查看完整版本: [--
ئەگەر
--]
كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى
->
شېئىر روبايىلار
->
ئەگەر
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
xir
2011-09-25 00:44
ئەگەر
گۈل بولساڭ ئەگەر
يېنىڭدا بۇلبۇل سايراپ تۇرسۇن .
كۆل بولساڭ ئەگەر
سۈيىڭدە بېلىق ئويناپ تۇرسۇن .
تۈن بولساڭ ئەگەر
زىننىتىڭ ئاي ، يۇلتۇزۇڭ بولسۇن .
شام بولساڭ ئەگەر
سەندە كۈيەر پەرۋانەڭ بولسۇن .
ئوت بولساڭ ئەگەر
كۈيەرگە چوغ ،ئۇچقۇنۇڭ بولسۇن .
ياش بولساڭ ئەگەر
لاۋۇلدىغان يۈرىكىڭ بولسۇن .
ياز بولساڭ ئەگەر
ئېچىلارغا گۈللىرىڭ بولسۇن .
كۈز بولساڭ ئەگەر
يىغىۋالسۇن ھۇسۇلۇڭ بولسۇن .
قىش بولساڭ ئەگەر
قار بولمىسا مۆلدۈرۈڭ بولسۇن .
كۈي بولساڭ ئەگەر
مىسكىن دىلگە مۇڭلىرىڭ بولسۇن .
ئەربولساڭ ئەگەر
ئەرچە سۈپەت غۇرۇرىڭ بولسۇن .
* * * * *
گۈل بولساڭ يەنە
خۇشپۇراقلىق تىكىنىڭ بولسۇن .
تۈن بولساڭ يەنە
ئاپئاق سۈزۈك ئايدىڭىڭ بولسۇن .
شام بولساڭ يەنە
بۇلۇڭلارغا يۇرۇقۇڭ بولسۇن .
ئوت بولساڭ يەنە
سەن كۆيدۈرگەن كۈللىرىڭ بولسۇن .
ئەر بولساڭ يەنە
يۇرتۇڭدا شان-شەۋكىتىڭ بولسۇن .
- (خاتىرەمدىن) دەرۋىش
تاھىربەگ
2011-09-25 10:29
خاتىرلىرڭىزنى تۆكۈپ تۇرۇڭ شىر پالۋانكا
dulbarqin310
2011-09-25 11:09
مۇشۇنداق ياخشى خاتىرىسى بار تۇرۇپ يەنە بىزگە كۆرسەتكۈسى كەلمەيۋاتىدۇ.
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.
تاش
2011-09-25 18:27
بۇ شېئىرنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە بولۇپ كەتتى ئەمدى؟
تاش
2011-09-25 18:30
<<قىش بولساڭ ئەگەر
قار بولمىسا مۆلدۈرۈڭ بولسۇن >>.نەدىمۇ قىشتا مۆلدۈر بولىدۇ؟
تاش
2011-09-25 18:33
<<گۈل بولساڭ يەنە
خۇشپۇراقلىق تىكىنىڭ بولسۇن >>تىكەن خۇشپۇراق بولمايدۇ.مېنىڭچە،بۇ مىسرانى
<<گۈل بولساڭ ئەگەر
سانجىلارغا تىكىنىڭ بولسۇن>>دەپ ئۆزگەرتسەك بولامدىكىن؟
تاش
2011-09-25 18:35
<<شام بولساڭ يەنە
بۇلۇڭلارغا يۇرۇقۇڭ بولسۇن>>مېنىڭچە ،بۇلارنى دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق.شام دېگەن ياقسىلا،بولۇڭلارغىلا ئەمەس،خېلى كەڭرى يەرلەرگىمۇ يورۇق بېرەلەيدۇ .بۇنى شامنىڭ يورۇقىدا ئولتۇرۇپ باققانلار بىلىدۇ.
تاش
2011-09-25 18:41
<<كۈز بولساڭ ئەگەر
يىغىۋالسۇن ھۇسۇلۇڭ بولسۇن >>بۇ مىسرادا ئىملا خاتالىقى بولغاچقىمۇ باغلاشمىغان. ئاپتۇر توغرا چۈشەنسە تۈزۈتۈپ قويسا
natsist
2011-09-27 19:23
تاش ئاكا سىزمۇ بىرە پارچە شىئېر يېزىپ بىزلەرگە سوۋغا قىلمامسىز
oglan
2011-09-29 01:09
ئوغلان
xir
2012-05-02 23:53
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى oglan نىڭ 2011-09-29 01:09 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئوغلان
ئوغلان سىزمىنى تۇنۇمسڭز قانداق
تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئۇقۇغىنىمدا كونسىپىك دەپتەر . كىتاپ ماتىرىيال دىگەندەك ھەممە يەرگە ئوغلان دەپ يېزىپ قۇياتتىم ساۋاقداشلىرىممۇ شۇنداق چاقىراتتى ، لىكىن تۇلۇقنى پۈتتۇرۇپ ژورنال ۋە باشقا مەتبۇئات ئۇرۇنلىرىدا بو تەخۇللۇسنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىپ بولغىنىنى كۆرۇپ ئاندىن شىر دەپ كىردىم ، ئەمدىلىكتە دەرۋىش دەپ كىرىدىغان بولدۇم شىر دەپ كىرگەن مۇنبەرلەرگىمۇ تىما يوللىسام ئاخىرىغا دەرۋىش دەپ ئىمزا قۇيىدىغان بولدۇم .
查看完整版本: [--
ئەگەر
--] [--
top
--]
Powered by
PHPWind
v7.3.2
Code © 2003-08
PHPWind
Time 0.051417 second(s),query:3 Gzip enabled
You can
contact us