باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 886 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەردەك ياشاپ باقايلى
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-05-08
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-01 17:16

ئەردەك ياشاپ باقايلى

ئەردەك ياشاپ باقايلى
كىچىكىمدىن تارتىپلا گېزىت-ژۇرنال كۆرۈشكە،كىتاب ئوقۇشقا قىزىققانلىقىم ئۈچۈن،بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى،مىللىي مەدەنىيىتى،ئەخلاقى توغرىسىدىكى كىتابلارنى،ماقالە ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا قىزىققانلىقىم ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئەنە شۇنداق ئەسەرلەرنى تېپىپ ئوقۇيمەن.ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت چوڭ،قايناق شەھەرگە،جۈملىدىن،ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا تولۇپ تۇرغان ،قەلبى مىللەت ئۈچۈن،ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن يېنىپ تۇرىدىغان ئاقىل،يازغۇچىلىرىمىز يىغىلغان،يەنە شۇنداقلا<<غەرب>>نىڭ <<ئەخلەت مەدەنىيەت>>لىرىنى قوش قوللاپ قوبۇل قىلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا<<قۇمغا سۇ سىڭگەندەك>>ئۆزلىشىپ كېتىۋاتقان ياشلىرىمىز يىغىلغان بۇ ماكانغا كېلىشىم مېنىڭ بۇ قىزىقشىمغا تېخىمۇ ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى.
مەن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بۇيان بەك كۆپ كىتاب ئوقۇپ كېتەلمىگەن بولساممۇ،لېكىن،ئۆزۈم قىزىقىدىغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى،ئۆرپ-ئادەتلىرىگە دائىر خېلى كۆپ كىتابلارنى ،ماقالە-ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقتىم.
قىسقىسى،ياشلىرىمىزنىڭ <<غەرب>>نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە سەل قاراۋاتقانلىقى،ئەرلىرىمىزنىڭ لايغەزەللىشىپ،جۈرئەتسىزلىشىپ كېتىۋانقانلىقى،قىزلىرىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىغا سەل قاراۋاتقانلىقلىرى ۋە بەزى غۇرۇرىغا <<مىتە>>چۈشۈپ،يىگىتلىك روھى<<شۈپەكلىشىپ>>كېتىۋاتقان ئەرلىرىمىزنىڭ  بۇلارنى قوللاپ-قۇۋەتلەۋاتقانلىقلىرى مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى،قىزلىرىمىزنىڭ تەپ تارتماي كوچىلاردا يېرىميالىڭاچ يۈرۈشلىرى ھەققىدە زامانىمىزدىكى يېتىشكەن يازغۇچىلىرىمىز،ئۇستازلىرىمىز خېلى كۆپ ماقالە-ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇردى.لېكىن،<<ياخشىبار يەردە يامان بار،بۇغداي بار يەردە سامان>>دېگەندەك بۇنداق ياخشى نىيەتلىك زاتلىرىمىز بار يەردە يەنە بىر قىسىم پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلانغان،پۇل ئۈچۈن خېلى بىرنېمىسىدىن كېچىشكە رازى كىشىلىرىمىزمۇ بولغاچقا،رادىئو-تېلىۋىزۇرلاردا ۋە باشقا بىر قىسىم تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە ئادەمنى زەھەرلەيدىغان خىلمۇخىل ئېلان-تەشۋىقاتلارنى تارقىتىپ كەلمەكتە.مانا بۇ ئەھۋال مەندەك بىر<<يېرىم چېلەك>>سۇنىمۇ <<شالاقشىش>>قا مەجبۇر قىلدى.ئەلۋەتتە،بۇ <<شالاقشىش>>نىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا،مەكتەپ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئارقا كۆرۈنۈشلىرى بار.
