باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 19682 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: «اللە ئۇلارنى نېمە دېگەن ئاجايىپ ياراتقان ھە!؟»
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1475
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1475دانە
ئۆسۈش: 12570 %
مۇنبەر پۇلى: 13901 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 17:49

«اللە ئۇلارنى نېمە دېگەن ئاجايىپ ياراتقان ھە!؟»

ئەسكەرتىش: بۇ يازما samanyoli تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-10-04)


بىز ئىلگىرى پىنگۋىننىڭ يەرشارىدىكى ئەڭ سوغۇق قىسمىدا ياشايدىغانلىقىنى ھەمدە اللە نىڭ ئۇلارنى ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئىنتايىن مۇۋاپىق ياراتقانلىقىنى تىلغا ئالدۇق. ئەكسىچە تۆگىلەر بولسا يەرشارىنىڭ ئىنتايىن قىزىق كېلىماتدىمۇ ھايات كەچۈرەلەيدىغان قىلىپ يارىتىلغان ھايۋانلار. تۆگىلەر ئادەتتە قۇملۇقتا تىرانسىپورت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بىپايان قۇملۇقنىڭ تېمپېراتۇرىسى 50 سېلسىيە گرادۇسلارغا چىقىدۇ. سىز بەلكىم تەخمىنەن 30 سېلىسىيە گرادۇسلۇق كىلىماتلاردا ياشايسىز . ھەتتا شۇنچىلىك تېمپىراتوردىمۇ ئەگەر سىرتقا چىقسىڭىز تىزلا چارچايسىز ، ھەمدە ئۇسساپ كېتىسىز. تۆگىلەر 50 سېلسىيە گرادۇسلۇق ئىسسىقلىقلاردىمۇ نەچچە كىلومېتىر يوللارنى باسالايدۇ . ئۇلار بىر نەچچە كۈن سۇ سىز ياشىيالايدۇ. مانا بۇ اللە نىڭ ئۇلارنىڭ بەدىنىنى بىزنىڭ بەدىنىمزىدىن پەرقلىق ياراتقانلىقى. تۆگىلەر ئۆزلىرى ئىچكەن سۇنى ئىچىدە ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ قويۇپ، ئۇلار ئۇسسىغان ۋاقىتتا ساقلاپ قويغان سۇ بىلەن ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ.


قۇملۇقتا جان بېقىشمۇ بىر مەسىلە قۇملۇقنىڭ ھەممىسى قۇرغاق بولۇپ ئۆسۈملۈكمۇ ھەم يوق. پەقەت كاكتۇس دەرىخى ۋە تىكەنلىك ئۆسۈملۈكلەر بار. تۆگىنىڭ ئېغىزى ۋە لەۋلىرى چىداملىق بولۇپ مۇشۇنداق تىكەنلىك ئۆسۈملۈكلەرنى يىيەلەيدۇ ھەتتا تاپانلىرىغا تىكەنلەر كىرىپ كېتىدۇ . مانا بۇ ئۇلارنىڭ تىكەنلىك ئۆسۈملۈكلەردىنمۇ قورسىقىنى بېقىپ كىتەلەيدىغانىقىنىڭ سەۋەبى.
ئۇندىن باشقا تۆگىلەرنىڭ تېرىسىنى قاپلاپ تۇرغان تۈكلىرىمۇ ئۇلارنى چىدىغۇسىز ئىسسىقلاردىن ساقلاپ قالىدۇ. تۆگىلەر دائىم قۇملۇقلاردا يول يۈرگەچكە اللە ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى ياپىلاق قىلىپ ياراتقان. ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ياپىلاق بولغاچقا قۇملۇققا چۆكۈپ كەتمەيدۇ. قېتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، اللە تۆگىلەرنىڭ پۇتىنىڭ تېرىسىنى ئىنتايىن قېلىن ياراتقان، بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ تاپانلىرى قەتئىي كۆيمەيدۇ . قۇملۇقتا ئىنتايىن قاتتىق قۇم بورىنى چىقىدۇ. سىز دېڭىز ساھىلىدا كۈچلۈك شامالنىڭ چىققىنى كۆرگەنمۇ؟ سىز قۇم بوراننىڭ كۈچلۈكلىكىدە قۇمنىڭ كۆزىڭىزگە كىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆزلىرىڭىزنى ئاچالمايسىز . ئەگەر بوران ئازراقلا كۈچەيسە،سىز كۆزىڭىزنى پەقەت ئاچالمايسىز . لېكىن تۆگىلەرنىڭ ئىككى قاتلاملىق كىرپىكى بولىدۇ . بۇ كىرپىكلەر خۇددى قاپقانغا ئوخشاش بىرىكىپ تۆگىنىڭ كۆزىنى قۇملۇق بۇرنىدىن ساقلايدۇ. اللە
بارلىق جانلىقلارنى ئۇلارنىڭ تەبىئىي ئولتۇراقلاشقان جايلىرىغا مۇناسىپ ھالدا ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ياراتقان. قۇملۇقلاردا پىنگۋىنلار يوق، پىنگۋىنلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى قۇملۇققا ماس كەلمەيدۇ. پىنگۋىنلار قۇملۇقتا تىزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاش تۆگىلەرمۇ جەنۇبى قۇتۇپتا ھايات كەچۈرەلمەيدۇ . اللە ھەممە نەرسىنى ئۆزلىرى قىلالايدىغان ئىشلار بىلەن ياراتقان. اللە ھەممىدىن قۇدرەتلىك، ھەممىدىن خەۋەردار دۇر. اللە بارلىق نەرسىلەرنى ھېچقانداق كەمچىلىكسىز ياراتقان. اللە قۇرئانى كەرىمدە تۈگىنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا بىزگە خەۋەر بېرىپ : «ئۇلارنىڭ تۆگىلەرنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقىغا قارىمامدۇ؟» (سۈرە غاشىيە 17- ئايەت)


كۆرگەنسىز بۇ قۇش كىچىكلىكىدىن قەلەم ئۈستىدە تۇرالايدۇ. گەرچە ئۇنىڭ جۇغى كىچىك بولسىمۇ ئۇ ئىنتايىن ئۇزۇن مۇساپىلەرنى باسالايدۇ. ھەمدە بۇ سەپىرىدە ئۇ قاناتلىرىنى 2.500000 (ئىككى يېرىم مىليون ) قېتىم قانات قاقىدۇ. سىز بىلىكىڭىزنى قانچە قېتىپ ئېچىپ ياپالايسىز ؟ ئەگەر سىز بېلىكىڭىزىنى 50 قېتىم ئېچىپ يېپىپ باقسىڭىز، ئەتىسى چوقۇم ئاغرىپ قالىدۇ. لېكىن بۇ كىچىك قۇش ئۈچۈن بۇنچىلىك 2.500000 (ئىككى يېرىم مىليون ) قانات قاقسىمۇ ئۇنىڭدا ھېچ قانداق ئىش يۈزبەرمەيدۇ . اللە بۇ قۇشلارنى مۇشۇنداق ئىنتايىن قىيىن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىيالايدىغان قىلىپ ياراتقان.



