپسۇس، بۇ تېمىغا تورداشلار ئانچە پەرۋا قىلمىدى. بىر كۈندىن كېيىن قارىسام بۇ تېمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 160 كىمۇ يەتمىگەنىدى. ئەمما، ئۇنىڭدىن كېيىن يوللانغان « مۇشائىرە قىلىشىپ باقايلى» دېگەن تېما باشقىچە قىززىپ كەتتى. تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرگە دېققەت ئىتىبارىنى قاراتمىغانلىقى مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.
شۇنىڭ بىلەن، بۇ شېئىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسراسىنى باشلاپ مۇشائىرە قىلىش ئارقىلىق، يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرماقچى بولدۇم. ھەر بىر قېتىم تورغا چىققاندا بىر كۇبلىتتىن مۇشائىرە شەكلىدە يېزىپ قويۇش ئارقىلىق يازمىنىڭ باش بەتتە كۆرۈنۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. شۇنچە قىلغان بولساممۇ يەنىلا ئۇ يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 400 گەيەتمىدى، شۇنداقتىمۇ، ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق ئۆزۈممۇ تۇيمايلا يامان ئەمەس بىر پارچە شېئىرنى يېزىپ بوپتىمەن. شۇڭا بۇ شېئىرغا « ‹گۇناھ خاتىرىسى› ئىزىدىن» دەپ ماۋزۇ قويدۇم:
مەڭگۈتاش ئەپەندىنىڭ «گۇناھ خاتىرىسى» ناملىق شېئىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىسراسى مۇنداق:

ئۈمىدىم شۇ: ئىماندا كەتسەم ئۇشبۇ زىمىندىن.

يۇقارقى مىسرادىن باشلاپ مۇشائىرە باشلىدىم:


ئۈمىدىم شۇ: ئىماندا كەتسەم ئۇشبۇ زىمىندىن،
ئۇلۇغ رەببىم: ئىماننى ئايرىۋەتمە يېنىمدىن.
مۇسۇلمانغا خاس ماڭا ئاتا قىلغىن جاسارەت،
ساباتلىق قىل دىنىمدا ئايرىلساممۇ جېنىمدىن.

ساباتلىق قىل دىنىمدا ئايرىلساممۇ جېنىمدىن.
رىزىق، ھايات- ماماتىم، ھەممە نەرسەم سېنىڭدىن،
مۇسبەت، بالا- قازادىن ساقلىمىساڭ سەن ئۆزۈڭ،
كېچەلمەيدۇ ھىچ مەخلۇق بىرەر قوشۇق قېنىمدىن.

كېچەلمەيدۇ ھىچ مەخلۇق بىرەر قوشۇق قېنىمدىن،
ئالالمايدۇ ئىزنىڭسىز بىر تال موينى تېنىمدىن،
كەچۈر مېنى ئەي ئاللاھ! تەۋەككۈلۈم ساڭىلا،
قىيامەتتە ئاتا قىل ھەۋزى كەۋسەر، بېغىڭدىن.

قىيامەتتە ئاتا قىل ھەۋزى كەۋسەر، بېغىڭدىن،
ئىككى دۇنيا بەخىتنى ئۆتۈنىمەن سېنىڭدىن،
ئاجىز مەخلۇق بولغاچقا، گۇناھلىرىم بەك تولا،
ئى رەھىم رەب، ئەپۇنى ئايىمىغىن مېنىڭدىن!

ئى رەھىم رەب، ئەپۇنى ئايىمىغىن مېنىڭدىن،
مەككار دۈشمەن شەيتاننى قوغلىۋەتكىن تېنىمدىن،
ھىدايەتكە باشلىساڭ ئازدۇرالماس ئىبلىسمۇ،
توغرا يولدا ماڭغايمەن، گۈللەر ئۈنگەي ئىزىمدىن!

توغرا يولدا ماڭغايمەن، گۈللەر ئۈنگەي ئىزىمدىن،
ھالال يەيمەن، چاپىنىم ئاشمىسىمۇ تىزىمدىن،
ئاز يېسەممۇ مەيلىغۇ، ئارتۇق بولۇر ھالال رىزق
ئەقىدىنى، ۋىجداننى ئۇنتۇپ تاپقان كىرىمدىن!