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان<<چىن تۆمۈر باتۇر>>دېگەن چۆچەك ھېلىھەم ئىسىمدە.بولۇپمۇ چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسىنى قوغداش ئۈچۈن يالغۇز ھالدا نۇرغۇن لەشكەرلەر  ۋە يالماۋۇز بىلەن قىلىچ چېپىشقانلىقى شۇنداق ئېسىمدە.<<ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى>>،<ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى>>قاترالىق كىتابلاردىكى تەپسىلاتلار ھەم ئېسىمدە.<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>ژۇرنىلىنىڭ قايسى بىر سانىنىڭ<<تەپەككۇر مېۋىلىرى>>سەھىپىسىگە بېرىلگەن<<ھازىر قىزلىرىمىزنىڭ يېرىميالىڭاچ يۈرۈشى قىزلىرىمىزنىڭ ئەرلەردىن ھېيىقماس بولۇپ كەتكەنلىكىمۇ ياكى جەمئىيىتىمىزدە قىزلار ھېيىققۇدەك ئەرلەر قالمىغانلىقىمۇ؟>>دەپ تاشلاپ قويۇلغان سۇئال ھېلىھەم ئېسىمدە.خاس ھاجىپ،قەشقەرە بوۋىلىرىمىزنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن تەۋەرۈكلىرىدىكى تەربىيىۋى -ئەھمىيىتى يۇقىرى،ئىبرەتلىك سۆزلىرى ھېلىھەم ئېسىمدە.ئىشقىلىپ،خېلى كۆپ نەرسىلەر ئېسىمدە.مېنىڭچە،بۇ ئىشلارغا بىز ئەرلەر سەل قاراۋاتىمىز.قاراڭ،سودا-سارايلارغا،كېيىم-كېچەك دۇككانلىرىغا سىڭلىسىنى،ئايالىنى،قىزىنى ۋەياكى قىز دوستىنى يېتىلەپ كىرىپ شۇنداق كېيىملەرنى ئېلىپ بېرىپ،سىڭلىسىنىڭ،ئايالىنىڭ،قىزىنىڭ،قىز دوستىنىڭ<<يىراق يەر>>لىرىنى <<يېقىنلاشتۇرۇپ>>ئۆزىگە ئوخشاش بولۇپ كەتكەن ئەرلەرنىڭ <<كۆزىنى ئارام ئالدۇرۇش>>ىغا ياردەم بېرىۋاتقان يىگىتلىرىمىز،ئەرلىرىمىز،ئاتىلىمىز بۇنىڭغا گۇۋاھ.<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>ژۇرنىلىنىڭ2008-يىللىق3-سانىدا بېرىلگەن زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكىنىڭ<<بىز باسىدىغان يوللار:شەھەرلىشىش،كىملىك كىرىزىسى ۋە ياشلىرىمىز ئۇچراۋاتقان قىيىنچىلىقلار ئۈستىدە تەھلىل>>دېگەن ماقالىسىنىڭ<<شەھەرلىشىش،ۋەكىملىك كىرىزىسى>>دېگەن قىسمىدا بېرىلگەن تەپسىلاتلار ۋە يەنە زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكىنىڭ<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>ژۇرنىلىنىڭ2008-يىللىق5-سانىدا ئېلان قىلىنغان<<بەدەن،مودا،كىملىك>>دېگەن ماقالىسىدىكى تەپسىلاتلار بۇنىڭغا گۇۋاھ.شەھەرنىڭ ئاممىۋى ھاجەتخانىلىرىنىڭ تاملىرىغا ئۈسىتى-ئۈستىلەپ يېزىلغان تېلىفۇن نۇمۇرلىرى مەيدىسىدە شىرنىڭكىدەك ئەركەك تۈكى بولسىمۇ قىلچىلىك<<ئەركەك>>لىكى قالمىغان ئەرلىرىمىزگە گۇۋاھ!!!!!!!!!!!!!!!