ئۆزىنى قوغدىغۇچى قىسقۇچ پاقا دېڭىزدا ئىنتايىن قىزىقارلىق جانلىقلار بار. بۇ جانلىقلار ئۆزگىچە ئۇسۇللار بىلەن ئۆز – ئۆزىنى قوغدايدۇ. قىسقۇچ پاقا بەزى قۇراللارنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى سەككىز پۇتلۇق بېلىق ، ۋە باشقا دۈشمەنلىرىدىن قوغدۇنىدۇ. ئوكيانلاردا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ ، قىسقۇچ پاقىلار بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەرنى يىغىپ ئۇلارنى قاسراقلىرى ئۈستىگە قويۇۋالىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تىكەنلىرى ئىنتايىن زەھەرلىك بولىدۇ . مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قىسقۇچ پاقىلار ئۆزلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىدىن قوغدىنىدۇ. ئۇنتۇپ قالماڭكى قىسقۇچ پاقىلار ئۆزلۈكىدىن بۇنداق ئالتۇندەك پىلاننى تۈزەلمەيدۇ . اللە ئۇلارغا دۈشمەنلىرىدىن قانداق ساقلىنىشنى ئۆگەتكەن .


سۇ ئۈزەلەيدىغان بوبي قۇش <بوبي قۇشىنىڭ پۇت بارماقلىرىدا سۇ ئۈزۈش پەردىسى بولۇپ چوڭقۇر سۇ ئاستىغا شۇڭغىيالايدۇ . اللە ئۇلارغا مۇشۇنداق سۇ ئۈزۈش پالاقچىسىغا ئوخشاش ئالاھىدە پۇتلارنى بەرگەچكە ئۇلار سۇ يۈزىدىمۇ ۋە چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدىمۇ سۇ ئۈزەلەيدۇ . ئۇلار چوڭقۇر دېڭىز ئاستىغا شۇڭغۇپ ئىنتايىن ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ بېلىق تۇتۇپ يەيدۇ.


بېلىقمۇ ئۇچالامدۇ ؟
ئۇچار بېلىق قۇشلارغا ئوخشاش قاناتلىرى بىلەن ئۇچمايدۇ . لېكىن ئۇ قۇشلارنىڭ قانىتىغا ئوخشاش قاناتلىرىنى يايىدۇ. ئۇلار سائىتىگە 56 كىلومېتىر مۇساپىنى باسىدۇ. بۇ خىل كىچىك بېلىق سۇدا قاناتلىرىنى يېيىپ، قۇيرۇقلىرىنى ئۈستىگە چىقىرىپ تېخىمۇ تىز ھەرىكەت قىلالايدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ئۇ سۇدا ئىنتايىن تىز ھەرىكەت قىلىدۇ. داۋامى بار.


