查看完整版本: [-- خەلىپە ئۆمەر بىر مۇسۇلماننى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> خەلىپە ئۆمەر بىر مۇسۇلماننى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

qutluq 2011-09-30 02:33


  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
   ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ تاراپ كەتكەن خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ختتابنىڭ رەسۇلۇللاھ ھۆكمىگە قايىل بولماي ئالدىغا دەۋا ئۈچۈن كەلگەن بىر مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى، بۇ توغرىلىق ئايەت نازىل بولۇپ، ئۆمەرنىڭ قاتىللىق جىنايىتى كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىدەك قىزىقارلىق  بىر راۋايەت بار بولۇپ، دەماللىققا رەسۇلۇللاھ ھۆكمىگە ئۇنىمىغان كىشى ئۆلۈمگە مەھكۇم! دېگەن بىر مەنە ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ ھاياتى پائالىيىتى قانداق ئىدى؟ بۇ ۋەقە راستىنلا ئىسلامىيەت تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەنمۇ؟ بۇ ۋەقەنىڭ مەنبەسى نېمە؟ بۇ ھەقتە قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە مۇنازىرىلىشەيلى:
   جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى (خەنزۇچە)نەشر قىلغان، ئۇيغۇرچە نامى:<<قۇرئان كەرىم تەپسىرى يەنى تەپسىرى ئىبنى كەسىر>> ناملىق ئالتە توملۇق تەپسىردە تۆۋەندىكىدەك خاتىرە بار:

ئىككى كىشى جېدەللىشىپ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ ھۆكۈمنى ھەق ئىگىسىگە چىقاردى. ئاندىن قارشى تەرەپ: مەن (بۇ ھۆكۈمگە) رازى بولمايمەن، دېدى. (ئۇنىڭغا )ئۇنىڭ ھەمراھى(يەنى قارشى تەرەپتىكى ھەقلىق كىشى): ئۇنداق بولسا قانداق قىلىشنى خالايسەن؟ دېدى. ئۇ: ئەبۇبەكرىنىڭ قېشىغا بارىمىز، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ئەبۇبەكرىنىڭ قېشىغا باردى. ھەقلىق كىشى ئەبۇبەكرىگە: بىز جېدەللىشىپ قېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا بارغانىدۇق، رەسۇلۇللاھ مېنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىمگە ھۆكۈم قىلدى. ئەمما، قارشى تەرەپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆمىگە رازى بولمىدى، دېدى. ئەبۇبەكرى: سىلەر رەسۇلۇللاھ چىقارغان ھۆكۈمگە بويسۇنۇڭلار، دېدى(يەنى مەنمۇ رەسۇلۇللاھتەك ھۆكۈم قىلىمەن، دېدى.قارشى تەرەپ ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىماي ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ قېشىغا بارىمىز، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ قېشىغا كەلدى. ھەقلىق كىشى ئۆمەرگە: بىز جېدەللىشىپ قېلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا بارغانىدۇق، رەسۇلۇللاھ مېنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىمگە ھۆكۈم قىلدى. ئەمما، قارشى تەرەپ رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆمىگە رازى بولمىدى، دېدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (رازى بولمىغان) كىشىدىن: سىز راستىنلا رازى بولمىدىڭىزمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ : ھەئە، شۇنداق، دەپ جاۋاب بەردى. ئۆمەر ئۆيىگە كىرىپ قىلىچىنى يالىڭاچلىغان ھالەتتە چىقىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆمىگە رازى بولمىغان كىشىنىڭ بېشىغا بىرلا ئۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. (تەپسىر ئىبنى كەسىرنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىدا) يەنە بىرەيلەن قايتىپ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! ئەللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۆمەر ھېلىقى ھەمراھىمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. مەن قېچىۋالمىغان بولسام، مېنىمۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈۋېتەتتى، دېدى. رەسۇلۇللاھ: <<ئۆمەرنىڭ مۆئمىن كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن>>، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت نازىل بولدى: <<(ئى مۇھەممەد!)ئەللاھ ئۆز نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ ھۆمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى چىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ(سۈرە نىسا 65 - ئايەت)>>(تەپسىرى ئىبنى كەسىر ئۇيغۇرچە 1 - توم 78 - بەت)

گەرچە، بۇ ھەدىس تەپسىر ئىبنى كەسىردە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، بىرقانچە تەرەپتىن ئىشەنچسىزلىكى ئېنىق چىقىدۇ:

1. بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بەرگۈچى بىرەيلەن ھەدىسشۇناسلار تەرىپىدىن: زەئىف، دەپ باھالانغان.

2. بۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھتىن راۋايەت قىلغۇچى كىشى رەسۇلۇللاھ زامانىسىدا ياشىمىغان تابىئىن بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، بۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ ۋە ھېلىقى ئىككى ساھابە بىلەن بىرگە بولغان تەلەپپۇزدا راۋايەت قىلغان.

3. مۆئمىنلەر قەلبىگە  ئىمان شۇنچىلىك ئورناپ كەتكەنكى،ئۇلار رەسۇلۇللاھ نېمە دېسە، دەرھال: خوش، خىزمەتلىرىگە مەن تەييار،دەپ ئېھتىرام بىلەن تۇراتتى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنى ئاتا - ئانىسىدىن، بالىلىرىدىن، بارلىق كىشىلەردىن يۇقىرى كۆرەتتى،ئىتائەت قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ ھۆمىگە رازى بولماي باشقا بىرسىدىن ھۆكۈم تەلەپ قىلغان بىرەر ساھابە تارىختا ئۆتكەن ئەمەس. بۇ ھەدىس ساھابىلەرنىڭ ئىمانىغا قىلىنغان شەكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

4. مەزمۇن نۇقتىسىدىن: رەسۇلۇللاھ بىرەر ئىشقا ھۆكۈم چىقارسا، ھۆكۈمگە نارازى بولغان كىشى رەسۇلۇللاھقا قاتتىق ئاچچىقلانسىمۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇنى تەنقىتلەپلا قوياتتى. بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ يۇقىرىقى ئادىتىگە خىلاپ. مەسىلەن، بۇخارىي توپلىغان بىر ھەدىستە: زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدرىگە قاتناشقان بىر ئەنسارىي(ئەسلىي مەدىنىدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلار بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغاچقا، <<ئەنسارىلار>> يەنى: ياردەم قىلغۇچىلار، دەپ ئاتالغان)بىركىشى بىلەن (مەدىنىدىكى) ھەررە دېگەن يەردىن ئاقىدىغان كىچىك بىر ئېرىقتىن ھەر ئىككىلىسى خورمىزارلىقىنى سۇغىرىدىغان سۇ توغرىلىق جېدەللىشىپ قالدى. ئەنسارىي زۇبەيرگە: سۇنى (مەن تەرەپكە) ئۆتكىلى قوي، دېدى. زۇبەير بۇنىڭغا ئۇنىمىدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: <<ئى زۇبەير! سەن (يېرىڭنى بالدۇر)سۇغارغىن، ئاندىن سۇنى قوشناڭغا (يەنى ھېلىقى كىشىگە) بەرگىن>>، دېدى.ئاندىن ھېلىقى ئەنساري غەزەبلەنگەن ھالدا: ئى رەسۇلۇللاھ! (سېنىڭ سۇنى زۇبەيرگە بالدۇر بېرىشىڭ) ئۇ سېنىڭ ھامماچاڭنىڭ بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ يۈز رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتتى. ئاندىن زۇبەيرگە: <<ئى زۇبەير! (سەن يېرىڭنى بالدۇر) سۇغارغىن، ھەتتا سۇ قىرلارغا چىققۇچە ئۇنى تۇتپ تۇر(يەنى تازا قاندۇرۇپ سۇغارغىن)، ئاندىن سۇنى قوشناڭغا بەرگىن>>، دېدى. زۇبەيرنىڭ ھەققىنى ھېلىقى ئەنسارىي تۇتۇۋالماقچى بولغاندا، رەسۇلۇللاھ ئېنىق ھۆكۈم بىلەن ئۇنىڭدىن تولۇق ئېلىپ بەردى. رەسۇلۇللاھ بۇرۇن ئۇ ئىككىسىگە پايدىلىقبىر ئىشنى كۆرسەتكەنىدى. زۇبەير مۇنداق دېدى: مەن بۇ <<(ئى مۇھەممەد!)ئەللاھ ئۆز نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ ھۆمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى چىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغۇچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغۇچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ(سۈرە نىسا 65 - ئايەت)>> ئايەتنى مۇشۇ توغرىلىق نازىل بولغانمىكىن، دەپ پەرەز قىلىمەن، دېدى(بۇخارىي توپلىغان، ئۇيغۇرچە تەپسىر ئىبنى كەسىر 1- توپ 77 - بەت)

