
[رۇسىيە ئىستراتېگىيە-مەدەنىيەت فوندى جەمئىيىتى تور بېكىتى باش ماقالىسى]
لىۋىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەتنىڭ تەغدىرى ئاللىقاچان غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلىپ بولغان. بۇنىڭدا مەسىلە غەرب دۆلەتلىرى قۇتراتقان ئىنقىلابىي ھەرىكەت ياكى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يېقىندا ماقۇللىغان قاراردا بولماستىن، بەلكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېكىتكەن ۋە يولغا قويغان لىۋىيەنى يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتكەنلىكى ۋە يولغا قويغانلىقىدا. «چوڭ شاھمات تاختىسى»غا كۆپ يىل ئىلگىرىلا لىۋىيەگە بومباردىمان قىلىش مەنىسىدىكى قىزىل چەمبىرەك سىزىلغان.
غەرب دۆلەتلىرى 1969-يىلى 1-سېنتەبىر كازافى باشچىلىقىدىكى «ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى»نىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئىلىشىنى قوللىغان. غەرب دۆلەتلىرى بۇنداق قىلىشتا پادىشاھ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا «ئازاب چېكىۋاتقان» لىۋىيە خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىگە كۆڭۈل بۆلۇشنى چىقىش قىلمىغان. ۋاشىنگتون بىلەن لوندون ياش كازافىنى قوللاپ تەختكە چىقىرىشىدا باشقىچە غەرەزدە بولغان، ئۇلار كازافى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا، لىۋىيە ۋە ئافرىقىدىكى سىياسىي تەسىرىمىزنى كۈچەيتەلەيمىز، دەپ قارىغان، ئۇلار كازافىنىڭ دۆلەتنى ئۇزاققىچە ئىدارە قىلىش پىلانى، كەڭ ئىجتىمائىي ئاساسىي، ئەرەب دۇنياسىدىمۇ سىياسىي ئابرويى يوق، دەپ مۆلچەرلىگەن. ھازىر نېمە دېيىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بېقىندى دۆلەت قۇرۇش ئىدى. لېكىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ شېرىن خىيالى ئەمەلگە ئاشمىدى. لىۋىيە يېڭى ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، بۇ دۆلەتتە جاھانگىرلىككە، غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى يۈزلىنىش پەيدا بولدى.
تىرىپولىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە بولغان بىرىنچى قېتىملىق كۈچلۈك زەربىسى 1969-يىلى ئۆكتەبىردە لىۋىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمى ۋەكىلىنىڭ ب د ت نىڭ 24-قېتىملىق كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدىن ئىبارەت بولدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، لىۋىيە چەت ئەلنىڭ بارلىق بازىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم بىلدۈردى. كېيىن، لىۋىيە رەھبىرى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ لىۋىيەدىكى باش ئەلچىسىگە ئالاقىدار شەرتنامىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۇقتۇردى.
لىۋىيەنىڭ ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى چەت ئەل كاپىتالىغا ھۇجۇم قىلىشى لىۋىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە بەرگەن 2-قېتىملىق كۈچلۈك زەربىسى. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش چەت ئەلنىڭ ھەربىي بازىرىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىشتىنمۇ قىيىن بولدى. ئالدى بىلەن، 1970-يىلى لىۋىيە ھۆكۈمىتى بۇيرۇق جاكارلاپ، بارلىق بانكىلارنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئالدى. 1973-يىلى لىۋىيە، ئىراق ۋە ئالجىرىيە ئۆز دۆلىتىدىكى بارلىق نېفىت سانائىتىنى كونترول قىلىۋېلىپ، چەت ئەللەرنىڭ بارلىق نېفىت شىركەتلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۋالدى .
كاپىتالغا قوزغىغان 3-قېتىملىق كۈچلۈك زەربىسى كەڭ كۆلەملىك، شۇنداقلا ئىدىيىۋى ئاساسقا ئىگە ئىدى، بۇ ھۇجۇم شۇ جايدىكى كاپىتالىستلارنىڭ مەنپەتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى . 1977-يىلى كازافى « دۆلەت ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، مانا بۇ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدىكى تەرەققىيات پرىنسىپى بولدى. كازافىنىڭ تىتو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ قۇيۇقلىقى ۋە سوتسىيالىستىك يۇگوسلاۋىيە ئاپتونومىيە نەزەرىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىغاندا، كازافى دەل مۇشۇ ئىدىيەنى قوللانماقچى بولغان ئىدى. كېيىن، كازافى كارخانىلارنى كارخانا ئىشچىلىرى كوللېكتىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى كازافىنىڭ كاپىتالىزمنىڭ ماھىيىتىگە تۈپتىن خىلاپلىق قىلىشىغا سەۋەب بولدى.