پىنگىۋىنلار مۇزلۇق قىتئە بولغان جەنۇبى قۇتۇپتا قانداق ياشايدۇ؟
پىنگۋىنلار يەرشارىنىڭ جەنۇبى قۇتۇبىدا ياشايدۇ. قۇتۇپنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بولۇپ ئىنتايىن قاتتىق سوغۇق ، ھەمدە دائىم قار ۋە مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولغاچقا دېڭىز يۈزىدە مۇزتاغلار شەكىللىنىدۇ. ئەمدى، سىز قىشتا قار توپى ئوينىغىلى سىرتقا چىققاندا قانچىلىك سوغۇقنى ھىس قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ. گەرچە سىز پوپايكا، چاپان، تۇماق، بىر جۈپ پەلەي، ۋە شارپا قاتارلىقلارنى كىيىۋالغان بولسىڭىز يەنىلا سوغۇقنى ھېس قىلىسىز. سىز قار توپى ئوينىغان ۋاقىتتا تېمپېراتۇرا تەخمىنەن نۆلدىن تۆۋەن 10 گرادۇس بۇلىشى مۇمكىن، پىنگۋىنلار تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 40 گرادۇسلۇق جايلاردا ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىنگۋىنلار چاپان، پوپايكا، ياكى پەلەيلەرنى كەيمەيمۇ ، بىزنىڭ يۇرتىمىزدىن خېلىلا سوغۇق جايلاردا ياشايدۇ. ئۇلار قار تۆپىسىدە ئاياغسىز ماڭسىمۇ ئۇلار كېسەل بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيىمۇ يوق. ئۇلار مۇز تۆپىسىدە ئۇخلايدۇ. ئەگەر سىز مۇز تۆپىسىدە بىر نەچچە مىنۇت ياتىدىغان بولسىڭىز سىز بەلكىم كېسەل بولۇپ قالىسىز. پىنگۋىنلارغا ھېچنېمە بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن؟
بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلۇغ اللە ئۇلارنى مۇشۇنداق يول بىلەن ئاشۇنداق مۇزلۇق مۇھىتتا ياشىيالايدىغان قىلىپ ياراتقان. پىنگۋىنلارنىڭ بەدىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بىزنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلار ئىنتايىن قاتتىق سوغۇق ھاۋادا ھېچقانداق قىيىنچىلىقسىز ھايات كەچۈرەلەيدۇ. اللە پىنگۋىنلارنىڭ بەدىنىنى قېلىن ماي قاتلىمى بىلەن ئوراپ ياراتقان بولۇپ شۇڭا ئۇلار سوغۇقنى سەزمەيدۇ. بۇ ماي قاتلىمى ئۇلارنىڭ سوغۇقنى ھېس قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە تېرىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. ئەكسىچە بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى بۇنداق ماي قاتلىمى ئىنتايىن نېپىز . مانا بۇ بىزنىڭ ئاسانلا توڭىدىغانلىمىزنىڭ سەۋەبى. مانا بۇ سوغۇق ھاۋادا ئىنتايىن قېلىن كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى. پىنگۋىنلار تۇخۇملىرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مېھرىبانلىق كۆرسىتىدۇ. پىنگۋىنلار ئىنتايىن سوغۇق ھاۋادىمۇ تۇخۇم باسىدۇ. باشقا جانلىقلارغا ئوخشىمايدىغان يىرى، پىنگۋىنلاردا چىش پىنگۋىن ئەمەس، بەلكى ئەركەك پىنگۋىن تۇخۇم باسىدۇ. چىشى پىنگۋىن پەقەت بىرلا تۇخۇم تۇغۇپ ئۇنى ئەركەك پىنگۋىنغا قالدۇرىدۇ. ئېرى ۋە بالىسىغا يېمەكلىك تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن مۇساپىلەرنى باسىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنىڭ ھەممىسى مۇز ۋە قارلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ چىشى پىنگۋىن يېمەكلىك تېپىش ئۈچۈن يىراق جايلارغا بېرىشى كېرەك بولىدۇ . ئەركەك پىنگۋىن تۇخۇمنى دەل تۆت ئاي باسىدۇ. پىنگۋىن بۇ تۆت ئاي جەريانىدا تۇخۇمنى ئىككى پۇتى ئوتتۇرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ. ئۇ قەتئىي بۇ تۇخۇمنى يەردە قويۇپ قويمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلسا، بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە تۇخۇم مۇزلاپ ئۆلۈپ قالىدۇ. ئەركەك پىنگۋىن تۆت ئاي ئىچىدە ئىنتايىن سەۋىرچان بولىدۇ . ئۇ تۇخۇمنى ئىككى پۇتىنىڭ ئوتتۇرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ . مانا بۇ ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچقان تەقدىردىمۇ ئوۋ قىلغىلى چىقماسلىقىنىڭ سەۋەبى. ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق . ئەگەر ھاۋا چىداپ تۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە سوغۇق بولسا، بارلىق ئەركەك پىنگۋىنلار گەرچە تۇخۇملىرىنى ئىككى پۇتىدا كۆتۈرۈۋالغان
بولسىمۇ بىر يەرگە يىغىلىدۇ. ئۇلار بىر - بىرىگە يېقىن كېلىپ چەمبەر شەكىل ھاسىل قىلىدۇ . بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇلار بىر - بىرىنى ئىسسىتىدۇ. ئۇلار ئۈزلۈكسىز ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرغاچقا ئەگەر بىرەرسى چەمبەر شەكىلنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالسىمۇ ئىسسىق تۇرالايدۇ. تۇخۇم بېسىۋاتقان ۋاقىتتا ئانا پىنگۋىن ئوۋ دىن قايتىپ كېلىدۇ . ئۇ بالىسىنى كېكىردىكىدە ساقلاپ قويغان يېمەكلىك بىلەن باقىدۇ. ئانا ۋە دادا پىنگۋىن ئۆز - ئارا ئالمىشىپ بالىسىنى ئىككى پۇتىنىڭ ئوتتۇرىدا كۆتۈرۈپ تېرىسى بىلەن ئۇنى ئىسسىق ساقلاپ مۇزلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆردىڭىزمۇ! ئۇلۇغ اللە بۇ سۆيۈملۈك
جانلىقلارغا ئىنتايىن نازۇك ئالاھىدىلىكلەرنى بەرگەن. اللە پىنگۋىنلارنى ئۆزلىرىنى سوغۇقتىن ساقلايدىغان بەدەن بىلەن ھەمدە ئىنتايىن كۆيۈمچان قىلىپ ياراتقان. چۈنكى ئۇلار ئىنتايىن ساداقەتمەن، ھەمدەئەۋلادلىرىنى ئىنتايىن ئاسرايدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك پىنگۋىنلارغا مىليونلىغان يىللار ئىلگىرى بېرىلگەن . پىنگۋىنلار بۇرۇن ياشىغان بولسۇن ياكى بۈگۈنكى كۈندە ياشىغان بولسۇن ئۇلارنىڭ مېھرىبانلىقى قىلچە ئۆزگەرگىنى يوق.


اللە يەرشارىنى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن ، يەرشارىدا نۇرغۇن جانلىقلارنى ياراتتى. بۇلارنىڭ بىرسى ئىنسانلار. بىز سىزگە بۇرۇنلا ئىنسانلارنىڭ قانداق يارىتىلغانلىقنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇ پىلانىتتا ئادەمدىن باشقا جانلىقلارمۇ بار. ئۇلار بولسا ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر.بۇ قىسىمدا بىز بۇ ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرىمىز. بۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى ھەركۈنى سىز ئايلانغىلى چىققاندا ياكى، ئارقا ھويلىدا ياكى بالكۇنلاردا ئوينىغان ۋاقىتتا كۆرۈپ تۇرىسىز. سىز بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۈزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقمىغانسىز .


چىۋىن يەرشارىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇچالايدىغان جانلىق بىز پاشىنىڭ ئۆزگىچە ئالاﻫىلىدىلىكلىرىنى ئۇزۇن تىلغا ئالدۇق. ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدىكى بارلىق قۇرۇت - قوڭغۇزلاردا بىزنى قىزىقتۇرىدىغان نۇرغۇن ئالاﻫىدىلىك بار. مەسىلەن: چىۋىن تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپلا كارامەت ئۇچالايدۇ . چىۋىن ئۇچۇۋاتقان ۋاقىتتا بىز چىۋىن ئىنتايىن تالانتلىق جانلىق ئىكەن دەيمىز. بىر چىۋىن سېكۇنتىغا 500دىن 1000 قېتىمغىچە قانات قاقىدۇ. ئەمدى توختاپ بىردەم تەپەككۇر قىلىڭ؛ بىز تىلغا ئالغان ۋاقىت بىر سائەت ئەمەس، بىر مىنۇتمۇ ئەمەس، پەقەت بىر سېكونت. بۇ پەقەت سىزنىڭ كۆزىڭىزنى ئېچىپ يۇمغانچىلىك ۋاقىت. چۈشەندىڭىزمۇ؛ سىز كۆزىڭىزنى ئېچىپ يۇمۇپ بولغۇچە چىۋىن قانىتىنى ئاز دېگەندە 500 قېتىپ قېقىپ بولىدۇ . ئەمدى تۆۋەندىكىلەرنى تەپەككۇر قىلىڭ: سىزدىن سېكۇنتىغا بېلىكىڭىزنى چىۋىندەك 500 قېتىم ئەمەس 10 قېتىم ئېچىپ يېپىپ بېقىڭ دەپ سورالسا سىز قانداق قىلىسىز؟ شەكسىزكى، سىزنىڭ بەدىنىڭزدە بار بولغان مۇسكۇللىرىڭىزنى سېكۇنتىغا 500 نى قانات قېقىشنى ئورۇنلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. چىۋىن ئالاﻫىدە بەدەن مۇسكۇللىرى بىلەن سىز ياكى يېتىلىگەن چوڭلارمۇ قىلالمايدىغان ۋەزىپىنى قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چىۋىن ئۇچۇۋاتقان ۋاقىتتا ﻫېچقانداق قىيىنچىلىق ﻫېس قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ قانىتى ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ. مانا بۇ اللە نىڭ ئۇلارنى مۇشۇنداق ئالاﻫىدە سىستېما بىلەن ياراتقانلىقنىڭ دەلىلى.ئەگەر سىز ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ قارىغان بولسىڭىز ئۇنىڭ قىينالمايلا ئۇچۇۋاتقانلىق تەجرىبىسىگە گۇۋاﻫچى بولاتتىڭىز . بۇ سىزنى ﻫەيران قالدۇرالمىسۇن ياكى سىز ئېتراپ قىلماڭ. قانداقلا بولمىسۇن بۇ بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە قىيىن ﻫەرىكەت . سىز تىك ئۇچار ۋە ئايروپىلان توغرىلىق كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا ئىنسانلار ئۇلارنى ئىشلىتىشكە قادىر بولغىلى قانچىلىك بولدى؟
 

ماشىنىلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇچالىشى پەقەت ئۆتكەن ئەسىردىلا تەرەققىي قىلدى. بۇنداق دېگەنلىك بىرنەچچە يۈز يىل ئىلگىرى بۈگۈنكىدەك ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار يوق ئىدى. ئىنجنىرلار ۋە تېخنىكلار ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت تەتقىق قىلىپ، ﻫەمدە نۇرغۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىپ بۇ ماشىنىلارنى يېقىندىلا ياساپ چىقتى. قاراڭ ! بۇ بەكمۇ مۇﻫىم؛ بۈگۈنكى كۈندە ﻫېچقانداق ماشىنا چىۋىندەك مۇكەممەل ئىقتىدار بىلەن ئۇچالمايدۇ. بۇ ئالاﻫىدىلىكلەرنىڭ بەزىلىرى بەزى تىپتىكى تىك ئۇچارلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ. گەرچە نۇرغۇن تېرىشچانلىقلار ئارقىلىق كۈچلۈك ئالاﻫىدە تەرەققىي قىلغان ماتۇرلار بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بۇنداق تىك ئۇچارلار ﻫازىرغىچە چىۋىندەك ئۇنداق مۇكەممەل دەرىجىدە ئۇچالمايدۇ.ئىنسانلار ئەڭ يېڭى ۋە ئالاھىدە تېخنىكا بىلەن ئىشلەپ چىقارغان تېك ئۇچار ئايرۇپىلانلار چىۋىنلاردەك ئۇنداق مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇچالمايدۇ. .
ئەمدى سىز چىۋىننىڭ ئۇچىشىغا دىققەت قىلىپ بېقىڭ، سىز نېمىگە دىققەت قىلدىڭىز؟ سىز بەلكىم چىۋىننىڭ تۈز بىر لىنىيەدە ئۇچمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىڭىز. ئۇ نىشانغا خۇددى مانېۋىر ئۆتكۈزگەندەكلا ئۇچىدۇ. ئۇ ﻫاۋادا غوڭۇلداپ تۇيۇقسىز بۇرىلالايدۇ . ﻫەرقانداق جاي بۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر بىۋاسىتە قونالايدۇ . ﻫەتتا تورۇسلارغا، ۋە تىك تاملارغا ئوڭايلا قونالايدۇ .ﻫېچقانداق ئۇچار ماشىنا يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلالمايدۇ. ئايروپىلان بىلەن چىۋىننىڭ ئۇچىشىنى قىياس قىلىپ بېقىڭ، ئاندىن قايسىسىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلىۋالايسىز . ﻫازىر سىزدە تۆۋەندىكى سوئال پەيدا بولغاندۇ، كىم چىۋىنلەرگە مۇشۇنداق ﻫەرىكەتلەرنى ئۈگەتكەندۇ ؟ بىز بۇ يەردە يەنىلا اللە نىڭ چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز . چىۋىنگە مۇشۇنداق كارامەت ئۇچۇش ئىقتىدارىنى بەرگەن پەقەت بىر اللە دۇر. ھازىرغىچە ئەتراپىمىزدا دائىم
كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان جانلىقلار ئۈستىدە سۆزلىدۇق. قانداقلا بولمىسۇن، يەنە بىز ئەتراپىمىزدا كۆرەلمەيدىغان لېكىن تېلېۋىزورلاردا ياكى كىتابلاردىلا كۆرەلەيدىغان جانلىقلارمۇ بار. بۇ جانلىقلارنىڭمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بار. ئەمدى بىز سىزگە ئۇلاردىن ئازراق سۆزلەپ بېرەيلى . سىز بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «اللە ئۇلارنى نېمە دېگەن ئاجايىپ ياراتقان ھە!؟» دەيسىز.
تەنتاۋى..............

