باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 935 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پاراغەت قەسىرى
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2363
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2363دانە
ئۆسۈش: 5290 %
مۇنبەر پۇلى: 29166 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 11:48

پاراغەت قەسىرى


  

  پاراغەت قەسىرى

  بىھزات مەمەدىيوۋ

رىۋايەت قىلىنىشچە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ دادىسى سابىت بىر كۈنى تاھارەت ئالماقچى بولۇپ ، ئېرىق بويىغا كەپتۇ . شۇ پەيىتتە ئېرىقتىن ئېقىپ كىلىۋاتقان بىر قىزىل ئالمىغا كۆزى چۈشۈپتۇ . سابىت ئالمىنى ئېلىپ بىر چىشلەپتۇ . چىشلەپتىيۇ ، « ئاپلا ، بۇ قايسى باغنىڭ ئالمىسىدۇ ؟، ئىگىسىنى رازى قىلماي يەپ قويۇپتىمەن يا ! ئاخىرەتتە بۇنىڭ جاۋابىنى قانداق بىرەرمەن » دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئالما ئېقىپ كەلگەن تامان مېڭىپتۇ . 

بىر ئاز يۈرگەندىن كىيىن ئالدى تەرەپتە بىر باغ كۆرۈنۈپتۇ . سابىت باغدا سۇ تۇتۇپ يۈرگەن باغۋەندىن :

ــــ   بۇ ئالما سىزنىڭ بېغىڭىزنىڭمۇ ؟ دەپ بايىقى ئالمىنى كۆرسىتىپتۇ .

ـــ  ھەئە ، مىنىڭ بېغىمنىڭ ئالمىسى ئىكەن .

ـــ ئۇنداقتا ئالمىنىڭ ھەققىنى ئېلىڭ ياكى رازى بولۇڭ ، مەن بىلمەستىن ئالمىنى يەپ ساپتىمەن .

   باغۋەن ئالدىدا ھالال ، ئادىل ۋە ئىنساپلىق بىر يىگىتنىڭ تۇرغانلىقىنى سېزىپتۇ . كۆڭلىدە ئويلىغان ئويى تىلىغا كۆچۈپتۇ ۋە :

ـــ بىر شەرتىم بار ، ئەگەر شۇ شەرتىمگە كۆنسىڭىز مەن ئالمىغا رازى بولىمەن .

ـــ شەرتىڭىزنى ئېيتىڭ ، دەپتۇ سابىت . 

ـــ بىر قىزىم بار  ئىككى كۆزى كور ، تىلى تۇتۇق ، ئىككى پۇتى ۋە ئىككى قولى پالەچ . شۇنى نىكاھىڭىزگە ئالىسىز .

سابىتنىڭ كۆكسىدىن « ۋاھ » دىگەن نىدا ئېتىلىپ چىقىپ كىتىپتۇ . شەرتىگە كۆنەي دىسە بىر ئالمىنى دەپ ھاياتىنى بىر ئۆمۈرگە مەجرۇھ قىز بىلەن ئۆتكۈزدىكەن . كۆنمەي دىسە ئالمىنىڭ ئىگىسى رازى بولماي قىيامەت كۈنى ئەلەم تارتىپ قالىدىكەن .  سابىت ئويلاپ ئويلاپ ئاخىرى شۇ قىزغا ئۆيلىنىشكە رازى بوپتۇ . چۈنكى قىيامەتنىڭ ئازابى قاتتىق دە .  

كەچتە گۇۋاھچىلارنىڭ ئىشتىراكچىلقىدا  نىكاھ ئوقۇلۇپتۇ . سابىت قىز بار ھۇجۇرىغا كىرىپتۇ . كىرىپتىيۇ ، ھەيران قاپتۇ . ئالدىدا ھەممە ئەزايى بىجرىم،پەرىزاتتەك بىر قىز سابىتقا سالام بىرىپ تۇرغىدەك .

سابىت ھەيرانلىقتا :

ـــ  ئەي قىز ، سىز كىمسىز ؟

ـــ مەن باغۋەننىڭ قىزىمەن ، بۈگۈن سىزگە نىكاھلاندىم ، دەپتۇ ساھىبجامال قىز .

   سابىت ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى باغۋەندىن سوراپتۇ .باغۋەن سابىتقا دىگەن شەرتىنى مۇنداق بايان قىلىپتۇ :

ــ  كور دىگىنىم ، ئەقلىگە كەلگەندىن بۇيان ھارام ئىشلارنى  كۆرمەگەن ئىدى . تىلسىز دىگىنىم ، مۇشۇ ۋاققىچە يامان ۋە بىئەدەپ سۆزلەرنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان . ئىككى قولى پالەچ دىگەنىم ، كىشىنىڭ ھەققىگە قول ئۇزۇتۇپ باقمىغان . ئىككى پۇتى پالەچ دىگىنىم، گۇناھ ئىشلارغا قەدەم قويۇپ باقمىغانلىقىدۇر ، دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ .

