<بۇ ۋەقە راستىنلا ئىسلامىيەت تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەنمۇ؟ بۇ ۋەقەنىڭ مەنبەسى نېمە؟ بۇ ھەقتە قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە مۇنازىرىلىشەيلى..........>
..................................................................
بۇ پەقەت ئاشۇ بىر ئايەتنىڭ سەبەب نۇزۇلى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنغۇ خالاس، بۇ رىۋايەتلەرنىڭ مۇنازىرە قىلغۇدەك بىر يىرى باردەك ئەمەس، مەسىلە ھەدىس ھەققىدە بولسا ھەدىسنىڭ زەئىپلىقى ئىنىق ئىكەن، دىمەك رىۋايەتكە قارىتا ھۆكۈممۈ ئىنىق دىگەن گەپ، يەنە مۇنازىرە قىلىشايلى دىسەك ھىچبىر مۇنازىرە قىلغۇدەك يىرى باردەك ئەمەس...
<دېمەك، گەرچە بۇ ھەدىس تەپسىر ئىبنى كەسىردەك مەشھۇر كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان بولسىمۇ، يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى : بۇ ھەدىس ئىشەنچسىز، دېيىش توغرا.>
.............................................................................
ماۋۇ گەپلەر خۇددى ئىبنى كەسىر بىلمەي نەقىل قىلىپ قويۇپ، بۇنى تېما ئىگىسى بايقىۋىلىپ ئوتتۇرغا تاشلىغاندەك بىر مەنىدە يىزىلىپ قاپتۇ، خۇددى ئىبنى كەسىرمۇ ئاشۇ رىۋايەتنى كىتابىغا سەھىھ دەپ نەقىل ئالغاندەك،،، ئەمەلىيەتتە ئىبنى كەسىر نىڭ ئۆز كىتاۋىغا يەنى ئەسلى نۇسخسىغا قارايدىغان بولساق (بەلكىم تەرجىمىسىدا قىسقارتىلغان بولۇشى مومكىن) يۇقارقى ئايەتنىڭ سەبەبى نۇزۇلى ھەققىدە سەھىھ رىۋايەتلەردىن بىر قانچىنى كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە زەئىپ رىۋايەتلەرنىمۇ كەلتۇرۇپ ئاندىن ئۇ رىۋايەتلەرنىڭ زەئىپلىكىگە ئالاھىدە ئىشارەت بەرگەن . ئىبنى كەسىرنىڭ ھەممە رىۋايەتلەرنى نەقىل قىلىپ ئاندىن سەھىھلىرىگە سەھىھ ، سەھىھ ئەمەسلىرىگە بولسا زەئىپ ئىشارىلىرنى بىرىپ ئۆتۈشى، ئاشۇخىلدىكى مەئسۇر تەپسىر لەردىكى بىر ئۇسلۇپ، گەپ ئوقۇرمەننىڭ ئاشۇ خىل ئۇسلۇپنى چۈشۈنۈپ كىتابنى ھەزىم قىلالىشىدىكى سەۋىيە مەىسىلىسى خالاس، بۇ نۇقتىدىن يۇقارقىدەك :«گەرچە بۇ ھەدىس تەپسىر ئىبنى كەسىردەك مەشھۇر كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان بولسىمۇ، يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى : بۇ ھەدىس ئىشەنچسىز، دېيىش توغرا.» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىش ئۆتە ئارتۇقچە بىر ئەھۋال.
[ بۇ يازمىنىrida 2011-09-30 15:16قايتا تەھرىرلىدى ]