ساق قالغان دەۋاگەرنىڭ دېيىشىچە، ئۆمەر ئۇنىمۇ ئۆلتۈرۈشكە كۈچىگەنمىش. ۋەھالەنكى، بۇ دەۋاگەر گۇناھسىز تۇرسا! مۇسۇلمانلارغا سىر ئەمەسكى، خۇلەفۇئۇرراشىدۇن، ئاتالغان ئۇ مەشھۇر ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ رۇخسىتىسىز بىرەر ئىش قىلغان ئەمەس.ئادەم ئۆلتۈرۈش دېگەن ئاددى ئىش ئەمەستە؟ ھەتتا ھاتەب مۇشرىكلارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ سىرى پاش بوپقالغاندا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ مۇناپىقنىڭ كاللىسىنى ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلسىلا، دەپ رەسۇلۇللاھتىن سورىغان(بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان). جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ھەرقانداق بالادىن قورقماس، ئەمما، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن شۇنداق ئىتائەتچان بولۇپ كەتكەن، ئەللاھ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا تەسۋىرلەپ بولغۇسىز دەرىجىدە قاتتيىق ئىتائەت قىلىدىغان ئۆمەرنى: رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىسىز بىر مۆئمىننى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، دېيىش بۇ ئېسىل ساھابىگە قىلىنغان تۆمەت، ئېغىر ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

دېمەك، گەرچە بۇ ھەدىس تەپسىر ئىبنى كەسىردەك مەشھۇر كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان بولسىمۇ، يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى : بۇ ھەدىس ئىشەنچسىز، دېيىش توغرا.



ئىزباسار 2011-09-30 09:43
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ! 
بۇ زەئىپ ھەدىسكە تۇتقان پۇزۇتسىيڭىز سەل ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ 
زەئىپ ھەدىس ھەرگىزمۇ ئۇ ھەدىسنىڭ يالغان ۋەقە دىگەنلىكىنى بىلدۇرمەيدىغاندۇ؟ ھەرھالدا ئۇزىمىزنى تۇتۋېلىپراق سۆزلەيلىمىكىن...

ئەلى 2011-09-30 10:05
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مېنىڭچە بۇ يەردە ھېچبىر تالاشقۇدەك نەرسە يوق.بۇ  ھەدىس راسمۇ يالغانمۇ بۇنى مەن بىلمەيمەن.بىراق يۇقىرىقى ئايەتتە شەك يوق.چۈنكى قۇرئان ئاللاھنىڭ سۆزى .تا ھازىرغىچە بىر ھەرپمۇ ئۆزگەرمىگەن.بىراق شۇنى چۈشەنمىدىم ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنى نېمىشقا مۆئمىن دەپ سۈپەتلەيدۇ؟ئاللاھ يۇقىرىقى ئايىتىدە رەسۇلۇللاھ ئەلەيسىسسالامنىڭ ھۆكمىگە قايىل بولمىغانلارنى ئىمان ئېيقان بولمايدۇ دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن تۇرسا،شۇنداق بولغانىكەن،ئۇ كىشى مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ دە.

rida 2011-09-30 11:54
<بۇ ۋەقە راستىنلا ئىسلامىيەت تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەنمۇ؟ بۇ ۋەقەنىڭ مەنبەسى نېمە؟ بۇ ھەقتە قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە مۇنازىرىلىشەيلى..........>
..................................................................
بۇ پەقەت ئاشۇ بىر ئايەتنىڭ سەبەب نۇزۇلى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنغۇ خالاس، بۇ رىۋايەتلەرنىڭ مۇنازىرە قىلغۇدەك بىر يىرى باردەك ئەمەس، مەسىلە ھەدىس  ھەققىدە بولسا ھەدىسنىڭ زەئىپلىقى ئىنىق ئىكەن، دىمەك رىۋايەتكە قارىتا ھۆكۈممۈ ئىنىق دىگەن گەپ، يەنە مۇنازىرە قىلىشايلى دىسەك ھىچبىر مۇنازىرە قىلغۇدەك يىرى باردەك ئەمەس...