لىۋىيە 1977-يىلى نويابىردىن باشلاپ، ئىشلەپچىقىرىش، سودا ۋە مۇلازىمەت ساھەسىدە «ياللانما ئىشچى ئەمەس، بەلكى ھەمراھ بولۇش»شۇئارىنى ئوتتۇرغا قويدى، كېيىن يەنە تۇرالغۇ ئۆز ئىلىكىدە بولۇشنى يولغا قويدى. 1978-يىلى مايدا لىۋىيە قانۇن ئېلان قىلىپ، ئۆي ئىجارە تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى ئىجارە ئالغۇچى ئۆي ئىگىسىگە ئايلاندى. لىۋىيەدە يولغا قويۇلغان دۆلەت ئىخىتىيارلىقىغا ئۆتكۈزۋېلىش بىۋاسىتە تارتىۋېلىش ئەمەس بولۇپ، 1917-يىلىدىكى رۇسىيە ياكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بەزى خەلق دېموكراتىيەسى دۆلەتلىرى قوللانغان ئۇسۇلغا ھەرگىز ئوخشىمايتتى. بەزى دۆلەتلەر قارشى تۇرۇشنى پائال پىلانلىغان، ھەتتا قانۇنسىز ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، كازافى يەنىلا نۇرغۇن پىلاننى يولغا قويدى. غەرب دۆلەتلىرى قۇتراتقان مالىمانچىلىق باشلىنىشتىن ئىلگىرى، لىۋىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى ئاساسەن ناھايىتى ئوبدان ئىدى، مەسىلەن: ئاشلىق ۋە باشقا يېمەكلىكلەر ئەرزان، قاتناش ۋە بېنزىن ئاساسەن ھەقسىز، تۇرالغۇسىمۇ ھەقسىز ئىدى.
غەرب دۆلەتلىرىنىڭ لىۋىيەنى يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىشىگە لىۋىيە رەھبىرىنىڭ سىياسىي فاڭجېنى سەۋەب بولدى. كازافى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىگە بويسۇنماي، بەلكى ئالاھىدە ئەركىنلەشكەن تەرەققىيات ئەندىزىسىنى، يەنى ئاتالمىش «3-دۇنيا نەزەرىيىسى»نى ئورناتتى. كازافىنىڭ «كۆكتاشلىق كىتاب»تا بايان قىلغان بۇ نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزىرى 1976-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە ئەمەلىيلەشتى. ئۇنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك دېموكراتىيە ئەندىزىسى بۇيىچە ئورناتقان «ھەقىقىي خەلق دېموكراتىيەسى» بىرىنچىدىن، ئاۋام خەلق كېڭىشى ئارقىلىق ھوقۇقىنى بىۋاسىتە يۈرگۈزىدىغان بولۇپ، سىياسەت بېكىتىشكە ھەممە كىشى قاتنىشىش؛ ئىككىنچىدىن، خەلق ئىجتىمائىي بايلىققا ئىگە بولۇپ، ئىجتىمائىي بايلىقنى بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ بايلىقى دەپ قاراش؛ ئۈچىنچىدىن، قورالنى خەلققە تاپشۇرۇش ھەم خەلققە قورال ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش، قورالنى ئارمىيە مونوپول قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىشتىن ئبىارەت ئۈچ چوڭ پرىنسىپ ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىدى.
يۇقارقى پرىنسىپلاردىكى ئەڭ تالاش-تارتىش پەيدا قىلغىنى ئاخىرقى نۇقتا بولدى. تارىخ خەلقنى قوراللاندۇرۇش ئۇسۇلى قانلىق ئىنقىلابىي داۋالغۇش ئارقىلىق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئىسپاتلىدى. لېكىن ھازىرقى ئەھۋال ئۇنداق بولمىدى، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، لىۋىيە ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلار بۇ مەسىلىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ .
بۇ يىل فېۋرالدىن ئىلگىرى، سېتىۋېلىش ئىقتىدارى بويىچە تەڭشەلگەن باھا بۇيىچە ھېسابلانغاندا، لىۋىيەدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 13 مىڭ 800 دوللار بولۇپ، مىسىر ۋە ئالجىرىيەنىڭكىدىن بىر ھەسسە، تۇنىسنىڭكىدىن يېرىم ھەسسە يۇقىرى بولغان. لىۋىيەدە 10 ئۇنىۋېرسىتېت، 14 پەن-تەتقىقات مەركىزى بار، خەلقئارا ئۆلچەمگە يېتىدىغان ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ئاپپاراتى، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلار بار. ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى بۇيىچە سېلىشتۇرغاندا، لىۋىيە ئافىرىقا دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمىرى 77 ياشقا يەتكەن . 2001-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە، لىۋىيەنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن ( ٪3.1 ) بولغانلىقتىن، دۇنيا جىنىس رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ لىۋىيەدە سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىگە دائىر مىساللارنىڭ سان-ساناقسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئىنسانىي ھوقۇق جەھەتتە، ئەگەر ئىنسانىي ھوقۇقنى ھەقىقىي ياشاش ھوقۇقى دەپ چۈشەنسەك، لىۋىيەنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەرىجىسى رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە قازاقىستان قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭكىدىنمۇ ياخشى بولغان. شۇڭا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ لىۋىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن يولغا قويغان فاڭجېنىدا ئىنسانىي ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن.
غەرب دۆلەتلىرىنڭ كازافى ۋە لىۋىيەنى يوقىتىش پىلانىنى يولغا قويۇشىغا يەنە كازافىنىڭ 2009-يىلى سېنتەبىردە 64-قېتىملىق ب د ت كېڭىشىدە قىلغان سۆزى سەۋەب بولدى. كازافى ئەينى چاغدا 75 مىنوت سۆز قىلىپ، غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، ئۇلارنى ئىرقىچىلىق ۋە تېررورلۇقنى يولغا قويدى، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى «تېررورلۇق كومىتېتى»دېدى. ئۇ «ب د ت نىزامنامىسى»نى تۇتۇپ تۇرۇپ: بۇ ھۆججەت بۇيىچە بولغاندا، ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەر قوشۇلغان ئەھۋالدا ب د ت نىڭ قارارى بۇيىچە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، لېكىن ب د ت قورۇلغاندىن بويان، چوڭ دۆلەتلەر كىچىك دۆلەتلەرگە 64 قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى، لېكىن ب د ت ئۇرۇشنى توسۇش جەھەتتە ھېچقانداق رول ئوينىيالمىدى، دېدى. ئۇ تالىباننىڭ ئىسلام خەلىپىلىكى قۇرۇش ھوقۇقى ۋە سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىپ: سومالى دېڭىز تەۋەلىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان دۆلەتلەر ھەقىقىي دېڭىز قاراقچىلىرى، دېدى.
لېكىن، غەربنىڭ لىۋىيەنى يوقاتماقچى بولغانلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى لىۋىيەنىڭ مول نېفىت بايلىقىغا ئىگە بولغانلىقىدا. ئۇلارنىڭ «يەسىمەنگۈل ئىنقىلابى»نىڭ ۋېروسىنى ئەرەب دۇنياسىغا ئېلىپ كېلىشىدىكى مەقسىتى ئاساسلىقى لىۋىيەنى يوقىتىش ۋە پارچىلاش.
ئىقتىسادى ئامىللاردىن باشقا، رۇسىيەمۇ غەرب دۆلەتلىرىنڭ كازافىغا زەربە بېرىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. لىۋىيەگە زەربە بەرگەندە تەبىئىيلا رۇسىيەگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. لىۋىيەدە مالىمانچىلىق يۈز بەرسە، رۇسىيە ئىقتىسادى زور زىيانغا ئۇچرايدۇ. 2008-يىلى رۇسىيە بىلەن لىۋىيە 2 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق قورال-ياراغ سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاشقان، 2010-يىلى يانۋاردا يەنە 1 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاشقان ئىدى. ھازىر بۇ كېلىشىملەر كۆپۈككە ئايلاندى. لىۋىيەنى جازالاشتىن ئىلگىرى، يەنە بىر نەچچە كېلىشىم تەييارلانغان ئىدى، بۇنىڭ بىلەن لىۋىيە كىرىزىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە تەخمىنەن 4 مىليارد دوللار زىيان سالدى.
ھازىرغىچە ئېنىق بولمىغان ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئاقىۋىتى ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىستىقبالىنى كۆزدە تۇتقاندا، كەلگۈسىگە نەزەر سالساق ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كىشىدە قىلچە گۇمان پەيدا قىلمايدۇ. فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەچىلىرى لىۋىيەگە قارىتىلدىغان ھەرىكەتنى تېزلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى جەزملەشتۈردى. كازافى تۇنىس بىلەن مىسىرنىڭ رەھبەرلىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئىنتايىن قاتتىق قول، ئۆكتىچىلەر ئۇنى يېڭەلمەيدۇ. بۇ ھال غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پىلانىغا ئېغىر توسالغۇ بولدى. قارىغاندا، ئۇلار بېكىتكەن نىشانىدىن ۋاز كەچمەيدىغاندەك قىلىدۇ.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1970 -، 1973-نومۇرلۇق قارارىدا خەلقئارا قانۇندىكى تۈرلۈك پرىنسىپلار دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئىپادىلەندى دېگەندىن كۆرە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇتەپەككۇر ۋە پىلانچىلىرى پەيدا قىلغان «كونترول قىلغىلى بولىدىغان مالمانچىلىق» ۋە لىۋىيەنى يوقىتىشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلىندى دېگەن تۈزۈك. شۇنداق سۇئال قويۇشقا بولىدۇكى، بىردىنبىر ھوقۇق، يەنى قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى مەۋجۇت بولۇۋاتقان دۇنيادا ئەخلاق، ھەققانىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ساغلام كۈچلەر مۇقىم ۋە گۈللىنىۋاتقان دۆلەتنى يوقىتىشتەك ئېچىنىشلىق قىلمىشنى توسىيالامدۇ-يوق ؟ ئەمەلىيەتتە، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر سۈكۈت قىلىپ تۇرسا، قۇدرەتلىك دۆلەتلەر ئىككىلىنىپ قالسا، «دېموكراتىك فرونت»غا قاتناشمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بەزى بايلىقلارغا ئىگە بولغان ھەر قانداق دۆلەت كېيىنكى جازالىنىدىغان دۆلەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .