باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1042 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئانا ! بىلىپ تۇرۋاتىمەن ...
ھامان بىر كۈنى .......
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1475
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1475دانە
ئۆسۈش: 12570 %
مۇنبەر پۇلى: 13901 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-24 11:32

ئانا ! بىلىپ تۇرۋاتىمەن ...



تۇنجى قېتىملىق ئاتا–ئانىلار يىغىنىدا ، بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا : بالىڭىزنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلى بار ، ئورۇندۇقتا ئۈچ مىنۇتمۇ ئولتۇرالمايدۇ ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بېقىڭ ، دېدى .
ئۇ ئۆيگە قايتىۋاتقاندا ئوغلى مۇئەللىم نېمە دېدى ، دەپ سورىغاندا ، ئۇ ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى . چۈنكى سىنىپتىكى 30 كىچىك دوسىت ئىچىدە ، بالىسىنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ناچار ئىدى ؛ مۇئەللىممۇ ئۇ بالا توغرۇلۇق توختالسا قاقشايتتى . ئەمما ، ئۇ يەنىلا بالىسىغا : مۇئەللىم سېنى ماختىدى ، قۇزام سېنى ئەسلىدە ئورۇندۇقتا بىر مىنۇتلا ئولتۇرالايتتى ، ھازىر ئۈچ مىنۇت ئولتۇرالايدىغان بولدى . باشقا ئانىلار ماڭا ھەۋەس قىلىشىپ قاراشتى ، چۈنكى سىنىپىڭلاردا قۇزام سەنلا ئىلگىرىلەپسەن ، دېدى .

شۇ كۈنى كەچتە ، ئۇنىڭ ئوغلى تۇنجى قېتىم ئىككى قاچا ئاشنى يەۋەتتى ، ئانىسىنى يېگۈزۈپ قوي ، دەپمۇ تۇرۇۋالمىدى .

ئوغلى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ، ئاتا–ئانىلار يىغىنىدا ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا : سىنىپىمىزدا 50 نەپەر ساۋاقداش بار، بۇ قېتىمقى ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا ئوغلۇڭىزنىڭ نەتىجىسى 40–ئورۇندا تۇردى ، ئۇنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىدا توسالغۇ بارمىكىن ، يەنىلا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ بېقىڭ ، دېدى .
ئۇ ئۆيىگە قايتىۋاتقاچ يەنە يىغلاپ كەتتى . ئەمما ، ئۆيىگە كەلگەندە ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئوغلىغا قاراپ : مۇئەللىم ساڭا بەك ئىشىنىدىكەن ، ئۇ سېنى دۆت ئەمەس ، سەل ئەستايىدىل بولسىلا بىللە ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشىدىن ئېشىپ كېتىدۇ ، دېدى . بۇ قېتىم ئۇ ساۋاقدىشىڭ سىنىپ بويىچە 21–ئورۇنغا تىزىلىپتۇ ، دېدى .

بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا ، ئۇ بالىسىنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىنىڭ نۇرلىنىپ كەتكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ يىغلامسىرىغان چىرايىدا بىردىنلا خۇشاللىق جىلۋە قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى . ئۇ يەنىلا ئوغلىنىڭ مۇلايىملىشىپ كەتكەنلىكىنى ، ئوغلىنىڭ بىردىنلا چوڭلاپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

ئەتىسى ئوغلى ئادەتتىكى چاغلارغا قارىغاندا ، مەكتەپكە بۇرۇنراق ماڭدى . ئوغلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ، يەنە بىر قېتىم ئاتا–ئانىلار يىغىنى ئېچىلىدى . ئۇ ئوغلىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ ، مۇئەللىمنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىشىنى كۈتتى . چۈنكى ھەر قېتىملىق ئاتا–ئانىلار يىغىنىدا ، ئوغلىنىڭ ئىسمى ئارقىدا قالغانلارنىڭ ئىسمى قاتارىدا چاقىرىلاتتى . ئەمما ، بۇ قېتىم ئۇنداق بولمىدى . يىغىن تۈگىگەنگە قەدەر ئوغلىنىڭ ئىسمى پەقەتلا تىلغا ئېلىنمىدى .

ئۇ بىر ئاز ئويلىنىپ ، مۇئەللىمدىن سورىدى ، مۇئەللىم ئۇنىڭغا : ئوغلىڭىزنىڭ ھازىرقى نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتۈشى سەل قىيىن ، دېدى . ئۇ ھەيران بولۇپ مەكتەپتىن چىققاندا ، ئوغلى ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى .

ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ، ئوغلىنى قۇچاقلاپ چەكسىز شاتلىققا چۈمدى . ئۇ ئوغلىغا : سىنىپ مۇدىرى سەندىن بەك رازى ئىكەن ، ئۇ سېنى تىرىشسىلا نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتۈشىدە ئۈمىد چوڭ دەيدۇ ، دېدى .

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە تۇنجى تۈركۈمدە ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئەۋەتكەندە ، مەكتەپ ئۇنىڭ ئوغلىنى چاقىرتتى . ئۇ ، ئوغلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندەك تۇيغۇدا بولدى . چۈنكى ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا ، ئۇ ئوغلىغا بۇ مەكتەپكە ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى . ئوغلى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ئالاھىدە تېز يوللانمىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپلا ، توساتتىن تېز ئارقىغا بۇرۇلۇپ ، ھوجرىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى . ئۇ بىر تەرەپتىن يىغلاپ ، بىر تەرەپتىن : ئانا ! بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن ، مەن ئانچە ئەقىللىق بالا ئەمەس ، ئەمما بۇ دۇنيادا سەنلا ماڭا بەخت ئاتا قىلالايسەن.... دېدى .

بۇ چاغدا ئانىنىڭ قەلبىگە غەم–قايغۇ بىلەن بەخت–سائادەت ئارلىشىپ كەتكەندەك بولدى . چۈنكى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ، ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەشكەن كۆز ياشلار قولىدىكى كانۋېرتنىڭ ئۈستىگە تارام–تاراملاپ ئېقىپ چۈشتى .


« فىليەتونلار ئايلىق ژورنىلى »
دوستلىشىش
dulbarqin310
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1599
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1599دانە
ئۆسۈش: 600 %
مۇنبەر پۇلى: 16988 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-09-06

ئانىلار ئۇلۇغ، ئۇلار بىزنىڭ ئەڭ چوڭ مەدەتكارىمىزدۇر.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2237
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2237دانە
ئۆسۈش: 7440 %
مۇنبەر پۇلى: 18739 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-09-02
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-09-25 00:25

بىر كىتاپ ئوقۇغاندەك بولدۇم.......