查看完整版本: [-- خەلىفىللىرمىزنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ھېكمەتلەر -> خەلىفىللىرمىزنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاھىربەگ 2011-10-02 13:59
خەلىفىللىرمىزنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى

بىرىنجى خەلىفە ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى_ « مۇتلەق كۈچ ۋە قۇدرەت ئۆزۈڭگىلا خاستۇر ئاللاھىم » بولدى .


ھەزىرتى ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى _« كەئىبىنىڭ پەرۋەردىگارىغا قەسەمكى ، بۇلار مىنىڭ شەھىدلىگىمگە گۇۋاھدۇر »بولدى .
مۇھەممەد ئىبنى ئەلىدىن رىۋايەت قىلىشىچە ، جانلىرىغا خاۋارىجلار قەسىت قىلغاندىن كىيىن ، ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاخىرقى نەپەسلىرگىچە «لەئىلەھە ئىللەللاھ » دىن باشقا سۆزنى ئېغىزلىرىغا ئالمىدى . 
خەلىفە مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلۈم ئالدىدا _«كاشكى ئاددى قۇرەيىشلىك كىشىلەردىن بولۇپ قالسام، كاشكى بۇ ۋەزىپىدە ئىشلىمىگەن بولسام »دەپ ئۆز مەنسەپ_مەۋقەلىرىدىن ئىزتىراپ چەككەن.
خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ئۆلۈم ئالدىدا _«ئاللاھىم ، دىدارىڭنى ئۆمەرگە خەيرىلىك قىل ، لەئىلەھە ئىللەللاھ »دەپ تۇرۇپ جان تەسلىم قىلدى .

ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى

oylinish 2011-10-02 16:07
بۇ ئۆلۈم بىزگىمۇ بار... بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەندە نېمە دەرمىزكىن....

ئىزباسار 2011-10-02 21:06
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئاللاھ بىزلەرنىڭ ئاخىرقى سۈزىىمىزنى لا الە الا اللە محمد الرسول اللەقىلسۇن. ئامىن

مۇھسىنە 2011-10-02 21:11
پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ‹‹ ئۈممەتىي .... ئۈممەتىي (ئۈممىتىم )››دېگەنكەن جان ئۈزۈش ئالدىدا...
خالىد ئىبنى ۋەلىد:‹‹ھاياتى ئاللاھ يولىدا ئات چاپتۇرۇپ ،قىلىچ پۇلاڭلىتىپ ئۆتكەن بىر جەڭچىنىڭ ئاجىزلاردەك كۆرپىدە  يېتىپ ئۆلۈشى  نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق -ھە! مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزۇڭلار !ھېچ بولمىسا قېلىچىمغا تايىنىپ بولسىمۇ ئۆرە تۇرۇپ جان ئۈزەي!››.

توران 2011-10-02 22:16
ئەسسا لامۇ ئەلەيكۇم !  ناھايتى ياخشى ،ھەممەيلەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك يازما بوپتۇ.
{ئوسمان ئىبنى خەتتاب } ئەمەس. {ئۆمەر ئىبنى خەتتاب} <ظاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!}  توغرىسىنى بىلىۋالغايسىز!!!

جەڭچى 2011-10-02 22:22
ئاللاھ خالىسا  لا الە الا اللە محمد الرسول اللە  دەپ  جان بىرمەن.     

تاھىربەگ 2011-10-02 23:36
ۋەئەلەيكۇم _ ئەسسالام ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . ئوسمان ئىبنى ئەففان(ر ئە) دەپ يازىمەن دەپ ئوسمان ئىبنى خەتتاپ  دەپ يىزۋاپتىمەن . تۈزىتىپ قويدۇم

muslima32 2011-10-03 02:24
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،ئۇللۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە ياخشى ئۈلۈم ئاتا قىلسۇن ئامىن..........................


查看完整版本: [-- خەلىفىللىرمىزنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.081772 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us