21-سېنتەبىر ، رۇسىيەدىن چىقىدىغان ‹‹ئەتە گېزىتى›› دە ، ‹‹جۇڭگو ــ دەرىجىدىن تاشقىرى يوشۇرۇن دۆلەت›› دېگەن تېمىدا ماقالە بېسىلدى .
نۆۋەتتە ، غەرب ئەللىرى جۇڭگونىڭ تەھدىتى ئۈستىدە سۆز ئاچقاندا ، جۇڭگونىڭ دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئورنى ئاجىز بولۇۋاتقانلىقى ۋە جۇڭگونىڭ GDP سى ئامېرىكىدىن خېلىلا ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىپ كەتمەكتە . لېكىن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي GDP ئەھۋالىنى جۇڭگودىن باشقا ھېچكىم تولۇق چۈشەنمەيدۇ .
ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ ئەمەلىي GDP ئەھۋالى زادى قانداق ؟ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ، جۇڭگونىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قاراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ . ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ رەقەملىرىگە قارىغاندا ، جۇڭگودىكى چوڭ تىپلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 2009-يىلى 60 تىرىلليون يۈەن خەلق پۇلى، يەنى 9 تىرىلليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن . كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى 1~2 تىرىلليون دوللارغا يەتكەن . ئەمدى ئامېرىكىنىڭ سانائەت ئەھۋالى زادى قانداق بولۇۋاتىدۇ ؟ كىرىزسىتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي سوممىسى 6 تىرىلليون دوللاردىن ئاشمايتتى . بۇنىڭدىن جۇڭگونىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ئامېرىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا ، بۇ يىل 5-ئايغىچە جۇڭگو 55 مىليون توننا چۆيۈن ئىشلەپچىقارغان ، بۇ ئامېرىكىنىڭ بىر يىللىق مەھسۇلاتىغا باراۋەر . پۈتۈن يىللىق مەھسۇلات بويىچە ھېسابلىغاندا ، بۇ سان 650 مىليون توننىغا يېتىدۇ ، دېمەك بۇ ، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر يېرىم ھەسسىسىگە توغرا كەلدى دېگەن سۆز .بۇنىڭدىن باشقا ، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش كۆلىمىمۇ ئىنتايىن زور ، 2010-يىلى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش چىقىمى 27 تىرىلليون 800 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى (تەخمىنەن 4 تىرىلليون دوللار) غا يەتتى . ھالبۇكى ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ساھەدىكى چىقىمى 2009-يىلى ئاران 1 تىرىلليون 650 مىليارد دوللارغا يەتتى .
يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە ئەھۋال قانداق ؟ جۇڭگونىڭ گۆش مەھسۇلاتى ئامېرىكىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق بولۇپ ، يىللىق مەھسۇلاتى 80 مىليون توننىغا يېتىدۇ . ھازىر ئامېرىكىنىڭ قەرزى 14 تىرىلليون دوللارغا يەتتى . جۇڭگونىڭ قولىدا ئامېرىكىنىڭ 1 تىرىلليون 500 مىليارد دوللار زايوم چېكى بار . ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت پەرقى ناھايىتى چوڭ ، ئۇلارنىڭ ئىستېمالى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن . ئەجىبا ، ئامېرىكىنى يەنە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ھېسابلىغىلى بولامدۇ ؟ ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا يېتىشىۋېلىشى ياكى ئېشىپ كېتىشى ھاجەتسىز ، پاكىت ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ . لېكىن جۇڭگو ئىستراتېگىيەنى نەزەرگە ئېلىپ ، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى ۋاقتىنچە ئېتراپ قىلمايۋاتىدۇ . ئامېرىكا رەسمىي ئېلان قىلغان GDP كۆلىمى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ-ئەمەسمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ رەقەم كۆپتۈرۈۋېتىلگەن . جۇڭگونىڭ كۆلىمى قەستەن تۆۋەنلىتىلگەن . دېمەك ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىي GDP سى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىپ بولدى .
غەربلىكلەر : ياۋروپا ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى باشقا دۆلەتلەردە يوق بەزى يۇقىرى تېخنىكا ئىقتىدارىغا ئىگە ، جۇڭگونىڭ سانائىتى بىر قەدەر ئارقىدا قالغان ، ئۇلار ئىلغار تېخنىكا مۇجەسسەملەشكەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ ، دەپ قارىماقتا .لېكىن بۇنداق قاراش خاتا ، جۇڭگو بۇنداق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېزدىن ھازىرلىيالايدۇ . ئارقىدىنلا يېڭى تېخنىكا پەللىسىنى ئىگىلەپ ، ئاۋىياتسىيە–ئالەمگە ئۇچۇش ئۇنىۋېرىسال سىستېمىسى ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئارمىيەسىنى بەرپا قىلىدۇ .جۇڭگو چەت ئەللەردىن مۇرەككەپ ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ ، ئۇنىڭ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، جۇڭگو يەنە ئۆزىنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرماقتا . ھازىر جۇڭگونىڭ پەن تەتقىقات كۆلىمى ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشىپ قالدى ، ھەتتا ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى . بۇنىڭدىن باشقا ، جۇڭگو چەت ئەللەردىكى چوڭ شىركەتلەرنى جۇڭگونىڭ پەن-تەتقىقات ساھەسىگە قاتناشتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ . جۇڭگو يەنە پۈتۈن دۇنيادىن ئىلغار تېخنىكا توپلاۋاتىدۇ . شۇڭا جۇڭگو پەن-تېخنىكا ساسەھىدە رۇسىيەدىن تېزلا ئېشىپ كېتىدۇ ھەمدە غەرب بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ . جۇڭگونىڭ مۇشۇ ھەرىكىتى نەتىجىسىدە يۇقىرى ، يېڭى پەن-تېخنىكا ئامېرىكىغا ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەت شارائىتىدىلا تەرەققىي قىلالايدۇ ، دەيدىغان ئەپسانە يوققا چىقىدۇ .
مەنبە : نۇر ئۇچۇر تورى