باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 323 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تارىخ دەرىسى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5657
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 502 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-10
ئاخىرقى: 2011-10-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-24 18:48

تارىخ دەرىسى

                                                                       تارىخ دەرىسى
كېچە.ئەتراپ دىمىق ۋە بۇرۇقتۇرۇم. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقا كىرگىلى بىر يىل بولغان ئۈمىد نېمىنىدۇر ئويلانغان ھالدا ئەسلىمە يېزىۋاتقان دادىسىنىڭ يېنىغا كىردى.
دادا ،دەپ ئاستا توۋلىدى ئۈمىد.
سەئىدۇللايوف ئەپەندى ئوغلىغا بۇرۇلۇپ قارىدى. ئۇنىڭ قورۇق بېسىپ كەتكەن قاتاڭغۇر چىرايى ئۈستەل چىرىغىنىڭ ئانچە كۈچلۈك بولمىغان يورۇقىدا سۈرلۈك كۆرۈنەتتى.
دادا ،ئوخشاش بىر ئادەمنى ھەرخىل كىتابلاردا ھەرخىل باھالاپ يېزىشىدىكەن ،ھەتتا بىر ئادەمگە بۇرۇن بېرىلگەن باھا بىلەن ھازىر بېرىلگەن باھا بىر - بىرىگە پۈتۈنلەي زىت كېلىدىكەن. ھېچ بىلەلمىدىم ،زادى تارىخ دېگەن قانداق نەرسە ؟
سەئىدۇللايۇف ئەپەندى غىل - پال كۈلۈمسىرەپ قويدى. بەلكىم بۇ سوئال بىرئاز ئۇشتۇمتۇت تۇيۇلغان بولسا كېرەك، ئۇ بىردە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. دەرۋەقە، قېلىن تۇمان ئارقىسىدا تاشلىنىپ ياتقان جىلۋىدار ئۆتمۈشنى دەرھاللا يەكۈنلەپ بىر نېمە دېيىش ئاسان ئەمەس.
مانا، مېنىڭ ئۆزۈممۇ بىر تارىخ، بۇ تارىخ ئۆزۈمدىن بۇرۇنقى ۋە ئۆزۈمدىن تاشقىرى تارىخلارنىڭ مەھسۇلى، ئەمما بۇ تارىخنى قانداق تىلدا سۆزلەشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە، ئۇنى ئوقۇش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر لۇغەت كېتىدۇ.
سەئىدۇللايوف ئەپەندى تۇرۇپ قالدى. ئۈمىد جاۋابىنىڭ شۇنداق ئاخىرلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ،ئۇلاپلا سورىدى:
ئۇ قانداق لۇغەت دادا؟
سەئىدۇللايوف ئەپەندى يەنە كۈلۈمسىرەپ قويدى، لېكىن بۇ كۈلكىنى بەھۇزۇر كۈلكە دېگىلى بولمايتتى.
ئۇ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي سەرگۈزەشتىسى ،يەنى جاراھىتى ،تېڭىرقىشى ،ئالدىنىشى،غەزەپلىنىشى ،قاتتىق ۋارقىرىشى، خىيال قىلىشى ،
بىئارام بولۇشى ،تىت - تىت بولۇشى، قۇربان بېرىشى ئارقىلىق تۈزىدىغان لۇغەت، بۇ لۇغەت ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بولىدۇ، ئۇنى باشقىلارغا ۋاكالىتەن تۈزۈپ بەرگىلى ،نەشر قىلىغىلى بولمايدۇ. تارىختىن ئىبارەت مۇرەككەپ كىتاب ئالدىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە لايىق >> ئېلىپبە <<سى بولىدۇ.
دېمەك تارىخ ياراتمىغانلار تارىخنى تۈرۈك ئوقۇيالمايدىكەن-- دە، شۇنداقمۇ ،دادا؟
توغرا دېدىڭ.
ئۇنداق بولسا تارىخنى قانداق ئادەملەر يازىدۇ؟
تارىخنى غالىبلار مەغلۇپلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ. ئەمما دۈمبىسىنى تۇتۇپ بەرمىگەنلەر مەغلۇپلاردىن ئەمەس.
بۇنى ئانچە چۈشىنەلمىدىم، دادا.
مەسىلەن، مېنىڭ ئىسمىممۇ بىر تارىخ، << سەئىدۇللا >> دېگەن ئىسىمىم مېنىڭ ئۆز - ئۆزۈمگە مەنسۇپ بولغان تارىخىم، << يوف >> دېگەن قوشۇمچە سۆز بولسا مېنىڭ تارىخىمغا تېڭىلغان ئۆزگىچە تارىخ. مەن بۇنى ئۆز پېتى قويۇپ قويدۇم، چۈنكى ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق. جاھاندا غەيرىي كۈچلەرنىڭ تەسىرىدىن مۇتلەق خالىي تۇرالايدىغان تارىخنى مەن تېخى كۆرمىدىم.
ئارىنى ئۇققىلى بولمايدىغان بىرخىل جىمجىتلىق قاپلىدى. بۇ يۇقىرىقى سۆھبەتنىڭ سىرلىق كۈچىدىنمۇ ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ بىردەم سۈكۈت قىلشىنى خالىغانلىقىدىن بولدىمۇ، ئىشقىلىپ، ئىبادەتكە ئوخشايدىغان دەقىقىلەر بىر پەس ھۆكۈم سۈردى.
ئۈمىد جىمجىتلىقنى بۇزدى:
دادا سىزنىڭچە، تارىخنى قانداق ئۇسۇلدا ئۆگەنسە بولىدۇ؟
كۈتۈپخانا ۋە مۇزېيلارغا بېرىش، بۇمۇ تارىخ ئۆگىنىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ،لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، مەن مىلتىق دېگەن نەرىسىنى تۇتۇشنى ،چۇۋۇپ قوراشتۇرۇشنى ئۆگەنگەندىن كېيىنلا تارىخنى ئۆزۈمچە چۈشىنىپ قالدىم، مەسىلەن، بىر كونا پوپايكىنى چۇۋۇيالىسا بۇمۇ بىر تارىخ، لېكىن بۇ يېرىم - يارتا تارىخ بولۇپ قالىدۇ، ئۇنى چۇۋۇپ بولغاندىن كېيىن ،دىتىڭگە لايىق كېلىدىغان بىر پوپايكا ياكى بىر پەلەي توقۇساڭ، مانا بۇنىڭ ئۆزى پۈتۈن تارىخ بولىدۇ. تارىخ ئوقۇش دېگەن ئاشۇنداق گەپ.
