
بىپايان قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەنھا ئۆسۈپ قالغان بىر تۈپ ئالقانسىمان كاكتوس قۇملۇققا قاراپ ئۇھسىنغان ھالدا:
— مەن نېمانچە بىچارە، بۇ قۇملۇقتا مەندىنمۇ بەتبەشىرە ئىككىنچى ئۆسۈملۈك بولمىسا كېرەك ، مېنىڭ نامايەندەم بولغان ئالقانلىرىم قورۇق باسقان ، قېلىن ھەم تىكەنلىك ، كىشىنى بىزار قىلىدۇ . بۇغۇ مەيلى ، مېنى تېخىمۇ ئازابلايدىغىنى، كۈنلىرىم تولىمۇ مەنىسىز ، ئەتىدىن كەچكىچە گومۇشلارچە مۇشۇ يەردە تۇرغىنىم تۇرغان، ھېچ ئىشقا كارغا كەلمەيمەن ، ئەڭ ئاددىيسى ئۆتكەن-كەچكەنلەرگىمۇ سايىۋەن بولالمايمەن ، ئۇلارغا بىر نەچچە تال بولسىمۇ مېۋە بېرەلمەيمەن . مەن گويا بۇ دۇنيادا ھېچقانداق كېرىكىم يوقتەكلا ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، — دەپتۇ.
بىچارە كاكتوسنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ئەتىدىن كەچكىچە جايىدا تۇرۇپ ، كۈندىن كۈنگە ئېگىزلەپ يوغىناشلا ئىدى . بويى ئۆسكەنسېرى ئومۇرتقىسى تېخىمۇ ئىگىلىپ باراتتى ، بىر تەرەپكە قىيسىيىپ قالغان ئالقانلىرىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىمۇ ئوخشىمايتتى ، ئۇ ئۆسكەنسېرى غەلىتىلىشىپ ھەم سەتلىشىپ كېتىۋاتاتتى .
‹‹باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلغۇم بار ئىدى›› دەيتتى ئۇ ھەسرەتلىنىپ .
كۈندۈزى بىر سار ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەگىپ يۈردى . كاكتوس:
— ماڭا ئېيتقىنچۇ ، قانداق قىلسام باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلالايمەن، — دەپ سورىدى ساردىن .
سار ئۇنىڭغا بىر ئاز قاراپ تۇرغاندىن كېيىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ، قاناتلىرىنى پالاقشىتقىنىچە ئۇچۇپ كەتتى .
كېچە ، تولۇن ئاي بۇلۇت ئارىسىدىن
شۇڭغۇپ چىقىپ ، ئاپپاق نۇرىنى قۇملۇققا چېچىشقا باشلىدى.
— ماڭا ئېيتقىنا ، قانداق قىلسام باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلالايمەن ؟ —كاكتوس ئايغا قاراپ ۋارقىرىدى . ئاي ئۇنىڭغا سوغۇققىنا قاراپ قويۇپ ، بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەي ، بىردەمدىلا بۇلۇت ئارىسىغا كىرىپ كەتتى .
كەسلەنچۈك قۇيرۇقىدا قۇملۇققا ئىز قالدۇرۇپ ئۆمىلىگىنىچە ئۇنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى .
— ماڭا بىر ئېيتقىنا ، قانداق قىلسام باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلالايمەن ؟- دەپ سورىدى كاكتوس يېنىدىكى كەسلەنچۈكتىن . كەسلەنچۈك :
— سەن ؟ — كەسلەنچۈك كۈلۈپ كەتتى، — باشقىلارغا پايدىلىق دەمسەن ؟ بولدى چۈش كۆرمە، سەن ھېچ ئىش قىلالمايسەن ! بۈركۈت ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ بىزگە كۈچلۈكلۈكىنى ۋە باتۇرلۇقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. تولۇن ئاي بولسا ئاسماندا تۇرۇپ ئېگىزگە ئېسىلغان پانوسقا ئوخشاش يولىمىزنى يورۇتۇپ ، ئۆيىمىزگە قايتىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ . ھەتتا مەندەك ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى يوق كەسلەنچۈكنىڭمۇ قىلغۇدەك ئىشى بار ، قۇيرۇقۇم بىلەن قۇملۇقتا گۈزەل ئىزلارنى قالدۇرۇپ ، قاقاس چۆللۈكنى چىرايلىق بېزەيمەن . ئەمما سەن بولساڭ ، تۇرقۇڭنىڭ كۈندىن كۈنگە سەتلىشىپ كەتكىنىدىن باشقا، ھېچنېمە قىلالمايسەن ! — دېدى . بىچارە كاكتوس قاتتىق ئازابلانغان ھالدا بېشىنى تۆۋەن سالدى .
ئايلار ، يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ ، كاكتوس ئۆزىنىڭ باشقىلارغا پايدىلىق ئىش قىلىپ بېرىش ئارزۇسىدىن بىر كۈنمۇ يېنىپ باقمىدى . ئاخىرى ئۇ قېرىپ ، ئۆمرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ھېس قىلدى .
— ئاھ پەرۋەردىگارىم، — ئۇ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن ۋارقىرىۋەتتى، — باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنى شۇنچە يىل ئارزۇ قىلدىم ، ھەر بىر كۈنۈم زارىقىش ئىچىدە ئۆتتى ، ئۇزۇنغا قالماي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىمەن ، قارىغاندا ئۆز قەدىر-قىممىتىمنى تاپالمايدىغان ئوخشايمەن ، يارامسىزلىقىمنى كەچۈرگىن.
دەل شۇ چاغدا كاكتوس ئۆز تېنىدىكى غەلىتە ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدى ، ئۇنىڭ تېنى كۆتۈرۈلۈپ سوزۇلۇۋاتاتتى ، بىر تال سېرىق گۈل خۇددى نەپىس خان
تاجىسىدەك ئۇنىڭ باش تەرىپىدە ئېچىلىشقا باشلىدى ، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ پۇتاقلىرىدا ، ئالقانلىرىدا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئېچىلىپ ، بىپايان قۇملۇققا كىشىنى مەست قىلىدىغان ساپ ۋە خۇشبۇي ھىدلارنى تاراشقا باشلىدى . بۇنىڭدىن بىچارە كاكتوسنىڭ پۈتۈن جىسمى شادلىققا چۆمۈپ ، بارلىق ئۈمۈدسىزلىك ۋە ھەسرەتلىرى بىر يولىلا يوقاپ كەتتى .
بۇ قۇملۇقتا ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن گۈزەل كۆرۈنۈش ، ئەزەلدىن تارىلىپ باقمىغان خۇشپۇراق ئىدى . ئۇ ھەربىر يولۇچىغا ھەم خۇشاللىق ھەم ھەيرانلىق تۇيغۇلىرىنى ئاتا قىلاتتى . سار، كېپىنەك ، كەسلەنچۈكمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرۈپ ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇر ئالاتتى . ھەتتا تولۇن ئايمۇ ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بۇ خۇشپۇراقنى ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن ، بۇرۇنقىدەك سوغۇق چىراي بولماستىن ، تەبەسسۇم قىلىشقا باشلىدى .

— بۇ كۈنلەرنى سەن بەك ئۇزاق كۈتتۈڭ ، — دېدى تولۇن ئاي كاكتوسقا ، — بىراق سېنىڭ كۈتكىنىڭ بىكارغا كەتمىدى ، ئەڭ بولمىغاندا بىر قائىدىنى بىلىۋالدىڭ : گەرچە ئۇ كېچىكىپ كەلگەن ھەم ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، دۇنيا ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تىپچەكلىگەن يۈرەك ، ھامان دۇنياغا ھەسسە قوشالايدۇ .
يەر شارى ۋاقتى گېزىتى