سابىت بۇ بەخىتتىن خۇرسەن بولۇپ ، ئۆزىگە بۇنداق پاك ، ھالال جۈپنى ئۇچراشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتىپتۇ . ئەنە شۇ پاكىزە ۋە ھالال بىر جۈپلەردىن ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەتۇللاھدەك بۈيۈك زات دۇنياغا كەلگەن ئىكەن . 

ئائىلە - مۇقەددەس دەرگاھ .  ئۇنى پاك ساقلاش ئۈچۈن تۈرلۈك بۇزۇق ئىشلاردىن يىراق بولۇش ، خۇسۇسەن پەرزەنىتلەرنى ھالال يول بىلەن بېقىش ، تەربىيەلەش تەلەپ قىلىنىدۇ . ئاتاـ وۋىللىرمىز بۇ ئىشلارغا يۈكسەك ئىتبار بىلەن قارىغان ئىدى .  چۈنكى پەرزەنىتنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشى ، ئاساسەن ئائىلە مۇھىتىغا ۋە ئاتا ئانىنىڭ تەربىيەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئۇلار ياخشى بىلىشكەن ئىدى .

دىنىمىزدا ئائىلە قۇرۇشقا ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرىدۇ . ئىمكان بولغاندا ھەر بىر ئىنساننىڭ ئائىلە قۇرشى تەرغىپ قىلىنىدۇ . جۈملىدىن پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد ( س ئە ۋ ) بىر ھەدىس شەرىفتە شۇنداق دىگەن :« ئەي يگىتلەر جامەسى ، سىزلەردىن كىم ئۆيلىنىشكە قۇربىتى يەتسە ئۆيلەنسۇن ، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى ئاياللارغا قاراشتىن ۋە نەفسىمىزنى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ . ئەگەر ئۆيلىنىشكە قۇربى يەتمىسە روزا تۇتسۇن . روزا تۇتۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر » . ( ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم راۋايىتى )

دەرھەقىقەت ، ئىنساننىڭ چىرايلىق رەۋىشتە ، شەرئىي نىكاھ قىلىشى ئۇنى يامان يوللاردىن ئاسىرايدۇ . بۇ ھەم ئازـئازدىن جەمىيەتتە خۈنۈك ئىللەتلەرنىڭ ئاۋۇپ كىتىشىگە توسۇق قويىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيلىنىش ، پاك ئائىلە قۇرۇش ئىنسان مەنىۋىي ئالىمىنىڭ، جەمىيەتنىڭ روناقلىقى ۋە ئاۋاتلىشىشنىڭ ئاساسىدۇر . 

لىكىن بۈگۈنكى تەرەققى قىلغان دۇنيانىڭ « مەدەنىيەت» لىك ئىنسانلىرى ھاياتىدا ئائىلىنىڭ قەدىرى بارغانسىرى يوقىلىپ بارماقتا . بۇ ھال دۇنيا ئاممىسىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويماقتا . ھەتتا غەرىپ ئائىللىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار مەخسۇس « ئائىلە ئىنىستىتۇتى » قۇرۇش قارارىغا سەۋەپ بولماقتا .

20ـ ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يەرىمىدە غەرىپ مەملىكەتلىرىدە ئايرىم گورۇھلار « ئەركىنلىك» ، « كىشىلىك ئەركىنلىكى » دىگەندەك شۇئارلارنى كۆتەرىپ ‹ ئائىلىنڭ كىرىكى يوق ، نىكاھ شەرىت ئەمەس  ، ئۇ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلاپ قويىدۇ › دىگەندەك دەۋالار بىلەن چىقتى . ئەنە شۇ بىمەنە ھەركەتكە قوشۇلۇپ مىليونلاپ كىشىلەر ھازىر بۇ سەپسەپتە كەلتۈرگەن كۈلپەتلەرنىڭ ئازابىنى تاتىپ تۇرۇپتۇ . مىڭلاپ ئائىللەر پاراكەندىچىلىككە يۈز تۇتتى ، كۆپلەپ بالىلار تىرىك يىتىم بولدى ، جەمىيەتتە زىنا ، فاھىشە ، تۈلۈك بۇزۇقچىلىقلار ئەۋجىگە چىقتى .  ھەرخىل بىداۋا كىسەللىكلەر ، جۈملىدىن ئەيدىس كەبى نىجىس كىسەللىكلەر ئىنسانىيەت بېشىغا بالالارنى ياغدۇردى . فاھىشە ئىشلارنى تەرغىپ قىلغۇچى مەفكۇرە رادىيو ، تىلۋۇزور ، مەتبۇئات سەيىپىللىرى ھەتتا بالىلار ئوقۇيدىغان كىتاپلارغا ھەم ‹ چاڭ › سالدى .