ئاللا تائاللا قۇرئاندا <<ئىنسان بىر ياراتقۇچىسىز يارالغانمۇ ؟ ياكى ئۇلار ئۆزى ياراتقۇچىمۇ >> ەيدۇ .
تېخىمۇ كۈلكىلىك بىر نەرسە ؛ دىنسىزلار ئاللا تائاللانىڭ بەزى مەخلۇقلارنى يارتىشىدىكى قائىدىسىنى تونۇپ قېلىشى ۋە شۇ قائىدىگە ئاساسلىنىپ بەزى مەۋجۇد بار نەرسىلەرنى ئىجاد قىلالىشى بىلەن خۇش بولوپ ئۇچۇپ كېتىشتى . ھەم شۇنى ئاللا تائاللانىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشقا دەلىل قىلىشتى . ئۇلار بۇلۇتلارنىڭ قانداق پەيدا بولۇشىنى ، يامغۇرنىڭ قانداق پەيدا بولوشىنى ، چۈجىنىڭ قانداق رەۋىشتە تۇخۇمدىن چىقىشىنى تونۇدۇق . ئەمدى ئاللاھنىڭ برلىقىغا ئىشىنىشكە ھاجەت يوق ، دېيىشتى . بۇنداق دېيىش ئاجايىپ ئەقىلسىزلىق ، ناھايىتى ئەخمەقلىق . بۇ بولسا ئاللا تائاللانىڭ شەيئىلەرنى يارتىشتىكى ، ئىجاد قىلىشتىكى قانۇنىيىتىدۇر ، ئۇنى تونۇش قانداقسىگە ئاللاھنىڭ بار ئەمەسلىكىگە دەلىل بولىدۇ ؟ بەلىك ئەكىسچە ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە چەكسىز بىلىم ئېگىسى ئىكەنلىكىگە ھەر قانداق ئىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر . ئەگەر بۇلاردا بىر ئاز ئەقىل بولسا ئىدى ئۇنداق تونۇمايىتتى . بۇلارنىڭ مۇشۇ ئەمەلى ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىش ۋە تېنىشىدىكى ئەھۋالى خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا مېۋە قويۇلسا ئۇنىڭدىن تويغۇچە يىسە ، ئاندىن كيىىن ئۇ ئادەم بۇ مېۋىنى كىم ئەتتى ؟ دەپ سورىسا ئۇ ئادەمگە ئاللا ياراتتى دەپ جاۋاب بىرىلسە ، ئۇ ئادەم ئاللا تائاللانىڭ ياراتقان مېۋىسىدىن ئىبارەت تەسىرىگە قاراپ ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنسە ، ئاندىن ئۇ ئادەم بىر ۋاقىتتا مېۋىلىك باغقا كىرىپ ، مېۋە كۆچىتىنى قانداق تىكىشنى ، قانداق ئۆستۈرلىشىنى ، قانداق نەسىللەشتۈرۈشنى كۆرۈپ بىلىۋىلىپلا مېۋىنى ئاللا ياراتمايدىكەن دەپ ئىنكار قىلغاندەك ۋە ئاللاھنىڭ مېۋىنىڭ ئۇرۇقىنى ۋە مېۋە ئۇرۇقى ئۈنگىدەك تۇپراقنى ، سۇنى .ھاۋانى پەيدا قىلغىنىنى ، ۋە باغۋەننى ياراتقىنىنى ، ئۇنىڭغا قابىليەت بەرگىنىنى ، باغۋەنچىلىك ئىلمىنى بىلدۈرگىنىنى ۋە شۇنىڭ بىلەن باغۋەن ئۇنى تىكىپ ، سۇغۇرۇپ ، ئۆستۈرۈپ ، نەسىللەندۈرۈپ ، مېۋە پىششقلاشنى ئۈگەنگەننى ئۇنۇتقاندەك ئىشتۇر . بۇ مىسال دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ يارتىلىشىدىكى بەزى ئۇسسۇللارنى تونۇشى بىلەنلا ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ مىسالىدۇر .
ئۇلار سوئال قويۇپ سىلەر دۇنيادىكى شەيئىلەرنى يارتىشتىكى قانۇنلارنى تونۇيالاپسىلەر ، شۇ قانۇننى كىم تۈزگەن ؟ شۇ ئۇسسۇلنى كىم ئىشقا ئاشۇرغان ؟ شەيئىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىشقا ۋاستە بولغان ماددىلارنى كىم پەيدا قىلغان ؟ دىيىلسە ، ئۇلار تەبىيئەتنىڭ ئىشى دەيدۇ ، ئەگەر تەبىيئەت سۆزلىيەلىگەن بولسا ، سىلەر ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار دىگەن بولسىدى ،ئۇلار ئۇ چاغدا تەبىيئەتنى ئىنكار قىلغان بولاتتى ، ئاللانى ئىتىراپ قىلىمغاندەك تەبىيئەتنىمۇ ئىتىراپ قىلمايىتتى . ئاللا تائاللا ئۆزىنىڭ كىتابى قۇرئاندا ئۇلارغا خىتاب قىلىپ << ئى ئىنسانلار ! سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان ئىگەڭلارغا ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىڭلار ! ئىگەڭلارنىڭ غەزىپى ۋە جازاسىدىن ساقىلىنىشىڭىلاردىن ئۈمۈد قىلالايسىلەر >> دەيدۇ سۈرە بەقەرە 21- ئايەت . .
دىنسىزلار ئاللا تائاللاغا ئىتائەت قىلىشتىن ، ئاللا كۆرسەتكەن يول ئىچىدە مېڭىشتىن قاچقانىلىقى ئۈچۈنلا ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ . ئاللا تائاللا ئالەمنى ياراتقۇچى ، ئالەمنى ئىدارە قىلغۇچى دەپ ئىشىنىش بولسا ، ئۆلۈك  قارغۇ ھەم پاڭ ، تەبىيئەتنى ئالەمنى ياراتقۇچى دەپ ئىشىنىشتىن قىيىن ئەمەس ، ئەقىلدىن يىراق ئەمەس . ماددى ئالەمنىڭ ئىلمىنى بىلگەن بىر ئالىم شۇنداق دىگەن <<ئەگەر دۇنيا  ئۆزىنى ئۆزى يارتىش مومكىن بولسا ئىدى ، ئەلۋەتتە ياراتقۇچىنىڭ خۇسۇسى سۈپەتلىرىدىن پايدىلىنىپ (ئۆزىگە شۇ سۈپەتنى ئىگىلەپ ، ئاندىن ئۆزىنى ئۆزى يارتىشى لازىم بولاتتى . شۇنداق بولغاندا ئالەم ئۆزى خۇدا دېيىشكە مەجبۇر بولاتتۇق . ئالەمنىڭ ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا تەسلىم بولماي بولمايدۇ . ئالام ئۆزىگە ئۆزى خۇدا بولار بولسا ئۇ بىر تەرەپتىن غايىپ بىر نەرسە بىر تەرەپتىن ماددىي نەرسە بولغان ئاجايىپ بىر خۇدا بولوشى توغرا كىلىدۇ . شۇڭا ماددىي ئالەمنى ياراتقان ۋە ئكزى ماددىي ئالەمدىن بولىمغان بەلكى ئالەمە ھاكىم بولغان ، پىلانلىق ياراتقان ، باشقۇرغان بىر خۇداغا ئىشىنىشنى ياخشى كۆرىمەن ، دارۋىنچىلار دىگەندەك ئالدامچىلىك گەپكە ئىىشىنىشنى خالىمايمەن >> دەيدۇ . يەنى دىنسىزلارنىڭ ، تەبىيئەت ، زۆرۆرىيەت ۋە تاسسادىبى پەيدا بولوش بۇ ئۈچ نەرسە ئالەمنى ياراتتى ، شەيئىلەرگە ھايات بەردى ،قانۇن ئىنتىزامنى تۈزۈپ چىقتى ، دىگەن ئالدامچىلىق سۆزىگە ئىشەنمەيمەن >> . چۈنكى بۇ تونۇش كۆپ تەرەپلىمىلىك ، بىلىمسىزلىك ۋە ئەقىلنىڭ ناھايىتى بۇزۇلغانلىقىدۇر >> دېدى .
.....................................
