ئاتالمىش سەنئەت ساھەسىدە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق ھالىتىنى ساقلىشى قىيىن.ئارىمىزغا نۇرغۇن غەرب مەدەنىيىتى،ئۆزگە دىن مەدەنىيىتى ئاللىبۇرۇن سەنئەت نامى بىلەن كىرىپ بولدى،بىراق بىز سەنئەتخۇمار مىللەت دىگەن نامغا گول بولۇپ،ئاتالمىش سەنئەت نامى بىلەن كىرگەن ئۆزگە مەدەنىيەتنى كۈلۈمسىرەپ كۈتىۋالدۇق.ئادەتتىكىسىنى قويۇپ تۇرايلى روسىيىنىڭ ئاققۇ ئۇسۇلى دەمدۇ بىر نېمىسى بار ،كىيىمنىڭ ھېسابىدا يوق بىر نەرسىلەرنى كىيىۋېلىپ ئوينايدىغان،يەنە تانسا،كوچا ئۇسۇلى.....قايسى بىرى مەن مۇسۇلمان دىگەن كىشى قوبۇل قىلىدىغان ئىشلار قاتارىدىن .بىز خەقنىڭ ئىچىدىكىنى بىلمەيمىز،كۆڭلىدە ئويلىغىنىنى ھەم بىلمەيمىز.بىراق كۆڭلىمىزدە بىلىمىز دەپ ئۆزىمىزنى ئالداپ كۆنۈپ كەتكەن بىز قاچانغىچە ئويغانمايمىز.
شارۇلخان مۇسۇلمان بوپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق،خوش بولدۇق،ئاللاھقا ھەمدۇسانالار ئېيتتۇق.بىراق كېيىنچۇ؟كېيىن ئىشلىگەن كىنولىرىغا قارىساق بىلىمىز،نى يېرىم يالىغاچ خوتۇنلار بىلەن ئۇسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تولا.
يۇلتۇز ئوسمانوۋمۇ ھەجگە بېرىپ كېلىپ،رومال ئارتىپ ناخشىلىرىدا ئاللاھنى كۈيلىدى،سۈرە فاتىھەنى كىرىشتۈرگەن يەرلىرىمۇ بار تېخى،بىراق كېيىن تۈركىيىگە بېرىپلا ،يەنە يېرىپ يالىڭاچ كىينگەن مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئېلان قىلدى.ئەجىبا مۇشۇ مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىمۇ؟مۇسۇلمان مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكمۇ؟
مۇشۇنداق گەپلەر بولۇنسا بەزى تورداشلار ئالدىراپ بىزنى كۆرەلمەسلىك قىلدى ،ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن پوق كەلمەيدۇ،نام چىقارغانلارنى كولاپ دەيدۇ.ئەمەلىيەتتە بىز تازا بەك كۆرگەچكە مۇشۇ گەپلەرنى دەيمىز،چۈنكى ئۇلار ھېچ بولمىسا نام چىقارغان كىشىلەر،مۇخبىر دىگەن دەل شۇنداق كىشىلەرنىڭ كەينىدە يۈرىدۇ.ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەركىتىگە نۇرغۇن كىشى دىققەت قىلىدۇ.مۇسۇلمان بولغان بولسا،شۇ ھامان ھەممە يەرگە پۇر كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىسلامنى چۈشەنمىگەن كىشىلەر ئۇلارغا قاراپ ئىسلام مۇشۇنداق دىن ئوخشايدۇ.بىزنىڭ دىنلارنى بەكمۇ پەرقى يوقكەن دەپ چۈشىنىپ قالىدۇ.
بىزدەك ئارىدا قالغانلارغىغۇ مايدەكلا ياقىدۇ،كۆڭلىمىزدە بىلىمىز دەپ............