نېمە دەي.بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ<<تاشالمىسام>>مۇ <<شالاقشىش>>قا ئۇرۇنۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە<<جوڭگۇ مىللەتلىرى>>ژۇرنىلىنىڭ3-سانىدا ئاندۇرېشىت ھېلىمھاجى ئاكىنىڭ<<جىنسىيەت مەدەنىيىتىمىزدىكى ئەقىدىسىزلىك ۋە تەربىيە>>ناملىق ماقالىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ۋە يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇپ چىقتىم.شۇنداقلا تۆۋەندىكىدەك قۇرلارنى كۈندىلىك خاتىرەمگەۋە قەلب خاتىرەمگە خاتىرىلىۋالدىم.بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن،بىز ئەرلەرنىڭ نۇرغۇن ئىشلارغا ھەقىقەتەن سەل قاراۋاتقانلىقىمىزنى تېخىمۇ ياخشى تۇنۇپ يەتتىم.<<......ھالبۇكى،ئېچىۋىتىلگەن باش،كېسىۋىتىلگەن چاچ،بۇزۇلغان قاش ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىنىڭ گۈزەللىك بەلگىسى بولغان ئەمەس!!!!!!!!شۇنداقتىمۇ،يوتىسى جۇلالاپ تۇرىدىغان كاتە يوپكا،كاسىسىنىلا يېپىپ تۇرىدىغان تارئىشتان ۋەيېرىميالىڭاچ بەدەنلەرگە جانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئۆزىلا جاۋابكار ئەمەس،چۈنكى،ئۇلارنىڭمۇ دادىسى،ئاكىسى ياكى بولمىسا ئىنىسى بار !!!!!!!!>>(ئابدۇرېشىت ھېلىمھاجىنىڭ يۇقارقى ماقالىسى45-بەت)بۇ جۈملىلەر بىز ئەرلەرنىڭ ئۈستىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.دېمىسىمۇ،جەمئىيىتىمىزدە ئەرلەر كۆپىيىۋاتىدۇ ،لېكىن<<ئەركەك>>لەر ئازلاۋاتىدۇ؛ئالىي مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ئىكەن،لېكىن ھەرجەھەتتىن تەربىيىلەپ،ئازغانلارغا يول كۆرسىتىپ بىرىدىغا <<ئۇستاز>>لار ئازلاپ كېتىپتۇ.بۇلار بالىلىرىمىزنىڭ ئالىم بولىشىغا كۈچەۋېتىپتۇ<<ئادەم>>بولىشىغا سەل قاراۋېتىپتۇ.ئالىي مەكتەپلىرىمىزدەھەريەر-ھەريەرلەردىن كېلىپ ئوقۇيدىغان<<ئوغول>>لىرىمىز كۆپىيىۋېتىپتۇ،<<يىگىت>>لىرىمىز ئازلاۋېتىپتۇ.جەمئىيىتىمىزدە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئانىلىرىمىز كۆپىيىۋېتىپتۇ،لېكىن بالا تەربىيىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئانىلىرىمىز ئازلاۋېتىپتۇ.ئۆزىنىڭ قىزلىقىنى بىلىدىغان<<ئايال زات>>لار كۆپىيىۋېتىپتۇ،لېكىن ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى مىللەتنىڭ ئانىسى بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار ئازلاۋېتىپتۇ.<<بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يۈنىلىشىنى ئاياللار بەلگىلەيدۇ،ئۇلارنىڭ كوپتىسى بىلەن يوپكىسىنىڭ ئارىسىدا بۈيۈك ئىدېئولوەىيە بار>>(ئابدۇقادىر جالالىدىن.<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>>ژۇرنىلى2008-يىللىق5-سان<<يېڭى ئېدىيە جۆيلۈمىسى47-بەت)ئىشقىلىپ،جەمئىيەتتە ئوغول-قىزلار تۇغۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ.لېكىن بۇ<<ئىدېئولوگىيە>>نى چۈشىنىدىغانلار تۇغۇلمايۋاتىدۇ.
ئەرلەر ئەردەك ياشايلى!ئەدەب-ئەخلاقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلار خاس ھاجىپ،قەشقەرى بوۋىلىرىمىزنى ۋە ئۇلارنىڭ <<مىراس>>لىرىنى ئەسلەيلى.قىزلىرىمىزنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاشقا كۈچ چىقىرالماي،قىزلىرىمىزنى قوغدىيالماي يۈرگەنلەر چىن تۆمۈر باتۇرنى ئەسلەيلى.چۈنكى ئېگىمىز بىزنى ئاياللارنى قوغداش ۋازىپىسىنى ئۈستىمىزگە يۈكلەپ تۇرۇپ ياراتقان.<<ئەرلىك>>كىمىزنى تېپىۋالايلى!بولمىسا تۇپراقمۇ بىزدىن قاقشايدۇ ۋە بىر كۈنى بىزدىن ھېساب ئالىدۇ.ئىشەنمەمسىز؟<<...........بۇرادەر بىزدىكى ئىككى پۇت يەرگە دەسسەپ مېڭىشقا يارالغان،ئەمما،ئانا يەرگە ناپاك پۇتلىرىمىز بىلەن دەسسەۋەرسەك،بىركۈنى دۈم چۈشۈرۈپ ئېغىز-بۇرنىمىزدىن قان ئالىدۇ>>(ئابدۇرېشىت ھېلىمھاجى<<جوڭگۇ مىللەتلىرى>>ژۇرنىلىنىڭ2010-يىللىق 3-سان<<جىنسىيەت مەدەنىيىتىمىزدىكى ئەقىدىسىزلىك ۋە تەربىيە>>45-بەت)ئاخىرىدا،ئابدۇرېشىت ھېلىمھاجى ئاكىنىڭ بۇ جۈملىلىرى ئويغاتقان ۋە<<ئەرلىك>>كىنى تاپالمايۋاتقان ئەرلىرىمىز ئويغاتقان تۆۋەندىكى نەچچە مىسرانى سۇنۇپ،ئەلەرنى ئەردەك ياشاشقا ئۈندەيمەن(ئىلگىرى مۇشۇ مۇنبەردە <<توپراق نالىسى>>دەپ ئېلان قىلىنغان):
تۇپراقنىڭ نالىسى
(شېئىر)
چىن تۆمۈر جىم ياتماي مېنىڭ باغرىمدا،
دات       باسقان  قىلىچىن    بىلەۋاتىدۇ.
ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئېڭىشكەن ئەرلەر،
<<ئەرلىك روھ ئۆلسە>>دەپ تىلەۋاتىدۇ.
خاس ھاجىپ ھىلىھەم كىتاب يازماقتا،
قېنىنى رەڭ قىلىپ،يۈرەكنى قەلەم.
مۇھەببەت خارلاندى،ياشلار بىپەرۋا،
ئاھ ئۇرۇپ يىغلايدۇ غېرىپقا سەنەم.
نۇزۇكمۇ دادلايدۇ زېمىنغا قاراپ،
تامچىلاپ تۆكۈلگەن ھاياسىز قاننى.
بۇ ھايات سىنايدۇ غۇرۇرنى شۇنداق،
ئادەمگە پۇل تاشلاپ،قۇشلارغا داننى.
قەشقەرى زارلىنىپ ساقال يۇلماقتا،
شۇ سەۋەب ئەرلەرنىڭ تولىسى كوسا.
يولۋاسنى قاماللاپ ئاتقان يىگىتلەر،
ھىجىيىپ تۇرماقتا مايمۇنلار ئۇرسا.
گۈزەللەر يۈرۈيدۇ<<گۈزەل>>پېتىلا،
يىگىتلەر ئىچىدە<<يىگىت>>بولمىغاچ.
(چەكلەنگەن مېۋىنى يېگەنمۇ؟ئادەم،
جەننەتتە يېگۈدەك يىمىش قالمىغاچ.)
كۆزلەردىن تۆكۈلەر دەردلەر سىمىلداپ،
رېئاللىق يۈزمۇ يۈز قويىدۇ سۇئال.
لەنىتى تەنلەرنى قوينىغا ئالسا،
بىگۇناھ تۇپراققا بولمامدۇ ئۇۋال؟!!