دىنسىزلارنىڭ <<شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولغان نەرسىنىڭ بىرسى زۆرۆرىيەت (ئېھتىياج) . بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ؛ ئالەمدىكى شەيئىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىماسلىقى زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن بولغان . مەسلەن ، زىراپە دىگەن ھايۋاننىڭ بوينىنىڭ ئۇزۇن بولوشى ئۇنىڭ ئېگىزدەرەخلەردىكى غازاڭلاردىن ئوزۇقلىنىشى زۆرۈر بولغانمىش . بېلىقنىڭ سۇ ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرۈشكە بولغان ھاجىتى ئۇنىڭغا سۇ ئۈزۈشكە ياردەم بېرىدىغان ، قانات-قىلتىرىقلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولغانمىش ۋەھاكازا .
بۇلار مۇنداق باتىل قالايمىقان گەپلەرنى قىلىپ جۆيىلىشىنىڭ سەۋەبى ، ئالەمنى ياراتقان ئاللا تائاللاغا ئىشىنىشتىن ئىبارەت ھەقىقەتكە دۇچ كېلىشتىن قېچىشتۇر . ئۇنداق بولماي راست ئەمەلىيەتنى سۆزلىگەن بولسا ئىدى . زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ئەمەس ، ئاللا تائاللانىڭ مەخلۇقلىرىغا قىغان ئىلتىپات ۋە مەرھەمەت سەۋەبىدىن دېيىشى كېرەك ئىدى .
مەسلەن ؛
بالا تۇققان ئانىنىڭ بالىسى تۇغۇلۇش بلىەن تەڭ ئەمچىكىدىن سۈت بېرىۋاتقىنىغا قارىمامدۇ ؟
بالىنىڭ سۈتكە بولغان ئېھتىياجى سۈتنى پەيدا قىلدىمۇ ؟
ياكى ئانىسى ئۆزى پەيدا قىلدىمۇ ؟
ياكى بالىغان بولغان ئاللاھنىڭ شەپقەت ۋە مەرھەمىتى قىزىل قاننى ئاق سۈتكە ئايلاندۇرۇپ بەردىمۇ ؟
كېيىن پەيدا بولىدىغان زۆرۈرىيەت ئۆزىدىن بۇرۇن ئەمچەكنى ۋە سۈتنى ياراتقانمۇ ؟
تېخى ، تۇغۇلمىغان بالىنىڭ قورساقتا تۇرۇپ كىندىككە تۇتاشقان نوكەش نەيچە ئارقىلىق ئوزۇقلانغىنىنى ئويلاپ كۆرمەمدۇ ؟
بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانىسى ئۇنىڭ غىزاسىنى ئەمچەكتە كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ۋە بۇۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى شورىشى ئۈچۈن ئاللا تائاللانىڭ يول كۆرسەتكىنىگە ، تاماق ،مېۋە ،كۆكتات بىلەن ئوزۇقلىنىش ھالىتىگە يەتكەنگە قەدەر مۇئەييەن مىقدار بىلەن ئەمچەككە سۈت كەلتۈرۈپ بەرگىنىگە قارىمامدۇ ؟
ئەركەك ھايۋانلارنىڭ ئاللا ئورناتقان جىنسى ئالاقە قىلىش تەبىيئىتىنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن چىشى ھايۋانلارنى مەلۇم بىر مەزگىل قوغلاپ بوغاز قىلىشى ، شۇنىڭ بىلەن ئىنساننى گۆش ،سۈت ، قايماق ، سېرىق ماي بىلەن تەمىنلىشى ، ئىنسان ھاياتى داۋامىدا ئېھتىياجلىق بولغان ئاساسى غىزاسىنى تولۇقلاپ بېرىشىدىكى ئاللا تائاللانىڭ ئىلتىپاتىنى ئويلاپ كۆرمەمدۇ ؟
دۇنياغا ئەڭ كېيىن يارتىلغان ئىنساننىڭ ئۇزۇندىن بۇرۇن ئەركەك ھايۋانلارغا تەبىيئەت ، چىشى ھايۋانلارغا ئەمچەك ،سۈت ياراتقاچ تۇرغانمۇ ؟ياكى ھايۋانلار ئۆز تەبىيئىتىنى ،ئۆزخىسلىتىنى ئۆزى ياراتقانمۇ ؟
...ئىلىم، پىلان ،تەدبىر ۋە مەرھەمەت ئېگىسى ئاللا تائاللا ئىنسان ئۈچۈن ئالدىن پىلانلاپ ياراتقان دېسەك ئەمەلىي ھەقىقەت بولىدۇ . ئەلۋەتتە .
ئەنجۈر مېۋىسىنى چاڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر ئەنجۈر مېۋىسىدىن يەنە بىرىگە ئۈچۈپ كىرىپ ئىنسان ئۈچۈن تاتلىق ئەنجۈر مېۋىسى يېتىشتۈرۈشكە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر خىل چىۋىنغا قارىمامدۇق .بۇ كىمنىڭ ئىلتىپاتى ؟
ھاۋادىكى شامالغا قارىمامدۇ ؟
بۇلۇتنى شامال قانداق ھەيدەپ يۈرىيدۇ ؟
بۇلۇت دىگەن يەر يۈزىدىكى ھۆل نەرسىلەردىن ، دېڭىزلاردىن ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلگەن قويۇق بۇس بولوپ بۇنى ئاللا تائاللا ھاۋا بوشلۇقىغا تارقاتقان ، ھاۋادا مەلۇم مىقداردا قويۇقلىشىپ ،بىر مىقدار سۈزۈك ،تاتلىق سۇنى كۆتۈرۈپ ، ئاللا بۇيرىغان يەرگە ياغدۇرىدۇ . بۇ سۇ بىلەن قۇرۇق زىمىن كۆكۈرۈپ ئادەم
ۋە ھايۋان يېمەكلىكلىرى ئۈنىدۇ . ئادەملەر ئۈچۈن دانلىق ، مايلىق زىرائەتلەر ، كىيىم-كېچەك خام ئەشيالىرى ، مېۋە -كۆكتاتلار چىقىدۇ .
ئېيتىڭلارچۇ ! ئەمچەككە سۈتنى قايسى زۆرۈرىيەت پەيدا قىلدى ؟
ھايۋانلارنىڭ نەسىللىنىشىدە قايسى زۆرۈرىيەت بار ؟
بىر خىل چىۋىن پەيدا بولوپ ، ئەنجۈرنىڭ ئەركەك ماددىسىنى چىشى ماددىسىغا قوشۇپ نەسسىللەندۈرۈپ ئەنجۈر بولىشىدا قايسى زۆرۈرىيەت بار ؟
دېڭىزلاردىن ئۆرلىگەن پارلارنى بۇلۇتلارغا سىڭدۈرۈپ ،قويۇقلىشىپ ، سۇ تامچىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ ، شاماللارغا بۇلۇتنى ھەيدىتىپ ، ئېھتىياجلىق زىمىنلارغا پايدىلىق مىقداردا مۇئەييەن ۋاقىتلاردا ياغدۇرۇپ ، يەرنى كۆكلىتىپ خىلمۇ خىل مېۋە ، غىزالارنى چىقىرىشتا قايسى زۆرۈرىيەت پىلانلانغان ؟
بۇلار زۆرۈرىيەتنىڭ ئىشى ئەمەس ، پەقەت ئاللا تائاللانىڭ مېھرىبانلىق بىلەن قىلغان مەرھەمىتىدۇر .ئۇ ئاللا ھەر نەرسىگە ئۆزىگە لايىق جىسىم ۋە شەكىل بەرگەن ۋە ھەممىگە ھايات يولى كۆرسەتكەندۇر .
ئۆسۈملۈكلەر ، ھايۋانلار ، ئىنسانلاردىن ئىبارەت بۇ ئۈچ خىل نەرسىنىڭ << ئەزەلدىن بار ئەمەس ، يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان نەرسە ئىكەنلىكىگە ماددىچىلارمۇ تەسلىم بولغان ۋە ئىنسان بۇ ئۈچ تۈرلۈك نەرسە ئىچىدە ئەڭ كېيىن پەيدا بولغانلىقىغىمۇ قايىلدۇر .
بۇلارنى كىم پەيدا قىلغان ؟دەپ سوئال قىلىنىدۇ ، بۇ سوئالغا ئۈچ تۈرلۈك جاۋابنىڭ بىرىنى بەرمەي مۆمكىن ئەمەس .
1- بۇلارنى ئاللا تائاللا پەيدا قىلغان دەپ جاۋاب بېرىش .
2- بۇ نەرسىلەر ئۆزىگە خاس ھۈجەيرە ، زەررە ،ماددىلاردىن مەلۇم ئىرادە ۋە مەقسەد ۋە ئەھمىيەت بېرىش ، ئارقىلىق پەيدا بولغان ،دەپ جاۋاب بېرىش ، يەنى ماددىلار ،ھۆجەيرىلەر ئۆشى پىكىرلىشپ ، پىلان قىلىشىپ ، بىرلىككە كېىلپ ، شەيئىلەرنى ئۆزىنىڭ ھازىرقى شەكلى خۇسۇسىيىتى بىلەن ياساپ چىققان ،دەپ جاۋاب بېرىش .