سەئىدۇللايوف ئەپەندى ئوغلىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، بىر تال تاماكىنى ئاغزىغا سېلىپ تۇتاشتۇردى. ئۇ تاماكىنى قاتتىق بىر شوراپ، ئىسنى ئۈستەل چىرىغىغا قارىتىپ پۈۋلىدى، چىراغ ئەتراپىدا خاتىرجەم ئويناۋاتقان بىر قانچە كۇمۇتا ھودۇققىنىدىن ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشىتى.
مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىم دالىلاردا ئۆلدى، دېدى سەئىدۇللايوف ئەپەندى تىترىگەن ئاۋازدا، بۇلارنىڭ جەستى قوتۇر لالما ئىتلارغا يەم بولمىدى، چۈنكى لالما ئىتلار كىشلەر تۈگۈلۈپ يىغىلىۋالغان شەھەرلەردە ياشايدۇ، ئۇلاردا باياۋانغا بارالايدىغان تەبىئەت يوق. باياۋان دېگەن بۈركۈت ،شۇڭقار ،شىر ،يولۋاسلارنىڭ ۋەتىنى، ئۇ يەردە تەمە دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس، ئۇ يەردە باتۇرلۇق ۋە ھوشيارلىقتىن بىر دەقىقمۇ ئايرىلماي ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ياشاش دېگەن رەھىمسىزلىكىنڭ گىرداۈبىدا تۇرىدىغان نەرسە، رەھىمسىزلىك بار يەردە كۆرەش
بولىدۇ. بەلكىم مېنىڭ دوستلىرىمىنڭ جەستى شىر، يولۋاس، بۆرىلەرگە، بۈركۈت، لاچىنلارغا ئوزۇق بولغاندۇ، ئۇلارنىڭ روھى بۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇرسەن بولغاندۇ. چۈنكى ئاشۇنداق باھادىر كىشلەرنىڭ جەسىتى باھادىر جانلىقلارغا ئوزۇق بولۇپ ،ئۇلارغا مەدەت بەرسە ،شەرەپنىڭ ئۈستىگە شەرەپ ئەمەسمۇ!؟ مانا مەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام ،كۆرپىنىڭ ئۈستىدە جان بېرىدىغان ئوخشايمەن، لېكىن ئاللىبۇرۇن روھىمنى قۇتقۇزۇپ بولغان ئادەممەن. شۇڭا دوستلىرىم مېنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، ئۇلار مېنىڭ كېيىنىكى ھاياتىمنى كۆرۈپ تۇرغان بولغاچقا ئوبدان چۈشنىدۇ. ھايات ئۇزۇنمۇ بولىدۇ، قىسقىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنسى ئۆزىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋاقىتلارغا يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. ھاياتىڭنىڭ ئاز - تولا ئەھمىيتى بولسىلا، ئۇنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق.
سەئىدۇللايوف ئەپەندى گېپىنى توختاتتى - دە، ئالدىدىكى ئۈستەلنىڭ تارتمىسىدىن بىر كارتۇچكىنى چىقىرىپ ئوغلىغا ئۇزاتتى ۋە
شۇنداق دېدى:
مانا بۇ مېنىڭ قەبرىنامەم، مەن ئاخىرقى بىر ئابزاسنىمۇ باشقىلارنىڭ قەلىمىگە قالدۇرۇشنى خالىمىدىم. پەرزەنتىم بولۇش سۈپتىڭ بىلەن سادىق
بولدىغانلىقڭغا ئىشنىمەن.
ئۈمىد كارتۇچكىغا قارىدى ، ئۇنىڭدا شۇنداق يېزىلغانىدى : بۇ يەردە ياتقان كىشنىڭ ياخشى پىلانلىرى بار ئىدى، ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ باقتى. ئۇ ئاخىرى مەغلۇپ بولۇشقا قىلچە تەن بەرمىگەن ھالدا كېتىپ قالدى".

ئابدىقادىر جالالىدىن ئەسەرلىرىدىن پارچىلار

دوستلىشىش
جەڭچى
JANG PALTISI+UYGUR
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 541
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە541دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 5620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2011-10-17

نىمدىگەن ئىسىل ،،،ئەسلى مۇنبەرنى مۇشۇنداق نان تىگىدىغان ئەسەرلەر بىلەن توشقۇزۇش كىرەك ئىدى. ئاللاھ  سىز نىڭ ۋە ئۇيازغۇچىمىز نىڭ قولىغا دەت بەرمىسۇن. تەۋسىيەرىم شۇكى مۇشۇنداق تىمىلارنى بىزدىن ئايمىغايسىز.
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن،دوسلۇرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
دوستلىشىش
baxmaltak
baxmaltak
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3281
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 168
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە168دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1695 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2011-10-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 19:57

نادىرلىسا بولغىدككەن.