ئەگەر
گۈل بولساڭ ئەگەر
يېنىڭدا بۇلبۇل سايراپ تۇرسۇن .
كۆل بولساڭ ئەگەر
سۈيىڭدە بېلىق ئويناپ تۇرسۇن .
تۈن بولساڭ ئەگەر
زىننىتىڭ ئاي ، يۇلتۇزۇڭ بولسۇن .
شام بولساڭ ئەگەر
سەندە كۈيەر پەرۋانەڭ بولسۇن .
ئوت بولساڭ ئەگەر
كۈيەرگە چوغ ،ئۇچقۇنۇڭ بولسۇن .
ياش بولساڭ ئەگەر
لاۋۇلدىغان يۈرىكىڭ بولسۇن .
ياز بولساڭ ئەگەر
ئېچىلارغا گۈللىرىڭ بولسۇن .
كۈز بولساڭ ئەگەر
يىغىۋالسۇن ھۇسۇلۇڭ بولسۇن .
قىش بولساڭ ئەگەر
قار بولمىسا مۆلدۈرۈڭ بولسۇن .
كۈي بولساڭ ئەگەر
مىسكىن دىلگە مۇڭلىرىڭ بولسۇن .
ئەربولساڭ ئەگەر
ئەرچە سۈپەت غۇرۇرىڭ بولسۇن .
* * * * *
گۈل بولساڭ يەنە
خۇشپۇراقلىق تىكىنىڭ بولسۇن .
تۈن بولساڭ يەنە
ئاپئاق سۈزۈك ئايدىڭىڭ بولسۇن .
شام بولساڭ يەنە
بۇلۇڭلارغا يۇرۇقۇڭ بولسۇن .
ئوت بولساڭ يەنە
سەن كۆيدۈرگەن كۈللىرىڭ بولسۇن .
ئەر بولساڭ يەنە
يۇرتۇڭدا شان-شەۋكىتىڭ بولسۇن .
- (خاتىرەمدىن) دەرۋىش