ئاپتۇر:تاش
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 820
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە820دانە
ئۆسۈش: 1923 %
مۇنبەر پۇلى: 9561 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-05-01

مۇنبىرىمىزنىڭ ئىملا ساقچىسى ۋە شېئىرىيەت تەھرىرى  تاشنىڭ بۇ تېمىسى خېلى ياخشى يېزىلىپتۇ.  مەن تاشنىڭ ئىلگىرىكى خالىس ئەمگەكلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ،  بىر قېتىم خەلقنىڭ ئىملا ساقچىسى بولۇپ باقاي:

كېتىۋانقانلىقى            كېتىۋاتقانلىقى
يېرىميالىڭاچ             يېرىم يالىڭاچ
ياخشىبار يەردە          ياخشى بار يەردە
تېلىۋىزۇرلاردا             تېلىۋوزۇرلاردا
ۋاستىلىرىدە               ۋاستىلىرىدا
قاترالىق                    قاتارلىق
قەشقەرە                     قەشقەرى 
ئوغول                       ئوغۇل
تەۋەرۈكلىرىدىكى       تەۋەررۈكلىرىدىكى
تەربىيىۋى -ئەھمىيىتى  تەربىيىۋى ئەھمىيىتى
دۇككانلىرىغا              دۇكانلىرىغا
شەھەرلىشىش،ۋە          شەھەرلىشىش ۋە
كىرىزىسى                  كىرزىسى         
جوڭگۇ                       جۇڭگو 
ئاندۇرېشىت               ئابدۇرىشىت
كاتە                          كالتە
كاسىسىنىلا                   كاسسىسىنىلا
جانىم-قىزلىرىمىزنىڭ    خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ
يۈنىلىشىنى                  يۆنىلىشىنى
ئېدىيە                        ئىدىيە
ئىدېئولوەىيە                ئىدېئولوگىيە 
<<ئەرلىك>>كىمىزنى   "ئەرلىك"ىمىزنى 
توپراق                        تۇپراق 
ئاپتۇر:تاش                  ئاپتور: تاش

يۇقارقىلار تۈزىتىشكە تىگىشلىك سۆزلەرنىڭ پەقەت بىر قىسمى.
ئىككىلىمىز بىر شەھەردە ئىكەنمىز، ئىككىلىمىزنىڭ كەسپى بىر ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مانا بۈگۈن مۇنبەردە مەنمۇ سىزگە ئوخشاش خىزمەت بىلەن شوغۇللاندىم، كەسىپداش بولۇپ قالدۇق.  تونۇشۇشنى خالىسىڭىز  ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى ماڭا قالدۇرۇپ قويۇڭ
[ بۇ يازمىنىoylinish 2011-10-01 21:23قايتا تەھرىرلىد ]
تەپەككۇر _ ئېسىل نېئمەتتۇر!
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-05-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-02 13:40

كىرىزىسى                  كىرزىسى          
بۇ سۆزدە  يەنىلا خاتالىق بارئىكەن.توغرىسى:كرىزىس+ى=كرىزىسى.(ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيىسىدىن سىناق ئېلىش پروگراممىسى268-بەت)

كاسىسىنىلا                   كاسسىسىنىلا
كاسا+سى=كاسىسى+نى=كاسىسىنى+لا=كاسىسىنىلا. مەن مۇشۇنداق دەپ قارايمەن.
دۇككانلىرىغا              دۇكانلىرىغا
بۇ ھەقتىمۇ ئىزدىنىش كېرەك.ئېغىز تىلىدا (دۇكان)دەيمىز.ئىملادا قانداق بولىشىنى ئېنىق بىلەلمىدىم.

ئاخىرىدا مېنىڭ يازمام ئۈچۈن ۋاقتىنى سەرپ قىلغان (ئويلىنىش)ئەپەندىگە رەھمەت.مېنىڭمۇ مەقسىدىم شۇ ئىدى.
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن