بورھانىدىن رابانى 1937-يىلى 7- ئايدا ئافغانىستانىڭ شەرققى شىمالىدىكى بەدەخشان ئۆلكىسىدە بىر تاجىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ،1959-يىلى كابۇل ئونۋىرستىنىڭ ئىلاھىيەت ئىنستوتىغا كىرىپ ئۇقۇغان ،مەكتەپ پۇتىرگەندىن كېيىن ،شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان.1964-يىلدىن 1968-يىلغاچە مىسىر بېرىپ ئەزھەر ئونۋىرستىتىدا ئىسلام پەلسەپە ئىلمى بويىچە باكلاۋىرلىق ئونۋانى ئالغان ،ئافغانىستانغا قايتقاندىن كېيىن كابۇل ئونۋىرستىتىدا پەلسەپە ۋە دىننى ئىلملاردا پىرافىسور بولغان .
1973-يىلى ئافغانىستان باش ۋەزىرى داۋۇت ھەربى سىياسى ئۆزگىرىش قىلغاندىن كېيىن ،رابانى پاكىستانغا مۇسافىر بولۇپ كەتكەن.1978-يىلى 4- ئايدا ئافغانىستاندا سوۋىت پەرەس ھاكىميەت مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ،رابانى رەھبەرلىگىدىكى ئىسلام گۈلەندۈرۈش جەمىيىتى سوۋىت پەرەش ھاكىميەتكە قارشى غازات ئۇرۇشىنى باشلىدى.1979-يىلى روسلار ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن باشلاپ رابانى باشچىلىقىدىكى ئىسلام گۈلەندۈرۈش جەمىيىتى پاكىستانىڭ پىشاۋۇر شەھرىنى بازا قىلىپ روسلارنى تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇزۇن مەزگىلىك غازات ئۇرۇىشىنى باشلىدى.
1990-يىلى رابانى روسلارغا قارشى غازاتچى 7 پارتىيە بىرلەشمە ئىتپاقىنىڭ دېپلاماتىيە مىنىستىرى بولدى.
1992-يىلى 4-ئايدا ئافغانىستان غازاتچىلىرى كابۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ،رابانى باشچىلىقىدىكى ئىسلامنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيىتى غازاتچىلار قوشۇنىنىڭ ئاساسى كۈچى بولغاچقا ،رابانى يېڭى ۋاقىتلىق ھۆكىمەتنىڭ ئاساسلىق ھەيئىتى بولدى.1992-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئافغانىستان ھۆكىمىتىنىڭ ۋاقىتلىق ئەل باشى،1992-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆتكىنچى ھۆكىمەتنىڭ ئەلباشى بولدى.ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2 يىل بولدى.1996-يىلى 9-ئايدا تالىبان قۇراللىق كۈچلىرى كابۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ،رابانى قوشىننى شىمالغا چېكىندۈرۈپ كەتتى.1997-يىلى تالىبانغا قارشى (ئافغانىستاننى قۇتقۇزۇش ئىسلام بىرلەشمە فۇرونتى) قۇرۇلۇپ تالىبانى بۇ ئىتپاققا باش بولدى.2001-يىلى ئامىركا تالىبان ھۆكىمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن ،مەمورى ھوقوقنى ئافغانىستان ئىسلام جۇمھىريىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.2001-يىلدىن 2004-يىلغىچە رابانى ئافغانىستان ئىسلام جۇمھىريىتنىڭ ئەلباشى بولدى.2004-يىلى ۋەزىپە ۋاقتى توشۇپ ۋەزىپىسىدىن قالدى.2010-يىلى ئافغانىستان ئالى تىنچلىق كومتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ،ئافغانىستاندىكى قارشىلىشۋاتقان تەرەپلەرنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋە ياراشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللاندى.
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 20 -كۈنى شۇ يەر ۋاقتى كەچ 20 ئۆتكەن ۋاقتىدا ،ئىككى نەپەر تالىبان رابانىغا يەتكۈزىدىغان مۇھىم خەۋەر بار دەپ ،ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۋاتقان ۋاقىتتا قول ياغلىقىغا يوشۇرۋالغان بومبىنى ئۇنىڭ دۈمبە قىسىمىغا بېسىپ پارتىلتىپ شەھىت قىلغان. شەھىت بولغان ۋە ياردال بولغانلار ئىچىدە ،ئالى تىنچلىق سۆھبەت كومىتىتىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئىتى ۋە 4 نەپەر قوغدۇغىچى بار.
بۇ قەسلەش ۋەقەسىگە تالىبانلار ئۆزلىرىنىڭ مەسئول بولدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ قەسلەش ۋەقەسىنى دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر ئەيىپلىدى.
ئامىركا ھۆكىمىتى بۇ قەسلەش ۋەقەسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاندا يۈرگىزۋاتقان سىتراتىگىيىسىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تەھلىلچىلەر بۇ قەستەش ۋەقەسىنىڭ تالىبان بىلەن ئېلىپ بېرىلدىغان يارىشىش سۆھبىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.شۇنداقلا ئافغانىستاندىكى مىللەتلەر ئۇتۇرسىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالدىغانلىقىنى ھەم تاجىك مىللىتىنىڭ كارزايى ھۆكىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇردىغانلىقىنى ۋە ئافغانىستاننى بۆلۈنۈش گىردابىغا ئېلىپ باردىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.
چۈنكى بۇ تالىبان قەسلىگەن ئىككىنچى چوڭ تاجىك رەھبىرى.
بىرىنچىسى بولسا ئەھمەد شاھ مەسئود بولۇپ،ئۇ 2001-يىلى9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئافغانىستانىڭ شىمالى قىسىمىدى تاخار ئۆلكىسىنىڭ پەنجىشىر جىلغىسىدا مۇخبىر سىياقىغا كىرۋالغان تالىبانلار تەرەپىدىن پارتىلتىپ شەھىت قىلىنغان .
ئەھمەد شاھ مەسئود 1976 -يىلى كابول ئونۋىرستىتىنىڭ سانائەت ئىنىستوتىدا ئوقۇغان بولۇپ ،1979-يىلى روسلار ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان باشلاپ ،ئۆزنىڭ يۇرتى پەنجىشىر جىلغىسىنى مەركەز قىلىپ ،غازات ئۇرۇشىنى باشلىغان ،1982 -يىلى ئۇنىڭ غازاتچى قوشۇنى دەسلەپكى 30 كىشىدىن تەرەققى قىلىپ 1982-يىلىغا كەلگەندە 3000 كىشىگە يەتكەن بولۇپ غازات ئۇرىشى ئاخىرلاشقىچە ئۇنىڭ قوشىنى 30000 يەتكەن .ئۇ داڭلىق سىياسىيون ۋە تالاتلىق ھەربى قوماندان .ئۇ ئافغانىستان غازاتچىلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ،پەنجىشىر شىرى دەپ تەرىپلەنگەن .ئېتىقات ئىنتايىن مۇستەھكەپ مۇسۇلمان بولۇپ شەرىئەتنى قاتىق ئىجرا قىلاتتى.
تاجىلار
ئافغانىستان نوپوسىنىڭ %27 نى ئىگەيدىغان بولۇپ تەخمىنەن 10مىليون 900مىڭ تاجىك ئافغانىستىنىڭ شىمالى قىسىمىنى مەركەز قىلىپ ياشايدىغان بولۇپ ئۇلار كابۇل، مازار شەرىف،ھىرات،غەزىنە شەھەرلىرىگە بەلىق،تاخار،بەدەخشان سامانگەن،پەرۋان،پەنجىشىر،كاپىسا،باغلان،گور قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە جايلاشقان بولۇپ تاجىكلارنىڭ ئەڭ چوڭ توپى ئافغانىستاندا.
تاجىكىستاندا 6مىليون100مىڭ نەپەر تاجىك ياشايدۇ.
ئۆزبەكەستاندا 1 مىليون 400مىڭ تاجىك ياشايدۇ.بۇلار ئۆزبېكىستانىڭ سەمەرقەن ۋە بۇخارا شەھرىگە جايلاشقان.
پاكىستاندا 1 مىليون 200 مىڭ تاجىك ياشايدۇ.بۇلار كىترال ۋە گىلىگىت شەھەرلىرىگە جايلاشقان .
ئىراندا 500 مىڭ تاجىك ياشايدۇ.
روسىيەدە 120 مىڭ تاجىك ياشايدۇ.
گېرمانىيەدە 90 مىڭ تاجىك ياشايدۇ.
قاتاردا 87 مىڭ تاجىك ياشايدۇ.
ئامىركىدا 52 مىڭ تاجىك ياشايدۇ.
قىرغىزىستاندا 47 مىڭ تاجىك ياشايدۇ.
جۇڭگودا 41 مىڭ تاجىك ياشايدۇ.
كانادا 21 مىڭ تاجىك ياشايدۇ.
تاجىكلار تارىختا زور خانلىقلارنى مەيدانغا كەلتۇرگەن بولۇپ باكتىرخانلىقى ،سۇغدىيانا ،ساسانى ۋە سامانى خانلىقلىرىنى بەرپا قىلغان.
ئۇلار ئىچىدىن ئىسمائىل سامانى،رۇدىكى،ئەبۇ رەيھان بىرونى،ئىبنى سىنا،ئەل خارازىمى،جالادىن رومى ،ئىمامىل رەھمان،ھەفىسە كۇھىستانىدەك مەشھۇر كىشلە چىققان.
تاجىكلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئىسلام دىنىڭ ھەنىپىيە مەزھىپىدە.
[ بۇ يازمىنىappakhoja 2011-09-24 06:09قايتا تەھرىرلى ]