ئەقىدىنى، ۋىجداننى ئۇنتۇپ تاپقان كىرىمدىن،
«دىلغا ھوزۇر بەرگۈچى» خۇمار قىلغۇچ چىلىمدىن،
نىجىس مەخلۇق ئاتالغان توڭگۇزدىن ھەم ئىتىڭدىن،
ھەممىسىدىن يىراق مەن، ھارام قىلغاچ دىنىمدىن.

ھەممىسىدىن يىراق مەن، ھارام قىلغاچ دىنىمدىن، 
سۇ ئىچكەنتىم ئەسلىدە پاكىز بولغان ئېقىندىن،
پەيدا بولدى ئېقىنغا شۇم نىيەتلىك مەخلۇقلار،
تازىلىغىن ئەي رەببىم، يولنى خائىن _ چىۋىندىن.

تازىلىغىن ئەي رەببىم، يولنى خائىن _ چىۋىندىن،
پەيغەمبەر دەۋرىدىكى ساپ ئىسلامنى سېغىندىم،
بىرلەشتۈرگىن ئۈممەتنى، ئىسلام قايتا نۇر چاچسۇن،
ئۇزۇقلاندۇر بىزلەرنى ساپ ئىسلامىي ئىلىمدىن!

يۇقارقى شېئىرنىڭ ئاخىرىغا بىر تورداش مۇنداق مۇشائىرە كەلتۈرۈشتۇق:

AynaK ناملىق تورداش:

ئۇزۇقلاندۇر بىزلەرنى ساپ ئىسلامىي ئىلىمدىن،
نادانلىقتا تېڭىرقاپ يىراقلاشتۇق ھەق يولدىن،
ئىلىم بىلەن يۇيۇلسۇن گۇناھ باسقان بۇ تەنلەر،
نۇر چاقنىسۇن كۆزلەردىن ئويغىنايلى غەپلەتتىن

مەن (ئويلىنىش):

نۇر چاقنىسۇن كۆزلەردىن ئويغىنايلى غەپلەتتىن،
تازىلايلى قەلىبنى بۇزۇق پىكىر _ ئەخلەتتىن،
ئىبادەتلەر ئارقىلىق يېقىنلايلى ئاللاھقا،
بۇڭا ئۈلگە ئالايلى ئۇستاز ئىمام ئەھمەدتىن!

AynaK ناملىق تورداش:

بۇڭا ئۈلگە ئالايلى ئۇستاز ئىمام ئەھمەدتىن،
ئىزلىرىنى كۆكەرتىپ باغ ياسايلى ھۆرمەتتىن.
چىچەكلىسۇن نۇر ئىمان ھەمىمىزنىڭ قەلبىدىن،
غەپلەتلەردىن ئويغانساق شەيتان قاچار خسلەتتىن.

مەن (ئويلىنىش):

غەپلەتلەردىن ئويغانساق شەيتان قاچار خسلەتتىن،
بېلىقلارمۇ قاچىدۇ تۇيۇپ قالسا ئىلمەكتىن،
قىيامەتتە يىراقراق بولاي دېسەڭ قىسمەتتىن،
توغرا يولدا پايدىلان ھاياتلىقتىن - نىئمەتتىن.

قېنى  ئەمدى سىلەرمۇ  مۇشائىرىگە  قېتىلمامسىلەر؟
تېز بولۇڭلار دەيمەن
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 780
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە780دانە
ئۆسۈش: 1400 %
مۇنبەر پۇلى: 9463 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-05 13:13

ماياك قىلسام ھەرزامان رەببىم ئاللاھ  سۆزىنى ،
يۇرۇتقايمەن ھەرماكان  شەرپىم ئىسلام يۈزىنى .
قاچان ئولەي بەرىبىر ،جان تەسەددۇق ھەق ئۇچۇن
پەقەت ئىسلام يۇرۇتقاي مەزلۇم خەلقىم  كۆزىنى !
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 780
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە780دانە
ئۆسۈش: 1400 %
مۇنبەر پۇلى: 9463 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 10:12

جەننەت ئۈچۈن پۇل-مالنى، ھەتتا جاننى ئاتايلى!
ھەق يول ئۈچۈن ھەرزامان، كۈچكە - كۈچنى قاتايلى ،
ئۆلۈپ كەتسەك كۆتەرسۇن ، جىنازىنى پەرىشتە
شەھىد-باتۇر  ئۈلۈمدە ،بېھىش - جەننەت تاپايلى !
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.