بۈگۈن ئىنسانىيەت مەزكۇر ئاسارەتلەردىن قۇتۇلالماي ھەيران . ئاقىۋەتتە ئاشۇ «ئەركىنلىك » دەپ جار سالغۇچىلار ھەم ئائىلىنىڭ ، ئۇنىڭدىكى پاك ھاياتنىڭ ئىنتايىن زۆرۆر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتىپ ، بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەرغىپ قىلىش ۋە ئەرـئاياللارنىڭ ئائىلە قوينىغا قايتىشى ئۈچۈن مىليونلاپ مەبلەغ سېلىپ ، مەخسۇس قانۇنلار تۈزۈپ چىقماقتا .

تۆۋەندە ئادەم ئاتا يارالغاندىن تارتىپ ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن ئائىلە تۈزۈمىنىڭ بۇزۇلىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنىشلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز .

ئىككىنجى جاھان ئۇرۇشىدىن كىيىن «ئاممىۋىي مەدەنىيەت» نىقابى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان «جىنسىي ئىنقىلاپ» قارشى ئەنئەنىۋىي ئائىلە تۈزۈملىرىگە جىددىي زەرەر يەتكۈزدى . زىنا ، فاھىشە ئىشلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاۋۇپ كىتشىگە سەۋەپ بولدى . ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە بەزى دۆلەتلەردە زىناغا قانۇندا يول بىرىلىپ ، ئۇلاردا رەسمىي رويخەتتىن ئۆتكەن فاھىشخانەلەر پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا . بۇ نەرسىگە ئايرىم ئادەملەرنىڭ« ئەركىن - ھوقۇق نۇقتىسىدىن بۇ تەبئي ئىشلار »دەپ قارىشى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىقتۇر . ئائىلىدە ئاتا - ئانا ۋە پەرزەنىت مۇناسىۋەتلىردىكى ئەزەلىي  ئەنئەنىلەرگە زەررە يەتتى .  جەمىيەتتە ئاجىرشىشلارنىڭ سانى كەسكىن ئېشىپ ماڭدى . مەسىلەن بىرلا بۈيۈك بېرتانىيەدە 1970ـ يىلى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ % 40 گە يېقىنى ئۆز ھاياتىنىڭ مەلۇم بىر  دەۋرىدە ئائىلىدە پەقەت دادىسى ياكى ئانىسى بىلەن ياشىغان . شۇنىڭدەك ئائىلە بۇزۇلۇشلىرى پەرزەنىتلەرنىڭ روھىيىتى ۋە تەربىيىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن .

ئائىلىۋىي جەمىيەتنىڭ بۇنداق ھالەتتە ئۆزگىرىپ مىڭىشى ئىنسانلارنى بۇرۇنقى دەۋىرلەردە بولۇپ باقمىغان تەشۋىشلەرگە سىلىپ قويدى .  مەسلەن 1985ـ يىلى «بوستون ژورنىلى»  نىڭ بىر ژورنالسىتى شۇنداق دەپ يازىدۇ :« ئەسكى مەنىسىكى ئائىلىۋىي ھايات ئۇنۋىرسىتىتلىرىمىزنىڭ خاراكتىرىگە بەلكى جەمىيىتىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە خەۋىپ كەلتۈرۋاتىدۇ  ». شۇنىڭدەك 1980_يىلى بۈيۈك بېرتانىيەدە كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسى ئائىلىۋىي چۈشەنچىنى سىياسەت دەرىجىسىدە مۇھاكىمە قىلغان . 1986_يىلى باش ۋەزىر مارگىرت ماچچىر خانىم بىر سايلام رىقابىتى سەھنىسىدە  " بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئائىلىدىن ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ۋە خاتىرجەمللىكىدىن باشلىنىدۇ " دەپ سۆزلىگەن .
ھۈللەس ، جەمىيەتنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئائىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھازىرقى ئاداشقان ئىنسانلار ھەم تەن ئالماقتا . لىكىن ئەمدى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ئارقىغا قايتۇرۇشقا ئىلاج يوق . ئەمدى گەپ كىيىنكى ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ ،ئۇلاردا  ئىسىل ئىنسانىي خىسلەتلەرنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ ، ئائىلىۋىي ھاياتتىن توغرا پايدىلىنىشنى ئۈگۈتۈشىمىز كىرەك .
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س ئە ۋ ) شۇنداق دىگەنلەر ، :" قايسى قەۋىمدە زىنا تارقالسا ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئاتا بوۋىللىرىدا كۆرىلىپ باقمىغان كىسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ ". بۈگۈنكى كۈندىكى سەراتان ، ئەيدىس كەبى ئەسىرمىزدىكى ۋابالار ئىلگىرى بولغان ئەمەس . ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەندىلەرنىڭ قىلۋاتقان قىلمىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئاپەتلەر ئەمەسمىكەن ؟ ھىم  ، ئائىلىدەك پاك، مۇقەددەس بارگاھنى تاشلىۋىتىش ، ئۇنى  تۈرلۈك بۇزۇق يوللارغا ئالماشتۇرۇش ئەقلى ھۇشى جايىدا ۋە ئىنسانىي خىسلەتلەر تىپىلىدىغان خەلىقلەر تەرپىدىن   ئاقلانغان ئەمەستۇر .
بىز مۇقەددەس ئائىلىۋىي ھاياتنى پۈتۈن ۋە پاك ساقلاپ ، ئۇنىڭ ئەسلى قەدىر قىممىتىگە يىتشىمىز كىرەك . شۇنداق قىلغىنمىزدا ئۇ بىز ئۈچۈن جەزبىدار ، مىھرى مۇھەببەتكە تولغان راھەت_پاراغەت قەسىزگە ئايلىنىدۇ .


ئۆزبەكچە مەرىفەت گىزىتىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2011-10-02 17:21قايتا تەھرىرلىد ]
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1424
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1424دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 16184 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-31

سىھىرلىك ئالما فىلىمدىمۇ مۇشۇ  ئالما ھىكايىسى سۆزلىندىكەنغۇ ؟
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دوستلىشىش
gayrat828
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1421
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1421دانە
ئۆسۈش: 12030 %
مۇنبەر پۇلى: 12939 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-03-31
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 12:08

رەسىم:

شۇنداق ...ئەلۋەتتە..
































ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 819
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە819دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9551 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-03-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 13:17

مەكفۇرە  دېگەن سۆز  خاتامۇ قانداق؟
مەپكۇرە ياكى مەفكۇرە دېيىلەمدىكىن دەيمەن.  بولسا ئۆزبىكچىسىنى يوللاپ باقە
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8511
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 242 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-08
ئاخىرقى: 2012-02-14
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 13:26

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن.ئاللاھ ھەممىمىزنى گۈزەل ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇشقا نىسىپ قىلسۇن!
ئاللاھ بىر،ئىسلام ھەق
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2363
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2363دانە
ئۆسۈش: 5290 %
مۇنبەر پۇلى: 29166 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 13:27

3-قەۋەت (oylinish) نىڭ يازمىسىغا

راس مەفكۇرەكەن ، دىققەت قىلماپتىمەن . رەھمەت جۇمۇ      

ئاۋۇ ھۇللەس ، دىگەننى نىمە دەپ تەرجىمە قىلساق بولا ، قارىمنىڭ دەرسىدىمۇ كۆپ ئاڭلايتىم . ئەمما پەقەت تەرجىمە قىلالمىدىم .  Xullas « مەخسەتكە كەلسەك» دىسەك بولامۇ ؟
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6345
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 117
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە117دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1392 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-02
ئاخىرقى: 2012-02-24
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 13:46

5-قەۋەت (تاھىربەگ) نىڭ يازمىسىغا

<خۇللەس> دىگەن سۆزنى «خۇلاسە شۇكى...» دەپ ئالسىڭىز جايىغا چۈشىدۇ،، مەسىلەن ئۆز بىكچىدە خۇللەس، خۇللەس كەلام دىگەندەك سۆزلەرنى ئاشۇ مەنىدە ئىشلىتىدۇ، خۇددى بىزنىڭ: خۇلاسە گەپ شۇكى،، دىگىنىمىزدك، يەنە بەزىدە خۇللەس سۆزى : شۇنداق قىلىپ ...... ياكى ئىشقىلىپ مانداق مانداق ... دىگەن سۆزلىرىمىز ئورنىدامۇ قوللىنىدۇ.
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2363
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2363دانە
ئۆسۈش: 5290 %
مۇنبەر پۇلى: 29166 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 13:58

6-قەۋەت (rida) نىڭ يازمىسىغا

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . داۋاملىق تەلىم بىرىپ تۇرغايسىز
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