gayrat828 |
2011-09-28 19:56 |
[attachment=12661] بىپايان قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەنھا ئۆسۈپ قالغان بىر تۈپ ئالقانسىمان كاكتوس قۇملۇققا قاراپ ئۇھسىنغان ھالدا: — مەن نېمانچە بىچارە، بۇ قۇملۇقتا مەندىنمۇ بەتبەشىرە ئىككىنچى ئۆسۈملۈك بولمىسا كېرەك ، مېنىڭ نامايەندەم بولغان ئالقانلىرىم قورۇق باسقان ، قېلىن ھەم تىكەنلىك ، كىشىنى بىزار قىلىدۇ . بۇغۇ مەيلى ، مېنى تېخىمۇ ئازابلايدىغىنى، كۈنلىرىم تولىمۇ مەنىسىز ، ئەتىدىن كەچكىچە گومۇشلارچە مۇشۇ يەردە تۇرغىنىم تۇرغان، ھېچ ئىشقا كارغا كەلمەيمەن ، ئەڭ ئاددىيسى ئۆتكەن-كەچكەنلەرگىمۇ سايىۋەن بولالمايمەن ، ئۇلارغا بىر نەچچە تال بولسىمۇ مېۋە بېرەلمەيمەن . مەن گويا بۇ دۇنيادا ھېچقانداق كېرىكىم يوقتەكلا ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، — دەپتۇ. بىچارە كاكتوسنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ئەتىدىن كەچكىچە جايىدا تۇرۇپ ، كۈندىن كۈنگە ئېگىزلەپ يوغىناشلا ئىدى . بويى ئۆسكەنسېرى ئومۇرتقىسى تېخىمۇ ئىگىلىپ باراتتى ، بىر تەرەپكە قىيسىيىپ قالغان ئالقانلىرىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىمۇ ئوخشىمايتتى ، ئۇ ئۆسكەنسېرى غەلىتىلىشىپ ھەم سەتلىشىپ كېتىۋاتاتتى . ‹‹باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلغۇم بار ئىدى›› دەيتتى ئۇ ھەسرەتلىنىپ . كۈندۈزى بىر سار ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەگىپ يۈردى . كاكتوس: — ماڭا ئېيتقىنچۇ ، قانداق قىلسام باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلالايمەن، — دەپ سورىدى ساردىن . سار ئۇنىڭغا بىر ئاز قاراپ تۇرغاندىن كېيىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ، قاناتلىرىنى پالاقشىتقىنىچە ئۇچۇپ كەتتى . كېچە ، تولۇن ئاي بۇلۇت ئارىسىدىن شۇڭغۇپ چىقىپ ، ئاپپاق نۇرىنى قۇملۇققا چېچىشقا باشلىدى. — ماڭا ئېيتقىنا ، قانداق قىلسام باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلالايمەن ؟ —كاكتوس ئايغا قاراپ ۋارقىرىدى . ئاي ئۇنىڭغا سوغۇققىنا قاراپ قويۇپ ، بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەي ، بىردەمدىلا بۇلۇت ئارىسىغا كىرىپ كەتتى . كەسلەنچۈك قۇيرۇقىدا قۇملۇققا ئىز قالدۇرۇپ ئۆمىلىگىنىچە ئۇنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى . — ماڭا بىر ئېيتقىنا ، قانداق قىلسام باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلالايمەن ؟- دەپ سورىدى كاكتوس يېنىدىكى كەسلەنچۈكتىن . كەسلەنچۈك : — سەن ؟ — كەسلەنچۈك كۈلۈپ كەتتى، — باشقىلارغا پايدىلىق دەمسەن ؟ بولدى چۈش كۆرمە، سەن ھېچ ئىش قىلالمايسەن ! بۈركۈت ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ بىزگە كۈچلۈكلۈكىنى ۋە باتۇرلۇقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. تولۇن ئاي بولسا ئاسماندا تۇرۇپ ئېگىزگە ئېسىلغان پانوسقا ئوخشاش يولىمىزنى يورۇتۇپ ، ئۆيىمىزگە قايتىشىمىزغا ياردەم قىلىدۇ . ھەتتا مەندەك ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى يوق كەسلەنچۈكنىڭمۇ قىلغۇدەك ئىشى بار ، قۇيرۇقۇم بىلەن قۇملۇقتا گۈزەل ئىزلارنى قالدۇرۇپ ، قاقاس چۆللۈكنى چىرايلىق بېزەيمەن . ئەمما سەن بولساڭ ، تۇرقۇڭنىڭ كۈندىن كۈنگە سەتلىشىپ كەتكىنىدىن باشقا، ھېچنېمە قىلالمايسەن ! — دېدى . بىچارە كاكتوس قاتتىق ئازابلانغان ھالدا بېشىنى تۆۋەن سالدى . ئايلار ، يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ ، كاكتوس ئۆزىنىڭ باشقىلارغا پايدىلىق ئىش قىلىپ بېرىش ئارزۇسىدىن بىر كۈنمۇ يېنىپ باقمىدى . ئاخىرى ئۇ قېرىپ ، ئۆمرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى ھېس قىلدى . — ئاھ پەرۋەردىگارىم، — ئۇ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن ۋارقىرىۋەتتى، — باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنى شۇنچە يىل ئارزۇ قىلدىم ، ھەر بىر كۈنۈم زارىقىش ئىچىدە ئۆتتى ، ئۇزۇنغا قالماي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىمەن ، قارىغاندا ئۆز قەدىر-قىممىتىمنى تاپالمايدىغان ئوخشايمەن ، يارامسىزلىقىمنى كەچۈرگىن. دەل شۇ چاغدا كاكتوس ئۆز تېنىدىكى غەلىتە ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدى ، ئۇنىڭ تېنى كۆتۈرۈلۈپ سوزۇلۇۋاتاتتى ، بىر تال سېرىق گۈل خۇددى نەپىس خان تاجىسىدەك ئۇنىڭ باش تەرىپىدە ئېچىلىشقا باشلىدى ، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ پۇتاقلىرىدا ، ئالقانلىرىدا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئېچىلىپ ، بىپايان قۇملۇققا كىشىنى مەست قىلىدىغان ساپ ۋە خۇشبۇي ھىدلارنى تاراشقا باشلىدى . بۇنىڭدىن بىچارە كاكتوسنىڭ پۈتۈن جىسمى شادلىققا چۆمۈپ ، بارلىق ئۈمۈدسىزلىك ۋە ھەسرەتلىرى بىر يولىلا يوقاپ كەتتى . بۇ قۇملۇقتا ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن گۈزەل كۆرۈنۈش ، ئەزەلدىن تارىلىپ باقمىغان خۇشپۇراق ئىدى . ئۇ ھەربىر يولۇچىغا ھەم خۇشاللىق ھەم ھەيرانلىق تۇيغۇلىرىنى ئاتا قىلاتتى . سار، كېپىنەك ، كەسلەنچۈكمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرۈپ ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇر ئالاتتى . ھەتتا تولۇن ئايمۇ ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بۇ خۇشپۇراقنى ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن ، بۇرۇنقىدەك سوغۇق چىراي بولماستىن ، تەبەسسۇم قىلىشقا باشلىدى . [attachment=12662] — بۇ كۈنلەرنى سەن بەك ئۇزاق كۈتتۈڭ ، — دېدى تولۇن ئاي كاكتوسقا ، — بىراق سېنىڭ كۈتكىنىڭ بىكارغا كەتمىدى ، ئەڭ بولمىغاندا بىر قائىدىنى بىلىۋالدىڭ : گەرچە ئۇ كېچىكىپ كەلگەن ھەم ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، دۇنيا ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تىپچەكلىگەن يۈرەك ، ھامان دۇنياغا ھەسسە قوشالايدۇ .
يەر شارى ۋاقتى گېزىتى
|
|