3- شەيئىلەر ئۇشتۇمتۇت ، ئۆزىچىلا مۇشۇنداق پەيدا بولغان ، يەنى زەررىلەر تاسسادىبىي تۇيۇقىسىز بىر-بىرىگە ئۇچۇرشۇپ مۇئەييەن مىقداردا ، مەخسۇس ۋەزىيەتتە توپلۇشۇپ قېلىپلا ، ئىنسانلار ، ھايۋانلار ، ۋە باشقىلار پەيدا بولوپ قالغان ،دەپ جاۋاب بېرىش .

ئويلاپ كۆرۈڭلار ؛ بۇ ئۈچ جاۋابنىڭ قايسىسى توغرا ؟

2- جاۋابى دىنسىزلار ئۆزىمۇ رەت قىلىدۇ . ئۇنىڭغا قايىل بولمايدۇ . چۈنكى بۇ جاۋاب ماددىغا مەقسەد ،ئىرادە ئىسپاتلاپ قويىدۇ . ھالىبۇكى دىنسىزلار ماددا مەقسەد ، ئىرادە دىگەن نەرسە يوق دەيدۇ .

3- جاۋابنى بېرىش مومكىن ئەمەس . چۈنكى شەيئىلەرنىڭ غەرەزسىز ، پىلانسىز ئۇشتۇمتۇت ، ئۆزىچىلا پەيدا بولوش نەزەرىيەسنىڭ باتىل ۋە بۇزۇق خىيال ئىكەنلىكى يۇقىردا كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى .

پەقەت بىرىنچى جاۋابلا قالدى ، ئۇ بولسا ھەممە ئالەمنى ، ھەممە شەيئىنى ئاللا تائاللا ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ياراتتى ، دىگەن جاۋابتۇر . بۇنىڭ بىلەن دارۋىنچى دىنسزلارنىڭ خۇداسى بولغان تەبىئەت ، تاسسادىبىيلىق ۋە زۆرۈرىيەت دىگەن نەرسىلىرىنى ئىنكار قىلىپ (يوققا چىقىرىپ) ئالەمنى ئىلىم ،تەدبىر ،ھىكمەت كە ئۇيغۇن يارتقان بىر ئاللاھقا ئىشىنىش لازىم بولدى .

مۆمىنلەرنىڭ تونۇشىدا ئىنساننى ئاللا تائاللا ئاسماندا ئۆزى بىۋاستە تۇپراقتىن ياراتقان ، جان كىرگۈزگەن ، بارلىق شەيئىلەرگە ئىسىملارنى بىلدۈرگەن ، ئاسمان پەرىشتىلىرىنى سەجىدە قىلدۇرغان ، چىرايلىق قەددى-قامەتتە يارتقان ، ئالەمدىكى مەخلۇقلار ئارىسىدىن ئىنساننى ھۆرمەتكە خاس قىلغان ،ئۇنىڭ قېنىغا ، مېلىغا يولسىزلىق بىلەن چېقىلىشنى ھارام قىلغان ، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەۋەتكەن ، كىتابلارنى چۈشۈرگەن ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنى كامىللىققا ، ھازىرقى ۋە ئاخىرەتتىكى بەخىتكە لايىق يېتىشتۈرگەن ، ئۇنى يارتقان ، ھۆرمەتلىگەن سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ، ياراتقۇچىسى ، ۋە ئۇنىڭغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلىرى ۋە ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ئىشلىرى توغىرسىدا ئىنىق مەلۇماتلارنى بەرگەن مەخلۇقتۇر .

دىنسىزلارنىڭ تونۇشىدىكى ئىنسان بولسا ؛

ئۆسۈش، تەرەققى قىلىش ئارقىلىق ئەڭ قەبىھ شەكىلدە يارتىلغان ، ئاندىن كېيىن مىلىيۇن يىللار ئۆتۈشى بىلەن پەللىمۇ-پەللە مايمۇنغا ئۆزگەرگەن ، ئاندىن كېيىن يەنە مىلىيۇن يىللار ئىچىدە مايمۇندىن ئۈستۈنرەك بىر ھايۋانغا ئۆزگەرگەن ، يەنە مىلىيۇن يىللاردىن كېيىن ئىنسانغا ئۆزگەرگەن .

ئىنسان نېمىدىن يارتىلغانلىقى ، قانداق ئۆسۈپ تەرققى قىلغىنى توغىرسىدىن دىنسىزلارنىڭ كاتتىباشلىرى ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئەسكىلىرى ، بۇزۇقلىرى ، زوراۋانلىرى خەۋەر قىلىدۇكى ئۇلارنىڭچە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى يوقۇلۇپ تۈگەرمىش ، ئاخىرەتتە داۋاملىق ياشاش يوقمىش .

ئەمدى ،ئىككى ئىنساننىڭ قايسىسى ھۆرمەتكە لايىق ؟

قايسى ئىنساننى كىشىلەر ئېتىراپ قىلىشى لازىم ؟

مۆئمىنلەر دىگەن ئىنساننى ئىتىراپ قىلامدۇ ؟

ياكى دىنسىزلار ،دارىنچىلار دىگەن ئىنساننىمۇ ؟

ئاتىئېزىمچىلارنىڭ ئىنساننىڭ بارلىققا كېلىشى توغىرسىدىكى نوقتىئىنەزەرىنى قۇبۇل قىلىش لازىممۇ ؟

ئىنساننىڭ بارلىققا كېلىشى توغىرسىىكى دارۋىن نەزەرىيەسىگە قايىل بولۇش بولسا ، ئەقىلدىن ئازغانلىق ، ئىنسانلىق خىسلىتىنى يۇقاتقانلىق بولوپ ،بۇ مەينەت نەزەرىيەدۇر ...
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+3(general) ئەھمىيەتلىك
  • دوستلىشىش
    dulbarqin310
    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1599
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1599دانە
    ئۆسۈش: 600 %
    مۇنبەر پۇلى: 16988 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-31
    ئاخىرقى: 2012-09-06



    ماۋۇ قانداق ھايۋان ئەجەپ ئۇماقكىنا.
    دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
    ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5723
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 500
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە500دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 5378 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-18
    ئاخىرقى: 2012-09-06
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 19:50


    چىۋىن بىرسىكىنۇتتا 500دىن 1000قېتىمغىچە قانات قاقىدىكەن..
    يا ئاللاھ ،،،،،،،نىمىدىگەن كارامەت!!!
    دەرىجە: چەكلەنگەن

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1569
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1569دانە
    ئۆسۈش: 1840 %
    مۇنبەر پۇلى: 17344 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 300 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-15
    ئاخىرقى: 2012-06-20
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-29 20:09

    ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
    دوستلىشىش
    مۇئەززىن
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9093
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 9
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-09-29
    ئاخىرقى: 2011-10-01
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-30 11:57

    اللە نىڭ مۆقۇز لىرى  كارامەت...
    *C     ۋاختى ناماز!!!   *C
    كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1020
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1020دانە
    ئۆسۈش: 190 %
    مۇنبەر پۇلى: 10773 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-07-17
    ئاخىرقى: 2012-09-03
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-30 11:59

    گۈزەل.....
    ئادىيات
    شۈكرى.اللە
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1411
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
    ئۆسۈش: 1220 %
    مۇنبەر پۇلى: 15488 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-05
    ئاخىرقى: 2012-08-28
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-05 16:52

    ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى ھەقىقەتەن چەكسىز
    اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8146
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 9
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-07-15
    ئاخىرقى: 2011-10-09
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 17:06

    مۆجىزە بەكمۇ كۆپ
    ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق.
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5420
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 100
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە100دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 1010 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-01-02
    ئاخىرقى: 2012-09-07
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-07 18:23

    رەھمەت      
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9198
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 5
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
    ئۆسۈش: 30 %
    مۇنبەر پۇلى: 60 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-10-08
    ئاخىرقى: 2012-01-07
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 22:34

    ئاللا قولۇڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇاسىز.