اﷲ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقان اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار سۈرە مائىد
اﷲ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوچۇق دۈشمەندۇر سۈرە نىسا
ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، اﷲ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ [31]. l سۈرە ئەئراف
كېنىيە دەدئەب مۇساپىرلار لاگىرىدىكى بالا.بۇ يەرگە نۇرغۇنلىغان سومالىلىقلار ئۆز يۇرتلىرى قۇرغاقچىلىق ۋە
ئاچارچىلىق تۈپەيلى خاراپ بولغاندىن كىيىن كەلگەن.ئافرىقىنىڭ شەرقى قىرغاقلىرىدا تەخمىنەن 2.23
مىليون گۆدەك بالا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئازابىنى تارتىۋېتىپتۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا قارىغاندا ،ئەگەر تېز ياردەم كەلمىسە كەم دىگەندە 500مىڭ
بالا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىدىكەن.بۇ بالا دەدئەبتىكى ئامبۇلاتورىيەسى بولمىغان دوختۇرخانىدا ياتماقتا.

شەرقى ئافرىقىدا 60يىلدا كۆرۈلمىگەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن بۇلۇپ ،تەخمىنەن 11مىليون كىشى
ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان.سومالى ئاپەت تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان ،نەچچە يىللىق ئىچكى ئۇرۇشنىڭ
سەۋەبىدىن دۆلەت ئاساسلىق ئەسلىھەلىرىمۇ ۋەيران قىلىنغان ئىكەن.
سومالىدىكى ياردەمچى پىدائىلار قارا چۈشتىن بىرنى كۆردى ،پايتەخىت مۇقيادىشنىڭ سىرتىغا ياردەم بۇيۇملىرىنى
تۇشۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.نەچچە مىڭلىغان سومالىلىقلار مۇقيادىشقا ئېقىپ كىردى.

بۇ ئانا ئوزۇقلۇق يىتىشمىگەن بالىسى بىلەن مۇقيادىشتىكى بەنەدىر دوختۇرخانىسىدا.

ئاياللار مۇقيادىشتا يىمەكلىك تەمىناتىنى ساقلاپ ئولتۇرماقتا.

نۇرغۇنلىغان سومالىىلقلار قوشنا دۆلەت ئىففوپىيە ۋە كېنىيەدە ياردەم ئىزدىمەكتە.بۇ قىز ھازىر كېنىيەنىڭ دەدئەب
مۇساپىرلار لاگىرىدا. بۇ لاگىر ھەر كۈنلۈكى نۇرغۇن مۇساپىرلارنىڭ كىلىش بىلەن توشۇپ كەتكەن.دەدئەبكە 90
مىڭ كىشىلىك تۇرالغۇ ھازىرلانغان بۇلۇپ ، ?"ھازىر بۇ يەردە تۇرىۋاتقانلا ر 389مىڭدىن ئاشىدىكەن.كۈنىگە
1500كىشلىك "يېڭى كەلداخۇن" سۈرئىتى بىلەن بۇ لاگىردا ئېغىر قىستاڭچىلىق يۈز بەردى.

ب د ت مۇساپىرلار باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىسى دەدئەبتىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ مۇنداق دىدى:"مەن كۆپلىگەن
نامراتلار لاگىرىنى كۆرگەن،ئەمما مەن ھىچقاھان بۇنداق ئۈمىدسىزلىك ھالىتىنى كۆرمىگەن."بۇ ئىككى ئايلىق
بولغان بوۋاق داۋۇد ئەلى ئانىسى بىلەن ئامبۇلاتورىيەسىز دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.
بۇ ئايال ب د ت ئاشلىق تەمىناتى چېدىرلىرى ئارىسىدا ماڭماقتا.
بۇ بالا نېمە ئۈچۈن يىغلاۋاتقاندۇ؟؟تامغا ئېسىلغان رەسىمدىكى ئىنگىلىزچە يېزىلغان رېستۇران دىگەن
خەتنى ۋە ئۈستەل ئۈستىگە تەييارلانغان مەززىلىك يىمەكلىكلەرنى كۆردىڭىزمۇ ؟
]

bقاراڭ بۇ ئادەمگە،بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ!!!
رەسىمدىكىدەك«ئۇرۇقلىيالىغان»بالىنى كۆرگەنمىدىڭلار؟!
بۇ بىچارىگە نىمە بولغاندۇ ئەمدى........
ھەي،ھەممە ئانا بالىسى ئۈچۈن كۈيىدۇ_ھە!!!
سومالىلىق دوختۇر ئايال كىسەل بالىغا ئۇكۇل ئۇرماقتا،قاراڭ ئۇلارغا ،ئاللاھقا بولغان چۇڭقۇر ئىشەنچ
تۈپەيلى يۈزلىرىدە يەنىلا كۈلۈمسىرەش بار ئىكەن.
ئافرىقا ___ سەھرايى كەبىرنىڭ تونۇردەك قىززىقلىرىدا تاۋلانغان ئاتەش زىمىن.مانا بۇ زىمىندا
ئىنسانىيەت تىراگىدىيىسى يۈز بەرمەكتە.نەچچە مىڭلىغان ئىنسانلار ئاچارچىلىقتىن جان ئۈزمەكتە.
قېرىندىشىم تاماق ئۈستىلىڭىزگە قاراپ باقتىڭىزمۇ ؟ نېمىدىگەن مول يىمەكلىكلەر ھە!ئاللاھقا كۆپلەپ
شۈكرىلەر بولسۇن.يەنە ئەتراپىڭىزغا قاراپ باقتىڭىزمۇ؟!كۈندە قانچىلك يىمەكلىك ئىسراپ بولىدىكەن،
ھەشەمەتلىك سورۇنلاردىن بىر چوكا تەگمەي تۈكۈلگەن تائاملار....ئەمەك ئىت _كۈچۈكلەر
ئۈچۈن ئالى تەييارلانغان تاماقلار......
ئى قېرىندىشىم ،ئىككى قولىڭىزنى كۆتۈرۈپ بۇ قېرىنداشلار ئۈچۈن ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھقا
دۇئا قىلىپ قۇيۇڭ !!! گەرچە باشقا ياردەم قولىڭىزدىن كەلمىسىمۇ!!!ھەممىمىز بىر مۇسۇلمان ئەمەسمۇ!!!
ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان)
كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، اﷲ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى
ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ
ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرۈشلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسمى تەرجىمە قىلىندى ،
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەردىن تىخىمۇ كۆپ كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ئۇلىنىشىغا
مۇراجىئەت قىلىڭ!!! ____مۇئەتتەر
'
http://www.life.com/gallery/62331/somalia-inside-the-refugee-crisis#index/1 |
http://www.theatlantic.com/infocus/2011/07/famine-in-east-africa/100115