خەلىفىللىرمىزنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى
بىرىنجى خەلىفە ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى_ « مۇتلەق كۈچ ۋە قۇدرەت ئۆزۈڭگىلا خاستۇر ئاللاھىم » بولدى .
ھەزىرتى ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى _« كەئىبىنىڭ پەرۋەردىگارىغا قەسەمكى ، بۇلار مىنىڭ شەھىدلىگىمگە گۇۋاھدۇر »بولدى .
مۇھەممەد ئىبنى ئەلىدىن رىۋايەت قىلىشىچە ، جانلىرىغا خاۋارىجلار قەسىت قىلغاندىن كىيىن ، ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاخىرقى نەپەسلىرگىچە «لەئىلەھە ئىللەللاھ » دىن باشقا سۆزنى ئېغىزلىرىغا ئالمىدى .
خەلىفە مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلۈم ئالدىدا _«كاشكى ئاددى قۇرەيىشلىك كىشىلەردىن بولۇپ قالسام، كاشكى بۇ ۋەزىپىدە ئىشلىمىگەن بولسام »دەپ ئۆز مەنسەپ_مەۋقەلىرىدىن ئىزتىراپ چەككەن.
خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ئۆلۈم ئالدىدا _«ئاللاھىم ، دىدارىڭنى ئۆمەرگە خەيرىلىك قىل ، لەئىلەھە ئىللەللاھ »دەپ تۇرۇپ جان تەسلىم قىلدى .
ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2011-10-02 23:37قايتا تەھرىرلىد ]