<دېمەك، گەرچە بۇ ھەدىس تەپسىر ئىبنى كەسىردەك مەشھۇر كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان بولسىمۇ، يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى : بۇ ھەدىس ئىشەنچسىز، دېيىش توغرا.>
.............................................................................
ماۋۇ گەپلەر خۇددى ئىبنى كەسىر بىلمەي نەقىل قىلىپ قويۇپ، بۇنى تېما ئىگىسى بايقىۋىلىپ ئوتتۇرغا تاشلىغاندەك بىر مەنىدە يىزىلىپ قاپتۇ، خۇددى ئىبنى كەسىرمۇ ئاشۇ رىۋايەتنى كىتابىغا سەھىھ دەپ  نەقىل ئالغاندەك،،، ئەمەلىيەتتە ئىبنى كەسىر نىڭ ئۆز كىتاۋىغا يەنى ئەسلى نۇسخسىغا قارايدىغان بولساق (بەلكىم تەرجىمىسىدا قىسقارتىلغان بولۇشى مومكىن) يۇقارقى ئايەتنىڭ سەبەبى نۇزۇلى ھەققىدە سەھىھ رىۋايەتلەردىن بىر قانچىنى كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە زەئىپ رىۋايەتلەرنىمۇ كەلتۇرۇپ ئاندىن ئۇ رىۋايەتلەرنىڭ زەئىپلىكىگە ئالاھىدە ئىشارەت بەرگەن . ئىبنى كەسىرنىڭ ھەممە رىۋايەتلەرنى نەقىل قىلىپ ئاندىن سەھىھلىرىگە سەھىھ ، سەھىھ ئەمەسلىرىگە بولسا زەئىپ ئىشارىلىرنى بىرىپ ئۆتۈشى، ئاشۇخىلدىكى مەئسۇر تەپسىر لەردىكى بىر ئۇسلۇپ، گەپ ئوقۇرمەننىڭ ئاشۇ خىل ئۇسلۇپنى چۈشۈنۈپ كىتابنى ھەزىم قىلالىشىدىكى سەۋىيە مەىسىلىسى خالاس، بۇ نۇقتىدىن يۇقارقىدەك :«گەرچە بۇ ھەدىس تەپسىر ئىبنى كەسىردەك مەشھۇر كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان بولسىمۇ، يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى : بۇ ھەدىس ئىشەنچسىز، دېيىش توغرا.» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىش ئۆتە ئارتۇقچە بىر ئەھۋال.  

rida 2011-09-30 15:34
بۇرادەرلەر، يۇقۇردا تېمانىڭ ئومومى يۆلىنىشىغا قاراپ تېما ئىگىسى ئوتتۇرغا قويغان ھەدسنىڭ ئىسپاتلىنىش جەريانىنى پەقەت شۇ شەكىلدىكى رىۋايەتنىڭ زەئىپلىقىغا قاراپلا ئومۇمەن زەئىپ دىگەن قاراشنى ئىلغا قىلىپ تۇرۇپ، پەقەت ھەدىسنىڭ ھۆكمى زەئىپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئارتۇق مۇنازىرىگە ۋە ياكى چۈشەندۈرۈشكە ھاجەت يوق دەپ ئويلىغان ئىدىم، ۋە يۇقۇرقى ئىنكاسىمدا: بۇ مەسىلىنىڭ مۇنازىرە قىلغىدەك يىرى يوق دىگەن ئىدىم، تۇيۇقسىز بۇ ھەقتە باشقا مەنبەلەردىن ئۆزگىچە ئۇچۇرلار ئورتىغا چىقىشقا باشلىدى، شۇڭا بۇ ھەقتە ئەگەر تېما ئىگىسى بۇرادىرىمىز خالىسا ئۆزگىچە قاراشلار بىلەن تېمىسىىدىكى ھەدسنىڭ زەئىپلىكىگە قارىتا كەلتۈرگەن ئىللەتلىرىنى قايتا تەھقىقلىسەك دىگەن ئويغا كەپ قالدىم، ئەگەر تېما ئىگىسى ماقۇل كۆرسە بۇ ھەقتە جاۋابىغا قاراپ مۇنازىرىلىشىپ باقساق بولىدۇ.

oylinish 2011-09-30 21:45
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،  
   ئەلىنىڭ  ئىنكاسىنىمۇ ئويلىنىپ  كۆرسىڭىز بولغۇدەك.  بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسى ھەقىقەتەن خاتا بولۇپ قاپتۇ.  رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولمىغان ئادەمنى مۇسۇلمان دېگىلى بولامدۇ؟


查看完整版本: [-- خەلىپە ئۆمەر بىر مۇسۇلماننى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.039832 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us